< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 8 >
ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى جامائەتكە قارىتىلغان دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قوزغالدى. روسۇللاردىن باشقا بارلىق جامائەتتىكىلەر يەھۇدىيە ۋە سامارىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى. | 1 |
शाऊल ओख मारन म सहमत होतो। उन दिन यरूशलेम की मण्डली पर बड़ो छल को सुरूवात भयो अऊर प्रेरितों ख छोड़ पूरो को पूरो यहूदिया अऊर सामरियां देशों म तितर बितर भय गयो।
بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق يىغا-زارلارنى كۆتۈرۈشتى. | 2 |
कुछ भक्तो न स्तिफनुस ख कब्र म रख्यो अऊर ओको लायी जोर सी रोयो।
لېكىن سائۇل جامائەتكە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ، ئەر-ئايالغا قارىماي ئۇلارنى سۆرەپ چىقىپ زىندانغا تاشلىدى. | 3 |
शाऊल मण्डली ख उजाड़ रह्यो होतो; अऊर घर-घर घुस क पुरुषों अऊर बाईयों ख घसीट-घसीट क जेलखाना म डालत होतो।
ئەمدى تارقىلىپ كەتكەنلەر تارقالغان يۇرتلاردا كېزىپ سۆز-كالامنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى. | 4 |
जो तितर-बितर हुयो होतो, हि सुसमाचार सुनावतो हुयो फिरयो;
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن فىلىپ بولسا سامارىيەنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە مەسىھنى جاكارلىدى. | 5 |
अऊर फिलिप्पुस सामरियां नगर म जाय क लोगों म मसीह को प्रचार करन लग्यो।
توپ-توپ كىشىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ، بىر جان بىر دىلى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. | 6 |
जो बाते फिलिप्पुस न कह्यो उन्ख लोगों न सुन क अऊर जो चिन्ह चमत्कार ऊ दिखावत होतो उन्ख देख देख क, एक चित्त होय क मन लगायो।
چۈنكى ناپاك روھلار بولسا، چاپلىشىۋالغان كىشىلەردىن قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى؛ | 7 |
कहालीकि बहुत सो म सी दुष्ट आत्मायें बड़ो आवाज सी चिल्लावत निकल गयी, अऊर बहुत सो लकवा को रोगी अऊर लंगड़ा भी अच्छो करयो गयो;
زور شاد-خۇراملىق شۇ شەھەرنى قاپلىدى. | 8 |
अऊर ऊ नगर म बड़ी खुशी छाय गयो।
ئۇ شەھەردە ئەسلى جادۇگەر-سېھىرگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يول بىلەن پۈتكۈل سامارىيەدىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنى قالتىس زات كۆرسەتمەكچى بولۇپ كەلگەنىدى. | 9 |
येको सी पहिलो ऊ नगर म शिमोन नाम को एक आदमी होतो, जो जादू-टोना कर क् सामरियां को लोगों ख चकित करतो अऊर अपनो आप ख एक महान पुरुष बतावत होतो।
پېقىردىن تارتىپ ئامبالغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىپ قارايتتى ۋە «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ!» دېيىشەتتى. | 10 |
छोटो सी बड़ो तक सब ओको पर ध्यान दे क कहत होतो “यो आदमी परमेश्वर की वा सामर्थ आय, जो महान कहलावय हय।”
خالايىق ئۇنىڭغا شۇنداق ئىخلاس قىلىشى ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى جادۇگەر-سېھىرگەرلىكى بىلەن ئۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىدى. | 11 |
ओन बहुत दिन सी उन्ख अपनो जादू को कामों सी चकित कर रख्यो होतो, येकोलायी हि ओख बहुत मानत होतो।
لېكىن ئەمدى فىلىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ نامى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغىنىدا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە ئەرلەر بولسۇن، ئاياللار بولسۇن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. | 12 |
पर जब उन्न फिलिप्पुस को विश्वास करयो जो परमेश्वर को राज्य अऊर यीशु मसीह को नाम को सुसमाचार सुनावत होतो त लोग, का पुरुष, का बाई, बपतिस्मा लेन लग्यो।
سىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھەمىشە فىلىپنىڭ يېنىدا يۈردى ھەمدە [فىلىپ] كۆرسىتىۋاتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە قۇدرەتلىك ئىشلارغا قاراپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. | 13 |
तब शिमोन न खुद भी विश्वास करयो अऊर बपतिस्मा ले क फिलिप्पुस को संग रहन लग्यो। ऊ चिन्ह चमत्कार अऊर बड़ो-बड़ो सामर्थ को काम होतो देख क चकित होत होतो।
يېرۇسالېمدىكى روسۇللار سامارىيەلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى؛ | 14 |
जब प्रेरितों न जो यरूशलेम म होतो, सुन्यो कि सामरियों न परमेश्वर को वचन मान लियो हय त पतरस अऊर यूहन्ना ख उन्को जवर भेज्यो।
