< ئاموس 3 >
پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ ئېيتقان بۇ سۆز-كالامنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى، يەنى مەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقارغان بۇ پۈتكۈل جەمەت: ــ | 1 |
以色列子民! 你們應聽從上主關於你們,即 由埃及領出來的全體民族所說的話:「
«يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەر ئارىسىدىن پەقەت سىلەرنى تونۇپ كەلدىم؛ شۇڭا ئۈستۈڭلارغا بارلىق قەبىھلىكلىرىڭلارنىڭ [جازاسىنى] چۈشۈرىمەن». | 2 |
由世界上一切種族中,我只選擇了你們,為此,我必懲罰你們的罪惡。
ئىككى كىشى بىر نىيەتتە بولمىسا، قانداقمۇ بىللە ماڭالىسۇن؟ | 3 |
二人除非預約,豈能同行。
ئولجىسى يوق شىر ئورماندا ھۆركىرەمدۇ؟ ئارسلان ھېچنېمىنى ئالمىغان بولسا ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟ | 4 |
獅子若無獵物,豈能在林中咆哮﹖幼獅除非捕到食物,豈能在洞中吼叫﹖
تۇزاقتا يەمچۈك بولمىسا قۇش يەرگە يىقىلامدۇ؟ ئالغۇدەك نەرسە بولمىسا، قىسماق يەردىن ئېتىلىپ چىقامدۇ؟ | 5 |
雀鳥若無餌食,豈能落在地上﹖機楹若無所獲,豈能由地上翻起﹖
شەھەردە [ئاگاھ] كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟ پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟ | 6 |
如在城中吹起號角,人民豈不恐怖﹖如城裏發生災禍,豈不是上主所為﹖
رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ. | 7 |
的確,上主若不先將自己的計劃啟示給自己的先知,什麼也不作。
شىر ھۆركىرىگەن تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ رەب پەرۋەردىگار سۆز قىلغاندا، كىم [ئۇنىڭ] بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟ | 8 |
獅子咆哮了,誰不害怕﹖吾主上主發了言,誰能不傳衪的話﹖」
ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا، شۇنداقلا مىسىردىكى قەلئە-ئوردىلاردا ئېلان قىلىپ: ــ «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ دەڭلار. | 9 |
他們要在亞述和埃及的宮殿高處宣布說:你們應聚集在撒馬黎雅山上,觀看那裏的混亂和其中的殘暴。
ــ ئۇلار ھەق ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئوردىلىرىغا زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغانلىرىنى ھەم ئولجىلارنى جۇغلىغۇچىلار! | 10 |
他們不知行正直的事──上主的斷語──只知在宮殿內積累強暴和欺壓。
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا بىر ياۋ! ئۇ زېمىننى قورشىۋالدى! ئۇ مۇداپىئەڭنى ئېلىپ تاشلايدۇ، قەلئە-ئوردىلىرىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. | 11 |
為此,吾主上主這樣說:「敵人要圍困此地,推翻你的堡壘,搶掠你的宮殿。
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــــ پادىچى شىرنىڭ ئاغزىدىن قوينىڭ ئىككى پۇتىنى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىنى قۇتقۇزۇپ ئالغاندەك، سامارىيىدە ئولتۇرغان ئىسرائىللارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ، ــ شەھەردە پەقەت كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكى، دىۋاندىكى بىر پارچە دەمەشق لىباسىلا قالىدۇ! | 12 |
上主這樣說:牧人怎樣從樣由獅子口中搶救出兩條羊腿,或一塊羊耳,以色列子民,即在 撒馬利亞斜倚在安樂椅角上,或大馬士革榻上的人,也要怎樣被救出。
ــ ئاڭلاڭلار، ياقۇپنىڭ جەمەتىدە گۇۋاھلىق بېرىڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، | 13 |
你們靜聽,並對雅各伯家作証──吾主上主萬軍的天主的斷語──
ــ مەن ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن كۈنىدە، بەيت-ئەل شەھىرىنىڭ قۇربانگاھلىرىنىمۇ جازالايمەن؛ قۇربانگاھنىڭ بۇرجەكلىرىدىكى مۈڭگۈزلەر كېسىۋېتىلىپ يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ. | 14 |
在我懲罰以色列罪惡之日,我必毀壞貝特耳的祭壇,祭壇的角必被打落在地上。
مەن «قىشلىق ساراي» ۋە «يازلىق ساراي»نى بىراقلا ئۇرۇۋېتىمەن؛ پىل چىشى ئۆيلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، كۆپلىگەن ئۆيلەر تۈگىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 15 |
我要破壞過冬和過夏的別墅,象牙宮也必遭毀壞,高樓大廈也必蕩然無存」──上主的斷語。