< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9 >

ئەمما [شۇ چاغلار] سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، 1
And Saul, yet breathing out threatenings and slaughter against the disciples of the Lord, went to the high priest,
دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە [مەسىھ] يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى. 2
And desired from him letters to Damascus to the synagogues, that if he should find any of this way, whether they were men or women, he might bring them bound to Jerusalem.
سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. 3
And as he journeyed, he came near Damascus: and suddenly there shined around him a light from heaven:
ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە: ــ سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ ــ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى. 4
And he fell to the earth, and heard a voice saying to him, Saul, Saul, why persecutest thou me?
ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز: ــ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن. 5
And he said, Who art thou, Lord? And the Lord said, I am Jesus whom thou persecutest. [It is] hard for thee to kick against the goads.
ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» ــ دېدى. 6
And he trembling and astonished said, Lord, what wilt thou have me to do? And the Lord [said] to him, Arise, and go into the city, and it shall be told thee what thou must do.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى. 7
And the men who journeyed with him stood speechless, hearing a voice, but seeing no man.
سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. 8
And Saul arose from the earth; and when his eyes were opened, he saw no man: but they led him by the hand, and brought [him] into Damascus.
ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى. 9
And he was three days without sight, and neither ate nor drank.
دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى: ــ ئانانىياس! ــ دەپ چاقىردى. ــ مانا مەن، ئى رەب، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. 10
And there was a certain disciple at Damascus, named Ananias; and to him said the Lord in a vision, Ananias. And he said, Behold, I [am here], Lord.
رەب ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ. 11
And the Lord [said] to him, Arise, and go into the street which is called Straight, and inquire in the house of Judas for [one] called Saul of Tarsus: for behold, he prayeth,
ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى. 12
And hath seen in a vision a man named Ananias, coming in, and putting [his] hand on him, that he might receive his sight.
ئانانىياس: ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن! 13
Then Ananias answered, Lord, I have heard by many of this man, how much evil he hath done to thy saints at Jerusalem:
ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى. 14
And here he hath authority from the chief priests, to bind all that call on thy name.
لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر. 15
But the Lord said to him, Go, for he is a chosen vessel to me, to bear my name before the Gentiles, and kings, and the children of Israel.
چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى. 16
For I will show him how great things he must suffer for my name's sake.
بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى، 17
And Ananias went, and entered into the house; and putting his hands on him, said, Brother Saul, the Lord ([even] Jesus that appeared to thee in the way as thou camest) hath sent me, that thou mayest receive thy sight, and be filled with the Holy Spirit.
سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 18
And immediately there fell from his eyes as it had been scales: and he received sight forthwith, and arose, and was baptized.
ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى. 19
And when he had received food, he was strengthened. Then was Saul certain days with the disciples who were at Damascus.
[سائۇل] دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى. 20
And immediately he preached Christ in the synagogues, that he is the Son of God.
ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 21
But all that heard [him] were amazed, and said, Is not this he that destroyed them who called on this name in Jerusalem, and came hither for that intent, that he might bring them bound to the chief priests?
لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى. 22
But Saul increased the more in strength, and confounded the Jews who dwelt at Damascus, proving that this is very Christ.
كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى. 23
And after many days were fulfilled, the Jews took counsel to kill him.
لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى. 24
But their laying in wait, was known to Saul. And they watched the gates day and night to kill him.
لېكىن مۇخلىسلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل [كامارىدىن] چۈشۈردى. 25
Then the disciples took him by night, and let [him] down by the wall in a basket.
سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. 26
And when Saul had come to Jerusalem, he essayed to join himself to the disciples: but they were all afraid of him, and believed not that he was a disciple.
بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز-كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 27
But Barnabas took him, and brought [him] to the apostles, and declared to them how he had seen the Lord in the way, and that he had spoken to him, and how he had preached boldly at Damascus in the name of Jesus.
بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز-كالام يەتكۈزەتتى. 28
And he was with them coming in and going out at Jerusalem.
ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى. 29
And he spoke boldly in the name of the Lord Jesus, and disputed against the Grecians: but they went about to slay him.
قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى. 30
[Which] when the brethren knew, they brought him down to Cesarea, and sent him forth to Tarsus.
ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر [بىر مەزگىل] تىنچلىققا ئېرىشىپ، [ئېتىقادتا] قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت-تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. 31
Then had the churches rest throughout all Judea, and Galilee, and Samaria, and were edified: and walking in the fear of the Lord, and in the comfort of the Holy Spirit, were multiplied.
شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، پېترۇس ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە، لىددا شەھىرىدىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىمۇ يوقلاشقا چۈشتى. 32
And it came to pass, as Peter passed throughout all [quarters], he came down also to the saints who dwelt at Lydda.
ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. 33
And there he found a certain man named Eneas, who had kept his bed eight years, and was sick with the palsy.
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئەنېياس، ئەيسا، يەنى مەسىھ بولغۇچى سېنى ساقايتىدۇ. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پالىسىڭنى يىغىشتۇر! ــ دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. 34
And Peter said to him, Eneas, Jesus Christ healeth thee: arise, and make thy bed. And he arose immediately.
[ئەنېياسنى] كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى. 35
And all that dwelt at Lydda and Saron saw him, and turned to the Lord.
يوپپا شەھىرىدە بولسا تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال مۇخلىس بار ئىدى (ئۇنىڭ ئىسمى گرېكچىدە «دوركاس» ئىدى). ئۇ ھەردائىم ياخشى ئەمەللەر ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېرىلەتتى. 36
Now there was at Joppa a certain disciple named Tabitha, who by interpretation is called Dorcas: this woman was full of good works and alms-deeds which she did.
شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. 37
And it came to pass in those days, that she was sick, and died: whom, when they had washed, they laid in an upper chamber.
يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» ــ دەپ يېلىندى. 38
And as Lydda was nigh to Joppa, and the disciples had heard that Peter was there, they sent to him two men, desiring [him] that he would not delay to come to them.
پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى. 39
Then Peter arose, and went with them. When he had come, they brought him into the upper chamber: and all the widows stood by him weeping, and showing the coats and garments which Dorcas made, while she was with them.
لېكىن پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ جەسەتكە قاراپ: ــ تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! ــ دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، ئورنىدا ئولتۇردى. 40
But Peter put them all forth, and kneeled down, and prayed; and turning to the body, said, Tabitha, arise. And she opened her eyes: and when she saw Peter, she sat up.
پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى. 41
And he gave her [his] hand, and lifted her up; and when he had called the saints and widows, presented her alive.
بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەبگە ئېتىقاد قىلدى. 42
And it was known throughout all Joppa: and many believed in the Lord.
شۇنداق بولدىكى، پېترۇس يوپپادا سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن كۈنلەر تۇردى. 43
And it came to pass, that he tarried many days in Joppa with one Simon a tanner.

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9 >