ئىككىيلەن ئۇ يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلارنى مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىغۇچىسى بولسۇن دەپ دۇئا قىلدى. | 15 |
उन्न जाय क उन्को लायी प्रार्थना करी कि पवित्र आत्मा पाये।
چۈنكى مۇقەددەس روھ تېخى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمىگەنىدى؛ ئۇلار پەقەت رەب ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. | 16 |
कहालीकि ऊ अब तक उन्म सी कोयी पर नहीं उतरयो होतो; उन्न त केवल प्रभु यीशु को नाम म बपतिस्मा लियो होतो।
پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا ئاتا قىلىندى. | 17 |
तब उन्न उन पर हाथ रख्यो अऊर उन्न पवित्र आत्मा पायो।
لېكىن سىمون مۇقەددەس روھنىڭ روسۇللارنىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ قويۇشى بىلەن ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا پۇل تەڭلەپ: | 18 |
जब शिमोन न देख्यो कि प्रेरितों को हाथ रखन सी पवित्र आत्मा दियो जावय हय, त उन्को जवर रुपये लाय क कह्यो,
ــ بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلاركى، مەنمۇ ھەركىمنىڭ ئۈستىگە قوللىرىمنى تەگكۈزسەم، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىنسۇن، ــ دېدى. | 19 |
“यो अधिकार मोख भी दे, कि जो कोयी पर हाथ रखू ऊ पवित्र आत्मा पाये।”
لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ خۇدانىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن، پۇلۇڭ سەن بىلەن تەڭ ھالاكەتكە بارسۇن! | 20 |
पतरस न ओको सी कह्यो, “तोरो रुपये तोरो संग नाश होय, कहालीकि तय न परमेश्वर को दान रुपयों सी मोल लेन को बिचार करयो।
سېنىڭ بۇ ئىشتا ھېچ ھەسسەڭ ياكى نېسىۋەڭ يوقتۇر! چۈنكى سېنىڭ نىيىتىڭ خۇدا ئالدىدا دۇرۇس ئەمەس! | 21 |
या बात म नहीं तोरो हिस्सा हय, नहीं भाग हय; कहालीकि तोरो मन परमेश्वर को आगु सही नहाय।
شۇڭا، بۇ رەزىللىكىڭدىن توۋا قىلىپ، رەبتىن، مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدىكى بۇ نىيىتىم كەچۈرۈم قىلىنغاي، دەپ ئۆتۈن! | 22 |
येकोलायी अपनी यो बुरायी सी मन फिराय क प्रभु सी प्रार्थना कर, होय सकय हय कि तोरो मन को बिचार माफ करयो जाये।
چۈنكى سېنىڭ ئاچچىق ھەسەتكە تولۇپ، ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم. | 23 |
कहालीकि मय देखू हय कि तय पित्त जसी कड़वाहट अऊर पाप को बन्धन म पड़्यो हय।”
سىمون ئۇلارغا: ــ مەن ئۈچۈن رەبدىن ئۆتۈنۈڭلاركى، سىلەر ئېيتقان ئىشلاردىن ھېچبىرى بېشىمغا كەلمىگەي! ــ دېدى. | 24 |
शिमोन न उत्तर दियो “तुम मोरो लायी प्रभु सी प्रार्थना करो कि जो बाते तुम न कहीं, उन्म सी कोयी मोर पर नहीं आय पड़े।”
پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ يەردە ئاگاھ-گۇۋاھلىق بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيەنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. | 25 |
येकोलायी हि गवाही दे क अऊर प्रभु को वचन सुनाय क यरूशलेम ख लौट गयो, अऊर सामरियों को बहुत सो गांवो म सुसमाचार सुनावतो गयो।
شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان يول بىلەن ماڭ! ــ دېدى (شۇ يول چۆلدىكى يولدۇر). | 26 |
फिर प्रभु को एक स्वर्गदूत न फिलिप्पुस सी कह्यो, “उठ अऊर दक्षिन को तरफ ऊ रस्ता पर जा, जो यरूशलेम सी गाजा ख जावय हय।” यो रेगिस्तानी रस्ता हय।
شۇڭا فىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىقتى. ۋە مانا، يولدا ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھى كانداسنىڭ بىر ئەمەلدارى، پۈتكۈل خەزىنىگە مەسئۇل ئېفىئوپىيەلىك ئاغۋات ۋەزىر تۇراتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى؛ ھازىر قايتىش يولىدا ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇۋاتاتتى. | 27 |
ऊ उठ क चल दियो, अऊर देखो, कूश देश को एक आदमी आय रह्यो होतो जो खोजा अऊर कूशियो की रानी कन्दाके को मंत्री अऊर खजांची होतो। ऊ आराधना करन ख यरूशलेम आयो होतो।
ऊ अपनो रथ पर बैठ्यो हुयो होतो, अऊर यशायाह भविष्यवक्ता की किताब पढ़तो हुयो लौटत जाय रह्यो होतो।
روھ فىلىپقا: ــ بۇ ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ــ دېدى. | 29 |
तब आत्मा न फिलिप्पुस सी कह्यो, “जवर जाय क यो रथ को संग हो ले।”
فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، [ۋەزىرنىڭ] يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: ــ ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ ــ دەپ سورىدى. | 30 |
फिलिप्पुस ओको तरफ दवड़्यो अऊर ओख यशायाह भविष्यवक्ता की किताब पढ़तो हुयो सुन्यो, अऊर पुच्छ्यो “तय जो पढ़ रह्यो हय का ओख समझय भी हय?”
