< ئاموس 6 >
ئى زىئوندا خاتىرجەم ئولتۇرغانلار ھەم سامارىيە تېغىغا تايىنىپ ئامان-ئېسەن ياشىغانلار! ئى ئەللەرنىڭ كاتتىسىنىڭ ئەربابلىرى! ئىسرائىل جەمەتى سىلەرنى ئىزدەپ كېلىدۇ ــ ــ سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! | 1 |
那些安身熙雍,自恃撒馬黎雅山,自命為諸民之首,為以色列家所歸之人,是有禍的!
[سىلەر خەلققە]: ــ «كالنەھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار؛ شۇ يەردىن «بۈيۈك خامات» شەھىرىگە بېرىڭلار، ئاندىن فىلىستىيلەرنىڭ شەھىرى گاتقا چۈشۈپ بېقىڭلار؛ بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟ ئۇلارنىڭ چېگرىسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭمۇ؟» ــ [دەپ ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر]. | 2 |
你們去加耳乃觀察一下,從那裏到大哈瑪特,然後下到培肋舍特人的加特,看你們是否比這些國更好﹖或者你們的疆域比她們的更廣大,
ئى يامان كۈننى كېچىكتۈرمەكچى بولغانلار! سىلەر جەبىر-زۇلۇمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن قىلماقچى بولىسىلەر، | 3 |
那些想避開凶日的,卻接近了殘暴。
پىل چىشىدا نەقىشلەنگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ياتىسىلەر، دىۋانلىرىڭلار ئۈستىدە كېرىلىپ ياتىسىلەر، پادا توپىدىن پاخلانلارنى، كالا قوتانلىرىدىن موزاينى تاللاپ يەيسىلەر، | 4 |
他們躺在躺象牙上床上,棋橫臥在軟榻上,吃著羊群中的羔羊和牛欄中的牛犢,
چىلتار ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىسىلەر، داۋۇتتەك ئۆزۈڭلارغا سازلارنى ئىجاد قىلىسىلەر، | 5 |
伴著琴聲吟詠,自比達味,發明樂器,
شارابنى چىنىلەپ-چىنىلەپ ئىچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا سەرخىل مايلىق ئەتىرلەرنى سۈرىسىلەر، ــ بىراق كۆڭلۈڭلار يۈسۈپ جەمەتىنىڭ زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمايدۇ! | 6 |
大碗喝酒,以上等的油抹身,但對若瑟的崩潰,卻漠不關心。
شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛ كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ. | 7 |
為此,這些人現在就要先被擄去;放蕩不羈者的狂歡,也就完了。
رەب پەرۋەردىگار ئۆز ھاياتى بىلەن قەسەم قىلغانكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن ياقۇپنىڭ غۇرۇرىدىن بىزار بولدۇم، ئۇنىڭ ئوردا-ئىستىھكاملىرىدىن نەپرەتلىنىمەن؛ مەن بۇ شەھەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھەممىنى دۈشمەنگە تەڭلا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن؛ | 8 |
吾主上主指著自己起誓──上主萬軍的天主的斷語──我厭惡雅各伯的驕傲,痛恨他的宮殿;我必將城和城中所有有的一切交出。
ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ. | 9 |
倘若在一家中留下了十個人,也必死盡。
ئەگەر مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، ئاندىن [تۇغقىنى] يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ. | 10 |
倖免的少數親友,由屋內抬出他們的骨骸,問那內室深處的人說:「還有人同你在一起嗎﹖」他必說:「沒有了。」繼而說:「不要作聲,千萬不要提上主的名字! 」
سەۋەبى، پەرۋەردىگار بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ۋە چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ. | 11 |
看,上主一下令,高樓大廈頓成瓦礫,矮小平房蕩然無存。
ئاتلار تاش ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئادەملەر ئاشۇ يەرنى كالىلار بىلەن ئاغدۇرالامدۇ؟ بىراق سىلەر ئادالەتنى ئۆت سۇيۇقلىقىغا، ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر ــ | 12 |
馬豈能在懸崖上奔馳,牛豈能在海上耕作﹖你們竟將公道變為毒藥! 將正義之果變為苦藥!
ــ يوق بىر نەرسىدىن شادلىنىپ كەتكەنسىلەر، «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەتكە ئىگە بولغانمىز» ــ دېگەنسىلەر. | 13 |
你們為了羅德巴爾而自鳴得意,且說:「我們豈不是靠自己的力量取得了卡爾納殷﹖」
چۈنكى مانا، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن؛ ئۇلار خامات شەھىرىنىڭ داۋىنىدىن ئاراباھ ئېقىمىغىچە سىلەرنى خارلايدۇ. | 14 |
然而,以色列家! 看,我必要喚起一個民族來攻打你們,──上主萬軍的天主的斷語──從哈瑪特關口蹂躪你們直到阿辣巴河。