< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7 >
باش كاھىن ئىستىپاندىن: ــ بۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى راستمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 1 |
Una katuma ka dandang ma gu ka dundure kani.
ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاتىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدا تۇرۇۋاتقاندا، يەنى ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ ماكانلىشىشتىن ئىلگىرى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۇنىڭغا ئايان بولۇپ: | 2 |
Istifanus ma gu a henu nan a ka co kunnanime aco uni nonzo ma kem aco aru Ibrahim anyumu a Misopotamiya otuba ticukum u hara.
«سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن» دېگەنىدى. | 3 |
Ma gu imme ceki ma nyanga ma we me nan nanu henu uwe me, hana a manyangamage sa indi bezi we.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ زېمىنغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان زېمىنغا يۆتكەپ كەلدى. | 4 |
Monno ma ceki manyanga mu kaldiya ma cukuno u haran, ba abim me sa a co me ma wi, Asere a e imme a nyimo a manyanga mageme sa inci kin.
ئۇ ۋاقىتتا، [خۇدا] ئۇنىڭغا بۇ زېمىندىن مىراس بەرمىدى، ھەتتا ئۇنىڭقا تەۋە پۇت قويغۇدەكمۇ بىر يەر بەرمىگەنىدى. گەرچە ئۇ تېخىچە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، [خۇدا] بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئىگىلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلدى. | 5 |
Ma nyari unga umeme nyania hira a indai barki ukalum, ko a hira sa madi inki ubuna. se ma inki tize, u zatu u kem u vana u ibrahim dati.
ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سېنىڭ نەسىللىرىڭ ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرىدۇ، شۇ يۇرتتىكىلەر ئۇلارنى قۇل قىلىپ تۆت يۈز يىل خورلايدۇ. | 6 |
Asere ma boo me a nime barki wadi chukuno a ma nyanga ma soh nan a na a hira me wadi wu wa ziti ti we esoh inaze.
بىراق ئۇلارنى قۇللۇققا سالغان ئەلنى جازالايمەن»، دېدى خۇدا، «ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، [نەسىللىرىڭ] ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىمدە بولىدۇ». | 7 |
''In di hungu ko titui ta nu age sa wadi wu we a ni rere me,'' ingi asere, Inna dumo me wadi eh wa wu zim niru a banna me.
كېيىن خۇدا ئىبراھىم بىلەن بەلگىسى خەتنە بولغان ئەھدىنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇنىڭدىن تۆرەلدى؛ [ئىبراھىم] ئۇنى سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسھاقتىن ياقۇپ [تۆرەلدى]، ياقۇپتىن ئون ئىككى «قەبىلە ئاتىسى» [تۆرەلدى]. | 8 |
Ma kuri ma nya Ibrahim in inko u tize tini gbari Ibrahim ma yoh Ishayu ma gbari me rono u witotari Ishaya ma yoh Yakubu, Yakubu aco a nu kirau i.
كېيىن، «قەبىلە ئاتىلىرى» ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، | 9 |
A cokoro wa wu ni eru ni Yususu wa ziki me u masar, Asere magi nan me.
ئۇنى بارلىق جەبىر-جاپالاردىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلدى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر، ئوردىسىغا باش غوجىدار قىلدى. | 10 |
Ma suso me a nyimo anirereme, ma nya me mu henu nan nu rusa utize a hira a Firauna Ugomo u masar, Firauna ma nya me ucanti u masar nan na kura ameme vat.
كېيىن، ئېغىر ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر ۋە قانائان يەرلىرىنى بېسىپ، زور قىيىنچىلىق بولدى. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈك تاپالمىدى. | 11 |
An no a ribe ikomo ukene a manyanga mu masar vat nan kanana nan nu zito kang, a kaco aru wa diri imumare.
ياقۇپ ئەمدى مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان بولۇپ، [ئوغۇللىرىنى]، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى. | 12 |
Serki sa Yakubu ma kunna imare ira anyimo umasar, matumi akaco aru me.
ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر پىرەۋن پادىشاھقا مەلۇم بولدى. | 13 |
Ukure me Yusufu ma suri wa iri me, firauna ma gurna nan na henu a Yusufu me.
ئاندىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە-جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا ئۆزىگە چاقىردى. | 14 |
Yusufu ma tumi a henu ameme waka buka Yakubu a co ameme ma e u masar, vat nan ni henu wa biki eso sunare nan nu cibi.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ مىسىرغا چۈشتى ۋە شۇ يەردە ئۆلدى؛ كېيىن [ئۇنىڭدىن بولغان] ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ شۇ يەردە ئۆلدى. | 15 |
Yakubu ma ha umasar monno ma wi nan aka co arume.
ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كېيىن شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئىبراھىم بۇرۇن ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن مەلۇم پۇلغا سېتىۋالغان، شەكەمدىكى بىر يەرلىككە قويۇلدى. | 16 |
Aziki we u hana ushekem a nyimo a mu cau sa Ibrahim ma kpi a zurfa a tarin ta hana a hamor ushekem me.
لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا ئەسلى قىلغان ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، مىسىردا تۇرۇۋاتقان [ئىسرائىل] خەلقىنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى. | 17 |
U ganiya sa u u gwinci ka utize wa eh mamu, sa Asere ma buki Ibrahim, anume wa uh wa kinki u masar me.
ئۇ ۋاقىتتا، يۈسۈپتىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. | 18 |
Ure Ugomo ma hiri in na dumo, sa da ma rusi Yusufu ba.
بۇ پادىشاھ قوۋمىمىزغا ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى ھايات قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى. | 19 |
Me mani ma cangi anu acu me, ma nya we titene wa veti a hana awe me barki wa hama.
مۇسا مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئالاھىدە يېقىملىق بالا بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي بېقىلدى. | 20 |
U ganiya sa a yo Musa ma rizi memerun aje Asere inta me tipieu ti taru a nyimo a kura a co ameme.
كېيىن ئۇ سىرتقا قويۇپ قويۇلغاندا، پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنى [سۇدىن] ئېلىپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. | 21 |
Sa a vete me a matara uco u Firauna ma wuzi ni wari ni me gu usam ume.
مۇسا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق بىلىم-ھېكمىتى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆزدە ۋە ئەمەلدە ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇپ چىقتى. | 22 |
Musa ma manza tu katuma anu u mesar tize time me nan katuma ka me ka zi memerun.
لېكىن ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا قىرىق يىل توشقاندا، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىغا يېتىش نىيىتىگە كەلدى. | 23 |
Serke sa mabiki ti we a ino anazi, iri ba ime ya be zi me ma ka ira ahenu ameme ahana a Israilawa.
ئۇ ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئۇۋال قىلىنىپ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، خارلانغان كىشى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ خارلىغۇچى مىسىرلىقنى ئۆلتۈردى. | 24 |
Sa ma iri azi un nutira ure u Istrailawa, Musa ma benki me, ma garza men ma dusa mahu unu ugino me.
چۈنكى ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى: ــ خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق بىزگە قۇتقۇزۇش يولىنى ئاچقان دەپ چۈشىنىدىغۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. | 25 |
Ma gusi agu ahenu me wadi iri tari ta Asere tini tidi benkiwe, da wa hemba.
ئەتىسى، مۇسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۇرۇش-جېدەلنى كۆرۈپ، ئارىسىغا كىرىپ ياراشتۇرماقچى بولۇپ: سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى. | 26 |
Rono ukure me ma biki a hana ameme wa zi in nukara ma ha ma gu in we, “A nu a dandang shi a henu wani, nya nini izi innu matara a cece ashi me?
بىراق قېرىندىشىنى يولسىز بوزەك قىلغان كىشى ئۇنى چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ: ــ كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ؟! | 27 |
Unu ukwabi me matuburko musa me, ma gu “Aveni ma nya we tigomo tiru?
مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. | 28 |
Udi hem? gu sa wa hu u masara me ninjo me?
مۇسا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قورقۇپ، مىسىردىن قېچىپ مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ شۇ يەردە ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. | 29 |
Musa ma sumi sa ma kunna ani me ma cukuno gu ugenu a manyanga mu midia, monno ma yo a huna ruma ware.
قىرىق يىل توشقاندىن كېيىن، سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە، كۆيۈۋاتقان بىر چاتقاللىقنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈندى. | 30 |
Tiwe ti aino a aki, umalaika ma ha a hira a musa a nyimo a nijaa upana u Sinai, a nyimo a nilem ni ura.
بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەن مۇسا ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قالدى؛ بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەي دەپ يېقىنراق بارغاندا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ: | 31 |
Sa Musa ma iri ura, ma kunna bi yau, sa ma hana mamu, monno ma kunna ni gbiran na Asere, na gu.
