< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6 >
شۇ كۈنلەردە، مۇخلىسلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلارغا: ــ كۈندىلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىنىشتا ئارىمىزدىكى تۇل ئاياللار ئېتىبارغا ئېلىنمىدى، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. | 1 |
In v tistih dneh, ko je bilo število učencev pomnoženo, je nastalo mrmranje Grkov zoper Hebrejce, ker so bile njihove vdove zapostavljene pri vsakodnevni oskrbi.
شۇڭا، ئون ئىككىيلەن پۈتكۈل مۇخلىسلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بىزنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا بولمايدۇ. | 2 |
Potem je dvanajsterica k sebi poklicala množico učencev in rekla: »To ni razlog, da bi opuščali Božjo besedo in stregli [pri] mizah.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى نام-ئابرۇيى بار، مۇقەددەس روھقا ۋە دانالىققا تولغان يەتتە كىشىنى ئىلغاپ تاللاڭلار، ۋە بىز ئۇلارنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىمىز. | 3 |
Zatorej bratje, poiščite med seboj sedem mož, na dobrem glasu, polnih Svetega Duha in modrosti, ki jim lahko določimo to opravilo.
بىز بولساق، ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە سۆز-كالامنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېغىشلايمىز. | 4 |
Toda mi se bomo predali v nenehno molitev in službo besede.«
بۇ مەسلىھەت خالايىقنىڭ ھەممىسىنى خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان-ئىشەنچكە ۋە روھقا تولغان ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەمنى تاللىدى، ۋە يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ، | 5 |
In ta beseda je ugajala vsej množici. In izbrali so Štefana, moža, polnega vere in Svetega Duha in Filipa in Prohorja in Nikánorja in Timona in Parmenája ter Nikolaja, spreobrnjenca iz Antiohije,
ئۇلارنى روسۇللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. روسۇللار ئۇلارنىڭ [بۇ خىزمەتنى قىلىشى ئۈچۈن] قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، دۇئا قىلىشتى. | 6 |
ki jih so postavili pred apostole. In ko so molili, so nanje položili svoje roke.
ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق تارقالدى؛ يېرۇسالېمدىكى مۇخلىسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. نۇرغۇن كاھىنلارمۇ [مەسىھ] ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى. | 7 |
In Božja beseda je rasla in število učencev v Jeruzalemu se je silno pomnožilo in velika skupina duhovnikov je bila pokorna veri.
ۋە ئىستىپان [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كارامەتلەر ۋە زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. | 8 |
In Štefan je, poln vere in moči, delal med ljudmi velike čudeže in čudežne moči.
بىراق «قۇللۇقتىن چىققان ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان سىناگوگتىكى بەزىلەر، يەنى كۇرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ۋە كىلىكىيە ھەم ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بەزى [يەھۇدىيلار] ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. | 9 |
Potem so vstali nekateri iz sinagoge, ki se je imenovala sinagoga Libertincev in Cirencev in Aleksandríncev in teh iz Kilikije ter iz Azije in so razpravljali s Štefanom.
لېكىن ئۇلار ئۇ سۆز قىلغاندا ئۇنىڭدا بولغان دانالىق ۋە روھقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. | 10 |
Niso pa se mogli upirati modrosti in duhu, po katerem je govoril.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ: ــ بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېگەننى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالدى. | 11 |
Tedaj so podkupili može, ki so rekli: »Slišali smo ga govoriti bogokletne besede zoper Mojzesa in zoper Boga.«
ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ خالايىقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇتراتتى؛ ئاندىن ئىستىپاننىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى. | 12 |
In razvneli so ljudi in starešine ter pisarje in prišli nad njega in ga zgrabili ter ga privedli k vélikemu zboru
ئۇلار ساختا گۇۋاھچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇنداق دېگۈزدى: ــ بۇ ئادەم بۇ مۇقەددەس جايغا ۋە تەۋرات قانۇنىغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتىن توختىمايدۇ. | 13 |
in postavili krive priče, ki so rekle: »Ta človek ne preneha govoriti bogokletnih besed proti temu svetemu prostoru in postavi,
چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھېلىقى ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق: «ئۇ بۇ جاينى ۋەيران قىلىدۇ ۋە مۇسا پەيغەمبەر بىزگە تاپشۇرغان ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. | 14 |
kajti slišali smo ga govoriti, da bo ta Jezus Nazarečan uničil ta kraj in spremenil običaje, ki nam jih je izročil Mojzes.«
كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ پەرىشتىنىڭكىدەك پارقىراق ئىكەنلىكىنى كۆردى. | 15 |
In vsi, ki so sedeli v vélikem zboru, so neomajno zrli vanj in videli njegov obraz, kot bi bil obraz angela.