< ئاموس 6 >

ئى زىئوندا خاتىرجەم ئولتۇرغانلار ھەم سامارىيە تېغىغا تايىنىپ ئامان-ئېسەن ياشىغانلار! ئى ئەللەرنىڭ كاتتىسىنىڭ ئەربابلىرى! ئىسرائىل جەمەتى سىلەرنى ئىزدەپ كېلىدۇ ــ ــ سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! 1
Běda pokoj majícím na Sionu, a doufajícím v horu Samařskou, kteréžto hory jsou slovoutné mimo jiné u těch národů, k nimž se scházejí dům Izraelský.
[سىلەر خەلققە]: ــ «كالنەھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار؛ شۇ يەردىن «بۈيۈك خامات» شەھىرىگە بېرىڭلار، ئاندىن فىلىستىيلەرنىڭ شەھىرى گاتقا چۈشۈپ بېقىڭلار؛ بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟ ئۇلارنىڭ چېگرىسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭمۇ؟» ــ [دەپ ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر]. 2
Projděte až do Chalne, a odtud jděte do Emat veliké, a sstupte do Gát Filistinských, a shlédněte, jsou-li která království lepší nežli tato? Jest-li větší jejich kraj nežli kraj váš?
ئى يامان كۈننى كېچىكتۈرمەكچى بولغانلار! سىلەر جەبىر-زۇلۇمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن قىلماقچى بولىسىلەر، 3
Kteříž smyslíte, že jest daleko den bídy, a přistavujete stolici nátisku.
پىل چىشىدا نەقىشلەنگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ياتىسىلەر، دىۋانلىرىڭلار ئۈستىدە كېرىلىپ ياتىسىلەر، پادا توپىدىن پاخلانلارنى، كالا قوتانلىرىدىن موزاينى تاللاپ يەيسىلەر، 4
Kteříž léhají na ložcích slonových, a rozkošně sobě počínají na postelích svých, kteříž jídají berany z stáda a telata nejtučnější,
چىلتار ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىسىلەر، داۋۇتتەك ئۆزۈڭلارغا سازلارنى ئىجاد قىلىسىلەر، 5
Přizpěvujíce k loutně jako David, vymýšlejíce sobě nástroje muzické.
شارابنى چىنىلەپ-چىنىلەپ ئىچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا سەرخىل مايلىق ئەتىرلەرنى سۈرىسىلەر، ــ بىراق كۆڭلۈڭلار يۈسۈپ جەمەتىنىڭ زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمايدۇ! 6
Kteříž pijí z bání vinných, a drahými mastmi se maží, aniž jsou čitelni bolesti pro potření Jozefovo.
شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛ كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ. 7
Pročež jižť půjdou v zajetí v prvním houfu stěhujících se, a tak nastane žalost těm, kteříž sobě rozkošně počínají.
رەب پەرۋەردىگار ئۆز ھاياتى بىلەن قەسەم قىلغانكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن ياقۇپنىڭ غۇرۇرىدىن بىزار بولدۇم، ئۇنىڭ ئوردا-ئىستىھكاملىرىدىن نەپرەتلىنىمەن؛ مەن بۇ شەھەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھەممىنى دۈشمەنگە تەڭلا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن؛ 8
Přisáhl Panovník Hospodin skrze sebe samého, dí Hospodin Bůh zástupů: V ohavnosti mám pýchu Jákobovu, i paláců jeho nenávidím, pročež vydám město i vše, což v něm jest.
ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ. 9
I stane se, že pozůstane-li deset osob v domě jednom, i ti zemrou.
ئەگەر مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، ئاندىن [تۇغقىنى] يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ. 10
A vezme někoho strýc jeho, aneb ten, kterýž mu strojí pohřeb, aby vynesl kosti z domu, a dí tomu, kdož jest v pokoji domu: Jest-liž ještě s tebou kdo? I dí: Není žádného. I řekne: Mlč, proto že nepřipomínali jména Hospodinova.
سەۋەبى، پەرۋەردىگار بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ۋە چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ. 11
Nebo aj, Hospodin přikáže, a bíti bude na dům veliký přívaly, a na dům menší rozsedlinami.
ئاتلار تاش ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئادەملەر ئاشۇ يەرنى كالىلار بىلەن ئاغدۇرالامدۇ؟ بىراق سىلەر ئادالەتنى ئۆت سۇيۇقلىقىغا، ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر ــ 12
Zdaliž koni běžeti mohou po skále? Zdaliž ji kdo orati může voly? Nebo jste proměnili soud v jed, a ovoce spravedlnosti v pelynek,
ــ يوق بىر نەرسىدىن شادلىنىپ كەتكەنسىلەر، «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەتكە ئىگە بولغانمىز» ــ دېگەنسىلەر. 13
Vy, kteříž se veselíte, ano není z čeho, říkajíce: Zdaliž jsme svou silou nevzali sobě rohů?
چۈنكى مانا، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن؛ ئۇلار خامات شەھىرىنىڭ داۋىنىدىن ئاراباھ ئېقىمىغىچە سىلەرنى خارلايدۇ. 14
Ale aj, já vzbudím proti vám, ó dome Izraelský, praví Hospodin Bůh zástupů, národ, kterýž vás ssouží, odtud, kudy se jde do Emat, až do potoka roviny.

< ئاموس 6 >