«مەن سېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن» دېدى. مۇسا قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. | 32 |
Mi mani Asere a kaco wa co aweme, aco a Ibrahim nan Ishaku, nan Yakubu, nipum ni Musa na tuba ukirsa, ma kari aje amemen.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئايىغىڭنى سېلىۋەت؛ چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. | 33 |
Asere agu imme, kara makwatak me, a hira a gemesa uturin a zo me imma dini ba.
مەن دەرھەقىقەت مىسىردا تۇرۇۋاتقان خەلقىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. شۇڭا مەن ئۇلارنى ئېلىپ چىققىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن، مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى. | 34 |
Ma mu ira utito a nu amme a nyimo umasar, ma kunna aso ashi me, mi be ma ringi in burishi, ayeni ana me, in di tumi shi u masar.
مانا ھېلىقى كىشىلەر: «كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغان دەل مۇشۇ مۇسانى، خۇدا ئۇنىڭغا چاتقاللىقتا كۆرۈنگەن پەرىشتىنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىللارغا ھەم باش ھەم قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. | 35 |
Musa ugeme sa ya gidi me sa we gu, Aveni ma nya we tigomo aru? me mani Asere ma tumi me atari ti malaika sa ma kem me a nyimo ani jaa.
ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى [مىسىردىن] چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. | 36 |
Musa ma suso we a nyimo u masar, sa ma wuzi timumu ti dandang a nyimo umasar nan ni win nivu, nan a nyimo a nijaa a ti we ti nu a ino a nazi.
ئەنە شۇ مۇسا ئۆزى ئىسرائىللارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى. | 37 |
Musa sa irusa me mani magu in na Israilawa Asere adi nya shi udura anyimo ashime nan na henu a shi, udura gimi.
چۆل-باياۋاندىكى جامائەتكە ھەمراھ بولغان، سىناي تېغىدا ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرىشتە بىلەن بىللە بولغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە بولغان ھەمراھ دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ ھاياتلىق بەخش يەتكۈزىدىغان ۋەھىيلەرنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇچى بولغان دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ | 38 |
Me mani sa mara a nyimo a ni gurna a ni jaa nan malaika sa ma buki metize a nipana ni sinai me mani sa mazi nan aka co aru me, me mani ma kabi tize ti urai ma nya dura.
شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى خالىماي، ئۇنى چەتكە قېقىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى؛ | 39 |
Me mani unu me sa aka co aru wa nyaru u kunma utize ti meme wa idi me ahira awe me, nan a nyimo iriba iwemme wa kuri u masar.
شۇڭا ئۇلار ھارۇنغا: ــ «بىزگە يول باشلايدىغان ئىلاھلارنى ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. | 40 |
A nyimo uganiya uginome wa gu in haruna bara duru mu Asere sa wadi canti duru, Musa ugeme sa ma suso duru umasar, tita duru imum me sa ya kenme ba.
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنلەردە ئۇلار موزاي شەكلىدە بىر بۇت ياساپ، بۇ مەبۇدقا ئاتاپ قۇربانلىق سۇندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بىر نەرسىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشكە كىرىشتى. | 41 |
Wonno wa ba barka ku maruka atiye me wa nya madodo imumare, wa kunna urunta kang.
لېكىن خۇدا ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇز قوشۇنلىرىغا چوقۇنۇشقا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىسىدا پۈتۈلگەدەك، [خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى]: ــ «سىلەر چۆل-باياۋاندا بولغان قىرىق يىل جەريانىدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى ھەقىقەتەن ماڭا ئېلىپ كەلگەنمۇسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ | 42 |
Senke Asere a ceki we wa wuzi anu akura Asere kadtuma gu sa a nyetike a nyimo a matakarda ma adura kAsere, ya wekimi iname ya iro anyimo atiwe a ino a nazi a rujaa, a kura a Israilawa?
بەرھەق، سىلەر چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىغان مەبۇدلار، يەنى «مولوق»نىڭ چېدىرى ھەم بۇتۇڭ بولغان «رەمفان»نىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار؛ ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ بابىلدىن يىراققا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن». | 43 |
Yakabi a hira ni gurna ni molek nan Asere a Refan, nan na imum sa ya barka barki ni ru, indi ziki shi in aki u Babila.
ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدىن كەزگەن ۋاقتىدا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» چېدىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەنگەنىدى؛ ئۇ دەل مۇساغا سۆز-كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى. | 44 |
Aka co arume wa zi inni rusa Asere a nyimo a nijaa, gu udungurka me umusa ma barka gu sa ma ira.