ۋەزىر ئۇنىڭغا: ــ بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! ــ دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا ئۆتۈندى. | 31 |
ओन कह्यो, “जब तक कोयी मोख नहीं समझाये त मय कसो समझू?” अऊर ओन फिलिप्पुस सी बिनती करी कि ऊ चढ़ क ओको जवर बैठ्यो।
ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى. | 32 |
धर्म शास्त्र को जो अध्याय ऊ पढ़ रह्यो होतो, ऊ यो होतो: “ऊ मेंढीं को जसो वध होन लायी पहुंचायो गयो, अऊर जसो मेम्ना अपनो ऊन कतरन वालो को आगु चुपचाप रह्य हय, वसोच ओन भी अपनो मुंह नहीं खोल्यो।
ئۇ خورلىنىدۇ، ئۇ ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ھاياتى يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلدى». | 33 |
ओकी दीनता म ओको न्याय नहीं होन पायो। ओको समय को लोगों को वर्नन कौन करेंन? कहालीकि धरती सी ओको जीवन उठा लियो जावय हय।”
ئاغۋات فىلىپتىن: ــ دەپ بەرسىڭىز، پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىپ ئېيتىلغان؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقا بىرسىگىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 34 |
येको पर खोजे न फिलिप्पुस सी पुच्छ्यो, “मय तोरो सी प्रार्थना करू हय, यो बताव कि भविष्यवक्ता यो कौन को बारे म कह्य हय, अपनो यां कोयी दूसरों को बारे म?”
فىلىپ ئاغزىنى ئېچىپ شۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئەيسا توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ بەردى. | 35 |
तब फिलिप्पुस न अपनो मुंह खोल्यो अऊर योच शास्त्र सी सुरूवात कर क् ओख यीशु को सुसमाचार सुनायो।
ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئاغۋات: ــ مانا بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. [مۇشۇ يەردىلا] چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە قانداق توسالغۇ بار؟ ــ دېدى. | 36 |
रस्ता म चलतो-चलतो हि कोयी पानी को जागा म पहुंच्यो। तब खोजे न कह्यो, “देख इत पानी हय, अब मोख बपतिस्मा लेनो म का रोक हय।”
फिलिप्पुस न कह्यो, “यदि तय पूरो मन सी विश्वास करय हय त ले सकय हय।” ओन उत्तर दियो, “मय विश्वास करू हय कि यीशु मसीह परमेश्वर को बेटा आय।”
ئۇ ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ۋە ئاغۋات ئىككىسى بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. | 38 |
तब ओन रथ खड़ो करन की आज्ञा दी, अऊर फिलिप्पुस अऊर खोजा दोयी पानी म उतरयो, अऊर ओन खोजा ख बपतिस्मा दियो।
ئۇلار سۇدىن چىققاندا، رەبنىڭ روھى فىلىپنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. ئاغۋات ئۇنى قايتا كۆرمىدى، ئەمما ئۇ شادلىنىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. | 39 |
जब हि पानी सी निकल क ऊपर आयो, त प्रभु को आत्मा फिलिप्पुस ख उठा ले गयो, अऊर खोजे न ओख फिर नहीं देख्यो, अऊर ऊ खुश होतो हुयो अपनो रस्ता पर चली गयो।
فىلىپ بولسا ئاشدود شەھىرىدە پەيدا بولدى؛ ئۇ شۇ يۇرتنى كېزىپ، شۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلگۈچە بولغان ھەممە شەھەرلەردە خۇش خەۋەر جاكارلىدى. | 40 |
फिलिप्पुस अशदोद म आय निकल्यो, अऊर जब तक कैसरिया म नहीं पहुंच्यो, तब तक नगर-नगर सुसमाचार सुनावतो गयो।