< ئاموس 5 >
ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ سۆزنى، يەنى مەن سەن توغرۇلۇق ئوقۇيدىغان بىر مەرسىيەنى ئاڭلاپ قوي: ــ | 1 |
Écoutez cette parole, une complainte que j’élève sur vous, maison d’Israël!
«پاك قىز ئىسرائىل يىقىلدى؛ ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا تاشلانغان، ئۇنى تۇرغۇزۇپ يۆلىگۈچى يوقتۇر». | 2 |
Elle est tombée, elle ne se relèvera pas, la vierge d’Israël; elle est étendue sur sa terre, il n’y a personne qui la relève.
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ [ئىسرائىلنىڭ] مىڭ [لەشكەر] چىققان بىر شەھىرىنىڭ يۈز [لەشكىرىلا] تىرىك قالىدۇ؛ يۈز لەشكەر چىققان بىر شەھىرىنىڭ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن ئون [لەشكىرىلا] تىرىك قالىدۇ؛ | 3 |
Car ainsi dit le Seigneur, l’Éternel: La ville qui allait en campagne avec 1 000, en aura 100 de reste; et celle qui allait en campagne avec 100, en aura dix de reste, pour la maison d’Israël.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ | 4 |
Car ainsi dit l’Éternel à la maison d’Israël: Cherchez-moi, et vous vivrez;
بەيت-ئەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغىمۇ بارماڭلار، بەئەر-شېباغا سەپەر قىلماڭلار؛ چۈنكى گىلگال ئەسىرگە ئېلىنىپ سۈرگۈن قىلىنماي قالمايدۇ، بەيت-ئەل يوققا چىقىدۇ. | 5 |
et ne cherchez pas Béthel, et n’allez pas à Guilgal, et ne passez pas à Beër-Shéba; car Guilgal ira certainement en captivité, et Béthel sera réduite à rien.
پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھاياتقا ئېرىشىسىلەر؛ بولمىسا ئۇ يۈسۈپ جەمەتى ئىچىدە ئوت كەبى پارتلاپ، ئۇنى يەپ كېتىدۇ، ھەم بەيت-ئەلدە ئوتنى ئۆچۈرگۈدەك ئادەم تېپىلمايدۇ. | 6 |
Cherchez l’Éternel, et vous vivrez, de peur qu’il n’envahisse comme le feu la maison de Joseph, et ne la dévore, et qu’il n’y ait personne à Béthel qui éteigne.
ئى ئادالەتنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچى، ھەققانىيلىقنى يەرگە تاشلىغۇچىلار، | 7 |
Vous qui changez en absinthe le droit, et qui couchez par terre la justice,
سىلەر ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى ياراتقۇچى، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى، كۈندۈزنى قاراڭغۇلۇق بىلەن كېچىگە ئايلاندۇرغۇچى، دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچىنى ئىزدەڭلار؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. | 8 |
[cherchez-le], lui qui a fait les Pléiades et Orion; qui change en matin l’ombre de la mort, et transforme le jour en ténèbres de la nuit; qui appelle les eaux de la mer, et les verse sur la face de la terre: l’Éternel est son nom.
ئۇ باتۇرلار ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھالاكەتنى پارتلىتىدۇ، ئىستىھكام ئۈستىگە ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. | 9 |
Il fait lever subitement la destruction sur le fort, et la destruction vient sur la forteresse.
شۇ [ئىسرائىللار] شەھەر دەرۋازىسىدا تەنبىھ بېرىدىغانلارغا ئۆچ، دۇرۇس سۆزلەيدىغانلاردىن يىرگىنىدۇ. | 10 |
Ils haïssent celui qui reprend à la porte, et ont en abomination celui qui parle avec intégrité.
ئەمدى سىلەر نامراتلارنى ئېزىپ، ئۇلاردىن بۇغداي «ھەدىيە»لەرنى ئالدىڭلار! ئويۇلغان تاشلاردىن ئۆيلەرنى سالدىڭلار، بىراق ئۇلاردا تۇرمايسىلەر؛ سىلەر گۈزەل ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغانسىلەر، بىراق ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيسىلەر. | 11 |
C’est pourquoi, parce que vous foulez aux pieds le pauvre, et que vous prenez de lui des charges de blé: vous avez bâti des maisons de pierres de taille, mais vous n’y habiterez pas; vous avez planté des vignes excellentes, et vous n’en boirez pas le vin;
چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛ ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ، ئۇلار پارا يەيدۇ، شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ. | 12 |
car je connais vos nombreuses transgressions et vos grands péchés: ils oppriment le juste, prennent des présents, et font fléchir à la porte le droit des pauvres.
شۇڭا بۇنداق دەۋردە «پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بىر دەۋردۇر. | 13 |
C’est pourquoi, en ce temps-ci, le sage gardera le silence, car c’est un temps mauvais.
