< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 1 >
ئى [ھۆرمەتلىك] تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى. | 1 |
Edellisessä kertomuksessani kirjoitin, oi Teofilus, kaikesta, mitä Jeesus alkoi tehdä ja opettaa,
hamaan siihen päivään asti, jona hänet otettiin ylös, sittenkun hän Pyhän Hengen kautta oli antanut käskynsä apostoleille, jotka hän oli valinnut,
ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛ | 3 |
ja joille hän myös kärsimisensä jälkeen moninaisten epäämättömien todistusten kautta osoitti elävänsä, ilmestyen heille neljänkymmenen päivän aikana ja puhuen Jumalan valtakunnasta.
ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار. | 4 |
Ja kun hän oli yhdessä heidän kanssansa, käski hän heitä ja sanoi: "Älkää lähtekö Jerusalemista, vaan odottakaa Isältä sen lupauksen täyttymistä, jonka te olette minulta kuulleet.
چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر». | 5 |
Sillä Johannes kastoi vedellä, mutta teidät kastetaan Pyhällä Hengellä, ei kauan näitten päivien jälkeen."
روسۇللار [ئۇنىڭ بىلەن] جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. | 6 |
Niin he ollessansa koolla kysyivät häneltä sanoen: "Herra, tälläkö ajalla sinä jälleen rakennat Israelille valtakunnan?"
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق. | 7 |
Hän sanoi heille: "Ei ole teidän asianne tietää aikoja eikä hetkiä, jotka Isä oman valtansa voimalla on asettanut,
بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر. | 8 |
vaan, kun Pyhä Henki tulee teihin, niin te saatte voiman, ja te tulette olemaan minun todistajani sekä Jerusalemissa että koko Juudeassa ja Samariassa ja aina maan ääriin saakka".
ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. | 9 |
Kun hän oli tämän sanonut, kohotettiin hänet ylös heidän nähtensä, ja pilvi vei hänet pois heidän näkyvistään.
ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: | 10 |
Ja kun he katselivat taivaalle hänen mennessään, niin katso, heidän tykönänsä seisoi kaksi miestä valkeissa vaatteissa;
ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى. | 11 |
ja nämä sanoivat: "Galilean miehet, mitä te seisotte ja katsotte taivaalle? Tämä Jeesus, joka otettiin teiltä ylös taivaaseen, on tuleva samalla tavalla, kuin te näitte hänen taivaaseen menevän."
ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. | 12 |
Silloin he palasivat Jerusalemiin vuorelta, jota kutsutaan Öljymäeksi ja joka on lähellä Jerusalemia, sapatinmatkan päässä.
ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە [يەنە بىر] ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى. | 13 |
Ja kun he olivat tulleet kaupunkiin, menivät he siihen yläsaliin, jossa he tavallisesti oleskelivat: Pietari ja Johannes ja Jaakob ja Andreas, Filippus ja Tuomas, Bartolomeus ja Matteus, Jaakob Alfeuksen poika ja Simon, kiivailija, ja Juudas Jaakobin poika.
بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى. | 14 |
Nämä kaikki pysyivät yksimielisesti rukouksessa vaimojen kanssa ja Marian, Jeesuksen äidin, kanssa ja Jeesuksen veljien kanssa.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى: | 15 |
Ja niinä päivinä Pietari nousi veljien keskellä, kun oli väkeä koolla noin sata kaksikymmentä henkeä, ja sanoi:
ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى. | 16 |
"Miehet, veljet, sen raamatunsanan piti käymän toteen, jonka Pyhä Henki on Daavidin suun kautta edeltä puhunut Juudaasta, joka rupesi niiden oppaaksi, jotka ottivat kiinni Jeesuksen.
چۈنكى [يەھۇدا]مۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە [خۇدانىڭ] بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى | 17 |
Sillä hän oli meidän joukkoomme luettu ja oli saanut osalleen tämän viran.
(ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛ | 18 |
Hän hankki itsellensä pellon väärintekonsa palkalla, ja hän suistui alas ja pakahtui keskeltä, niin että kaikki hänen sisälmyksensä valuivat ulos.
بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر) | 19 |
Ja se tuli kaikkien Jerusalemin asukasten tietoon; ja niin sitä peltoa kutsutaan heidän kielellään Akeldamaksi, se on: Veripelloksi.
چۈنكى زەبۇردا [يەھۇداغا] [قارىتىلغان] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» ۋە: ــ «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!» | 20 |
Sillä psalmien kirjassa on kirjoitettuna: 'Tulkoon hänen talonsa autioksi, älköönkä siinä asukasta olko', ja: Ottakoon toinen hänen kaitsijatoimensa'.
شۇنىڭ ئۈچۈن، رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ئەيسا ئارىمىزدا يۈرگەن كۈنلەردە، يەھيا [پەيغەمبەر]دىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك، ــ دېدى. | 21 |
Niin pitää siis yhden niistä miehistä, jotka ovat vaeltaneet meidän kanssamme kaiken sen ajan, jona Herra Jeesus kävi sisälle ja ulos meidän tykönämme,
Johanneksen kasteesta alkaen hamaan siihen päivään, jona hänet meiltä otettiin ylös, tuleman hänen ylösnousemisensa todistajaksi meidän kanssamme."
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى: | 23 |
Ja he asettivat ehdolle kaksi, Joosefin, jota kutsuttiin Barsabbaaksi, lisänimeltä Justukseksi, ja Mattiaan.
ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن! | 24 |
Ja he rukoilivat ja sanoivat: "Herra, sinä, joka kaikkien sydämet tunnet, osoita, kummanko näistä kahdesta sinä olet valinnut
ottamaan sen paikan tässä palveluksessa ja apostolinvirassa, josta Juudas vilpistyi pois, mennäkseen omaan paikkaansa".
ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى. | 26 |
Ja he heittivät heistä arpaa, ja arpa lankesi Mattiaalle, ja hänet luettiin niiden yhdentoista kanssa apostolien joukkoon.