< ئاموس 2 >
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ«موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھاك قىلىۋەتتى. | 1 |
Tak mówi Pan: Dla trzech występków Moaba, owszem, dla czterech, nie przepuszczę mu, przeto, iż spalił kości króla Edomskiego na popiół;
ھەم مەن موئاب ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت كېرىئوتنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ۋە موئاب چۇقان-سۈرەنلەر بىلەن، قىيا-چىيالار بىلەن، كاناي ساداسى بىلەن ئۆلىدۇ. | 2 |
Ale poślę ogień na Moaba, który pożre pałace Karyjot; i umrze Moab w huku, w krzyku i w głosie trąby.
ۋە مەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىنى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 3 |
I wygładzę sędziów z pośrodku jego, i wszystkich książąt jego pobiję z nim, mówi Pan.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەھۇدانىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى كەمسىتتى، ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرۇپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانىدى. | 4 |
Tak mówi Pan: Dla trzech występków Judzkich, owszem, dla czterech, nie przepuszczę mu, przeto, że odrzucają zakon Pański, i ustaw jego nie przestrzegają, a dadzą się zwodzić kłamstwom swoim, których naśladowali ojcowie ich;
ھەم مەن يەھۇدا ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. | 5 |
Ale poślę ogień na Judę, który pożre pałace Jeruzalemskie.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنى جازاسىدىن قايتۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ھەققانىيلارنى كۈمۈشكە سېتىۋەتتى، يوقسۇل ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋەتتى؛ | 6 |
Tak mówi Pan: Dla trzech występków Izraelskich, owszem, dla czterech, nie przepuszczę mu, przeto, że sprawiedliwego za pieniądze sprzedawają, a ubogiego za parę trzewików;
ئۇلار نامراتلارنىڭ بېشىدىكى چاڭ-توپىلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ نېسىۋىسىنى قايرىۋالىدۇ؛ ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ، ئوخشاش بىر قىزنىڭ يېنىغا تەڭ بارىدۇ. | 7 |
Którzy usiłują, aby na proch potarli głowy ubogich, a drogę pokornych podwracają; nadto syn i ojciec jego wchodzą do jednejże dziewki, aby splugawili imię świętobliwości mojej;
ئۇلار [قىزلارنى] ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە. | 8 |
I na szatach zastawionych kłaniają się przy każdym ołtarzu, a wino tych, co podpadli pod kaźń, piją w domu bogów swoich.
بىراق مەن ئامورىيلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغانمەن، ئامورىيلار كېدىر دەرىخىدەك ئېگىز، دۇب دەرىخىدەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، مەن ئۈستىدىن ئۇنىڭ مېۋىسىنى، ئاستىدىن يىلتىزلىرىنى ھالاك قىلدىم. | 9 |
Chociażem Ja wytracił Amorejczyka od oblicza ich, którego wysokość była jako wysokość cedrów, aczkolwiek warownie stał jako dąb, wszakżem skaził owoc jego z wierzchu, a korzenie jego ze spodku.
ھەم ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ، قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىدىم. | 10 |
A was wywiodłem z ziemi Egipskiej, i prowadziłem was po puszczy czterdzieści lat, żebyście posiedli ziemię Amorejczyka.
سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى پەيغەمبەر بولۇشقا، يىگىتلىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى «نازارىي» بولۇشقا تۇرغۇزدۇم. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 11 |
Nadto wzbudzałem z synów waszych proroków, a z młodzieńców waszych Nazarejczyków; izali nie tak jest, o synowie Izraelowi? mówi Pan.
بىراق سىلەر نازارىيلارغا شاراب ئىچكۈزدۇڭلار، ھەم پەيغەمبەرلەرگە: «پەيغەمبەرلىك قىلماڭلار» ــ دەپ بۇيرۇدۇڭلار. | 12 |
Aleście wy napawali Nazarejczyków winem, a prorokom zakazywaliście, mówiąc: Nie prorokujcie.
مانا، مەن سىلەرنى باسىمەن، خۇددى لىق ئۆنچە بېسىلغان ھارۋا يەرنى باسقاندەك، سىلەرنى بېسىپ تۇرىمەن؛ | 13 |
Oto Ja ścisnę ziemię waszę, tak jako ciśnie wóz napełniony snopami.
ھەم چاپقۇرلارنىڭمۇ قاچار يولى يوقايدۇ، پالۋان ئۆز كۈچىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، زەبەردەس باتۇر ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. | 14 |
I zginie ucieczka od prędkiego, a mocarz nie pokrzepi mocy swojej, i duży nie wybawi duszy swojej;
ئوقيانى تۇتقۇچى تىك تۇرالمايدۇ؛ يەلتاپان قاچالمايدۇ، ئاتقا مىنگۈچى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. | 15 |
A ten, który trzyma łuk, nie ostoi się, i prędki na nogi swe nie uciecze, a ten, który jeździ na koniu, nie zachowa duszy swej,
پالۋانلار ئارىسىدىكى ئەڭ جىگەرلىك باتۇرمۇ شۇ كۈنىدە يالىڭاچ قېچىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 16 |
Ale i rycerz serca zmężałego między mocarzami nago uciecze w on dzień, mówi Pan.