< ئاموس 2 >

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ«موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھاك قىلىۋەتتى. 1
This is what the LORD says: “For three transgressions of Moab, even four, I will not revoke My judgment, because he burned to lime the bones of Edom’s king.
ھەم مەن موئاب ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت كېرىئوتنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ۋە موئاب چۇقان-سۈرەنلەر بىلەن، قىيا-چىيالار بىلەن، كاناي ساداسى بىلەن ئۆلىدۇ. 2
So I will send fire against Moab to consume the citadels of Kerioth. Moab will die in tumult, amid war cries and the sound of the ram’s horn.
ۋە مەن ئۇلارنىڭ ھاكىمىنى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 3
I will cut off the ruler of Moab and kill all the officials with him,”
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەھۇدانىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى كەمسىتتى، ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ ساختىلىقلىرى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرۇپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانىدى. 4
This is what the LORD says: “For three transgressions of Judah, even four, I will not revoke My judgment, because they reject the Law of the LORD and fail to keep His statutes; they are led astray by the lies in which their fathers walked.
ھەم مەن يەھۇدا ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. 5
So I will send fire upon Judah to consume the citadels of Jerusalem.”
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنى جازاسىدىن قايتۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ھەققانىيلارنى كۈمۈشكە سېتىۋەتتى، يوقسۇل ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋەتتى؛ 6
This is what the LORD says: “For three transgressions of Israel, even four, I will not revoke My judgment, because they sell the righteous for silver and the needy for a pair of sandals.
ئۇلار نامراتلارنىڭ بېشىدىكى چاڭ-توپىلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ، ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ نېسىۋىسىنى قايرىۋالىدۇ؛ ئاتا-بالا ئىككىسى مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغاپ، ئوخشاش بىر قىزنىڭ يېنىغا تەڭ بارىدۇ. 7
They trample on the heads of the poor as on the dust of the earth; they push the needy out of their way. A man and his father have relations with the same girl and so profane My holy name.
ئۇلار [قىزلارنى] ھەممە قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قەرزگە رەنىگە قويغان كىيىم-كېچەكلەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ياتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىلاھىنىڭ ئۆيىدە جەرىمانە بىلەن ئالغان شارابنى ئىچمەكتە. 8
They lie down beside every altar on garments taken in pledge. And in the house of their God, they drink wine obtained through fines.
بىراق مەن ئامورىيلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغانمەن، ئامورىيلار كېدىر دەرىخىدەك ئېگىز، دۇب دەرىخىدەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، مەن ئۈستىدىن ئۇنىڭ مېۋىسىنى، ئاستىدىن يىلتىزلىرىنى ھالاك قىلدىم. 9
Yet it was I who destroyed the Amorite before them, though his height was like that of the cedars, and he was as strong as the oaks. Yet I destroyed his fruit above and his roots below.
ھەم ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ، قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىدىم. 10
And I brought you up from the land of Egypt and led you forty years in the wilderness, that you might take possession of the land of the Amorite.
سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى پەيغەمبەر بولۇشقا، يىگىتلىرىڭلاردىن بەزىلىرىنى «نازارىي» بولۇشقا تۇرغۇزدۇم. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 11
I raised up prophets from your sons and Nazirites from your young men. Is this not true, O children of Israel?”
بىراق سىلەر نازارىيلارغا شاراب ئىچكۈزدۇڭلار، ھەم پەيغەمبەرلەرگە: «پەيغەمبەرلىك قىلماڭلار» ــ دەپ بۇيرۇدۇڭلار. 12
“But you made the Nazirites drink wine and commanded the prophets not to prophesy.
مانا، مەن سىلەرنى باسىمەن، خۇددى لىق ئۆنچە بېسىلغان ھارۋا يەرنى باسقاندەك، سىلەرنى بېسىپ تۇرىمەن؛ 13
Behold, I am about to crush you in your place as with a cart full of grain.
ھەم چاپقۇرلارنىڭمۇ قاچار يولى يوقايدۇ، پالۋان ئۆز كۈچىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، زەبەردەس باتۇر ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 14
Escape will fail the swift, the strong will not prevail by his strength, and the mighty will not save his life.
ئوقيانى تۇتقۇچى تىك تۇرالمايدۇ؛ يەلتاپان قاچالمايدۇ، ئاتقا مىنگۈچى ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 15
The archer will not stand his ground, the fleet of foot will not escape, and the horseman will not save his life.
پالۋانلار ئارىسىدىكى ئەڭ جىگەرلىك باتۇرمۇ شۇ كۈنىدە يالىڭاچ قېچىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 16
Even the bravest of mighty men will flee naked on that day,”

< ئاموس 2 >