ھايات ياشاش ئۈچۈن يامانلىقنى ئەمەس، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار؛ شۇنداق بولغاندا سىلەر دېگىنىڭلاردەك، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. | 14 |
Recherchez le bien, et non le mal, afin que vous viviez; et ainsi l’Éternel, le Dieu des armées, sera avec vous, comme vous le dites.
يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ئورنىتىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر. | 15 |
Haïssez le mal, et aimez le bien, et établissez dans la porte le juste jugement; peut-être l’Éternel, le Dieu des armées, usera-t-il de grâce envers le reste de Joseph.
شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «بارلىق كەڭ رەستە-بازارلاردا ئاھ-زارلار ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇلار ھەممە كوچىلاردا «ۋاي... ۋاي!...» دەپ ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار دېھقانلارنىمۇ ماتەم تۇتۇشقا، ئاھ-زارلار كۆتۈرگۈچى «ئۇستىلار»نى يىغلاشقا چاقىرىدۇ. | 16 |
C’est pourquoi, ainsi dit l’Éternel, le Dieu des armées, le Seigneur: Dans toutes les places, la lamentation! et dans toutes les rues, on dira: Hélas, hélas! Et on appellera le laboureur au deuil, et à la lamentation ceux qui s’entendent aux chants de douleur.
ھەم بارلىق ئۈزۈمزارلاردىمۇ ئاھ-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 17 |
Et dans toutes les vignes, la lamentation! car je passerai au milieu de toi, dit l’Éternel.
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىگە تەقەززار بولغان سىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى سىلەرگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەر؟ ئۇ يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ. | 18 |
Malheur à vous qui désirez le jour de l’Éternel! À quoi vous [servira] le jour de l’Éternel? Il sera ténèbres, et non lumière,
ئۇ كۈنى بىرسى شىردىن قېچىپ، ئېيىققا ئۇچراپ، ئاندىن ئۆيىگە كىرىپ، قولى بىلەن تامغا يۆلەنگەندە، يىلان ئۇنى چاققاندەك بىر ئىش بولىدۇ! | 19 |
comme si un homme s’enfuyait de devant un lion, et qu’un ours le rencontre; ou qu’il entre dans la maison et appuie sa main contre le mur, et qu’un serpent le morde.
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقلا ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدا پەقەت قاراڭغۇلۇقلا بولۇپ، يورۇقلۇق ھېچ بولمايدىغۇ؟! | 20 |
Le jour de l’Éternel n’est-il pas ténèbres, et non lumière? et profonde obscurité, et non splendeur?
ھېيتلىرىڭلارغا نەپرەتلىنىمەن، ئۇلاردىن بىزار بولدۇم، ئىبادەت سورۇنلىرىڭلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغۇم يوق. | 21 |
Je hais, je méprise vos fêtes, et je ne flairerai pas [de bonne odeur] dans vos assemblées solennelles;
چۈنكى سىلەر ماڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ھەم «ئاش ھەدىيە»لىرىڭلارنى سۇنۇپ ئاتىساڭلارمۇ، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ بورداق ماللىرىڭلار بىلەن قىلغان «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار»غا قارىمايمەن. | 22 |
si vous m’offrez des holocaustes et vos offrandes de gâteau, je ne les agréerai pas, et je ne regarderai pas le sacrifice de prospérités de vos bêtes grasses.
مەندىن مۇناجاتلىرىڭلارنىڭ سادالىرىنى ئېپكېتىڭلار، چىلتارلىرىڭلارنىڭ كۈيلىرىنى ئاڭلىمايمەن؛ | 23 |
Ôte de devant moi le bruit de tes cantiques; et la musique de tes luths, je ne l’écouterai pas.
بۇنىڭ ئورنىدا ئادالەت خۇددى شارقىراتمىدەك، ھەققانىيلىق ئەبەدىي ئاقىدىغان ئېقىمدەك دولقۇنلىسۇن! | 24 |
Mais que le jugement roule comme des eaux, et la justice comme un fleuve qui ne tarit pas!
سىلەر چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىلدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى ماڭا ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! | 25 |
M’avez-vous offert des sacrifices et des offrandes dans le désert, pendant 40 ans, maison d’Israël?
بەرھەق، سىلەر «سۇككوت» دېگەن پادىشاھىڭلار، ھەم «قىئۇن» دېگەن بۇتلىرىڭلارنى، يەنى «يۇلتۇز ئىلاھى»ڭلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار! | 26 |
Mais vous avez porté le tabernacle de votre Moloc, et le Kiun de vos images, l’étoile de votre dieu, que vous vous êtes fait;
ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ، دەمەشقتىن يىراقلارغا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن، ــ دەيدۇ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان پەرۋەردىگار. | 27 |
et je vous transporterai au-delà de Damas, dit l’Éternel; son nom est le Dieu des armées.