شۇ ئىبادەت چېدىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرىدىكىلەردىنمۇ ئىگىدارچىلىقىغا تاپۇشۇپ، يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا قوغلىغان ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغىنىدا، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇ شۇنداقلا [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ زامانىغىچە تۇرغان. | 45 |
A hira a nigurna nan kaco arume wa gamirka wa riben a manyanga a tari ti Joshua imum ya hiri sa wa ribe wa meki ti tihira sa Asere ma gidi we, aje a kaco aru me, Anime ani har uganiya u Dauda.
داۋۇت خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان سېلىشقا ئىجازەت سورىغان. | 46 |
Sa ma hem ahira Asere, ma ikki barki makem Asere a Yakubu a hira.
بىراق كېيىن، [خۇدا] ئۈچۈن ئىبادەتخانا سالغان [داۋۇت ئەمەس]، ئەمەلىيەتتە سۇلايمان بولدى. | 47 |
Senke sulemanu ma barka Asere a kura.
ھالبۇكى، ئەڭ ئالىي بولغۇچى ئىنساننىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان ماكانلاردا تۇرمايدۇ؛ خۇددى پەيغەمبەر مۇنداق دېگىنىدەك: ــ | 48 |
Unu udandang ma da ciki a nyumo a tikura sa abara in tari ba, gu ubukamwa na kadura me.
«ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟ | 49 |
Aza me a hira ti cukum tum tini, adizi me a hira upatala tibuna tum, aye akura ani udi barka mini? ubo wa Asere, nani abani indi venke?
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان ئەمەسمىدى؟» | 50 |
Da tari tum me tini ta wuzi ba?
ــ ئەي، بوينى قاتتىق، يۈرىكى ۋە قۇلىقى خەتنىسىز بولغانلار! سىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن دائىم قارشىلىشىسىلەر؛ سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى ئوخشاش قىلىۋاتىسىلەر! | 51 |
Shi anu sa ida kunna tize ba, da agwara muriba mushi nan titui, ko uya uganiya ya nyari ukana bibe ba Asere, i wuza gu aka co ashi me.
پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار، | 52 |
Uya unu dura mani sa da aka co ashi wa yomo me ba, wa hu anu dura sa wa emaje unu ulau, shi be ya cikuno anu uhaza anu.
ئى سىلەر تەۋرات قانۇنىنى پەرىشتىلەرنىڭ ئەمرى-تاپىلىغانلىرى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغۇچىلار!» | 53 |
Shi me sa ya kabi udungurka Asere me sa malaiku wa inko, shi be yaga shi ucanti me.
[ئىستىپاننىڭ] بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان [ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر] يۈرىكىگە [خەنجەر] سانجىلغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. | 54 |
Sa anu adandang wa kunna timumume ya dari iriba iwe me, wa chari Istifanus in na nyo.
لېكىن ئۇ بولسا مۇقەددەس روھقا تولغان، كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ جۇلاسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئەيسانىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، | 55 |
Sarki ma macika in bibe biriri, ma inki aje Asesere ma iri ni nonzo na Asere, ma iri Yesu maturi a tari tinare ta Asere.
ــ قاراڭلار! ئاسمانلار ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن! ــ دېدى. | 56 |
Istifanus magu, ira, ma ira a poko Asesere me vana Asere ma turi a tari tinare ta Asere.
ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاقلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرۈپ ۋارقىرىشىپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋىدى، | 57 |
Senki anu adangdang me wa wu uhanu in nigbirang we impi titui tu we me, wa rizi a me.
ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. [ئۇنى ئەرز قىلغان] گۇۋاھچىلار [ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن ئاۋۋال] چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ پۇتى ئالدىدا قويۇپ قويۇشتى. | 58 |
Wa kari me anyimo a nipin me wa tizi me in napo, anu hiri me, wa nati tirunga adizi a tibuna ti shawulu me.
ئۇلار ئىستىپاننى چالما-كېسەك قىلغىنىدا ئۇ: ــ ئى رەب ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەپ نىدا قىلدى. | 59 |
Sa wazi innu tiza u Istifanus, ma ri aje innu tisa Asere, ma gusi, “Ugomo Asere kaba bine bimme”.
ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى. | 60 |
Ma tunguno a dizi ma yeze nigbirang inni kara, Asere, kati ucanti ucara tize a nice ni we me ba, sa ma mari ubo anime, monno ma wi.