< ئاموس 4 >
ئى باشاندىكى ئىنەكلەر، سامارىيە تېغىدا تۇرۇپ، نامراتلارنى خارلاۋاتقان، مىسكىنلەرنى ئېزىۋاتقانلار، خوجىلىرىغا: «[شارابنى] ئېلىپ كېلىڭلار، بىز ئىچىمىز» دەيدىغانلار، بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار: ــ | 1 |
Чујте ову реч, краве васанске, које сте у гори самаријској, које криво чините убогима и сатирете сиромахе, које говорите господарима својим: Донесите да пијемо.
رەب پەرۋەردىگار ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكى بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، مانا، بېشىڭلارغا شۇنداق كۈنلەر چۈشىدۇكى، ئۇ سىلەرنى ئىلمەكلەر بىلەن، نەسلىڭلارنى چاڭگاكلار بىلەن ئېلىپ كېتىدۇ. | 2 |
Закле се Господ Господ светошћу својом да ће вам ево доћи дани, те ће вас извлачити кукама, и остатак ваш удицама рибарским.
ھەم سىلەر [ئاياللار] ھەربىرىڭلار سېپىلنىڭ شورالىرىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ، ئۇدۇل مېڭىپ تىكىۋېتىسىلەر؛ ۋە سىلەر ھارمون تەرەپكە چۆرۈۋېتىلىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 3 |
И кроз проломе ћете изаћи, свака на према се, и побацаћете шта буде у дворовима, говори Господ.
ئەمدى بەيت-ئەلگە كېلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىڭلار! گىلگالدىمۇ ئاسىيلىقنى كۆپەيتىڭلار! ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى، ھەر ئۈچىنچى كۈنى سىلەرنىڭ «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، | 4 |
Идите у Ветиљ, и чините безакоње, у Галгалу множите безакоње своје, и приносите свако јутро жртве своје, треће године десетке своје;
«تەشەككۈر قۇربانلىقى»نى خېمىرتۇرۇچ بىلەن بىللە كۆيدۈرۈڭلار ــ سىلەر «خالىس قۇربانلىقلار»ىڭلارنى جاكارلاپ ماختىنىپ يۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر، ئى ئىسرائىللار! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 5 |
И палите жртву захвалну од хлеба киселог, и огласите жртве драговољне и разгласите, јер вам је тако мило, синови Израиљеви, говори Господ Господ.
«مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا «چىشنىڭ پاكىزلىقى»نى چۈشۈردۈم، ھەممە يېرىڭلاردا سىلەرنى ئاش-نانغا بولغان ھاجەتمەن قىلدىم؛ بىراق سىلەر يەنىلا يېنىمغا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 6 |
И зато вам ја дадох да су вам чисти зуби по свим градовима вашим и да нема хлеба нигде по свим местима вашим; али се не обратисте к мени, говори Господ.
ھوسۇلغا ئۈچ ئايلا قالغان بولسىمۇ، سىلەردىن يامغۇرنى تارتىۋېلىپ بەرمىدىم؛ بىر شەھەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇردۇم، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم؛ بىر پارچە يەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدى؛ يەنە بىر پارچە يەر يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى؛ | 7 |
А ја вам устегох дажд, кад још три месеца беху до жетве, и пустих дажд на један град, а на други град не пустих дажда, један се крај накваси, а други крај, на који не дажде, посуши се.
شۇنىڭ بىلەن ئىككى، ئۈچ شەھەرنىڭ [پۇقرالىرى] سۇ تىلەپ باشقا بىر شەھەرگە ئەلەڭشىپ باردى، لېكىن قانمىدى؛ بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 8 |
Тако два и три града иђаху у један град да пију воде, и не могаху се напити; ипак се не обратисте к мени, говори Господ.
مەن سىلەرنى جۇدۇن ھەم ھال ئاپىتى بىلەن ئۇردۇم؛ «غاجىلىغۇچى قۇرت»لار نۇرغۇنلىغان بېغىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار، ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلار ھەم زەيتۈن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ كەتتى؛ بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 9 |
Бих вас сушом и медљиком; гусенице изједоше обиље у вртовима вашим и у виноградима вашим и на смоквама вашим и на маслинама вашим; ипак се не обратисте к мени, говори Господ.
مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم؛ يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزدۇم، ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم؛ مەن قارارگاھىڭلاردىن [جەسەتلەرنىڭ] سېسىقچىلىقىنى پۇرۇتۇۋەتتىم، ئۇنى دىمىغىڭلارغىمۇ كىرگۈزدۇم، بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 10 |
Послах у вас помор као у Мисир, побих мачем младиће ваше и одведох коње ваше, и учиних те се подизаше смрад из логора вашег и у ноздрве ваше; ипак се не обратисте к мени, говори Господ.
مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇندەك بولۇپ قالدىڭلار؛ بىراق يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ | 11 |
Затирах вас као што Господ затре Содом и Гомор, и бејасте као главња истргнута из огња; ипак се не обратисте к мени, говори Господ.
شۇڭا مەن ساڭا شۇنداق قىلىشىم كېرەك دەۋاتىمەن، ئى ئىسرائىل؛ مەن بۇنى ساڭا قىلىدىغانلىقىم تۈپەيلىدىن، خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلان، ئى ئىسرائىل! | 12 |
Зато ћу ти тако учинити, Израиљу; и што ћу ти тако учинити, приправи се, Израиљу, да сретнеш Бога свог.
چۈنكى مانا، تاغلارنى شەكىللەندۈرگۈچى، شامالنى ياراتقۇچى، ئىنسانغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغۇچى، تاڭ سەھەرنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ يۈرگۈچى دەل شۇدۇر، پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ئۇنىڭ نامىدۇر! | 13 |
Јер ето Оног који је сазидао горе и који је створио ветар и јавља човеку шта мисли, чини од зоре таму, и ходи по висинама земаљским; име Му је Господ Бог над војскама.