< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5 >
ئەمدى ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سافىرا بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى. | 1 |
Na rĩrĩ, mũndũ wetagwo Anania, marĩ hamwe na mũtumia wake Safira o nao nĩmendirie gĩcunjĩ gĩa gĩthaka kĩao.
ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. | 2 |
Anania agĩĩtigĩria mbeeca imwe, no icio ingĩ agĩcirehe na agĩciiga magũrũ-inĩ ma atũmwo, nake mũtumia wake Safira agĩkorwo nĩooĩ ũhoro ũcio wega.
بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئانانىياس، نېمىشقا قەلبىڭنى شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ، مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتىپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇردۇڭ؟ | 3 |
Nowe Petero akĩmũũria atĩrĩ, “Anania, nĩ kĩĩ ngoro yaku ĩiyũrĩtwo nĩ Shaitani ũguo, agatũma ũheenie Roho Mũtheru, na ũgetigĩria mbeeca imwe cia iria wendetie gĩthaka?
يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭكى ئەمەسمىدى؟ سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆز ئىختىيارىڭدا بولمامتى؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا قەلبىڭدە بۇ ئىشنى نىيەت قىلدىڭ؟ سەن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا يالغان ئېيتتىڭ! ــ دېدى. | 4 |
Rĩrĩa ũtarakĩendetie-rĩ, githĩ gĩtirarĩ gĩaku? Na thuutha wa gũkĩendia-rĩ, githĩ mbeeca itirakĩrĩ o ciaku wĩke nacio o ũrĩa ũkwenda? Ũreciiririe gwĩka ũguo nĩkĩ? Ti andũ ũheenetie, no nĩ Ngai.”
ئانانىياس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. | 5 |
Rĩrĩa Anania aiguire ũguo-rĩ, akĩgũa thĩ na agĩkua. Nao andũ arĩa othe maiguire ũrĩa kwahaana makĩiyũrwo nĩ guoya.
ئەمدى ياش يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى. | 6 |
Nao aanake magĩũka, makĩoha mwĩrĩ wake na cuka, makĩuumia nja na makĩũthika.
تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، [ئانانىياسنىڭ] ئايالى كىرىپ كەلدى؛ بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىدى. | 7 |
Thuutha wa ta mathaa matatũ-rĩ, mũtumia wake agĩtoonya atekũmenya ũrĩa gwekĩkĩte.
پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ماڭا ئېيتقىن، سىلەر يەرنى مۇشۇ پۇلغا ساتتىڭلارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ شۇنداق، مۇشۇنچىلىك پۇلغا ساتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. | 8 |
Petero akĩmũũria atĩrĩ, “Ta njĩĩra atĩrĩ, ici nĩcio mbeeca iria wee na Anania mũrendirie gĩthaka?” Nake mũtumia ũcio agĩcookia atĩrĩ, “Ĩĩ, nĩcio tũrendirie.”
پېترۇس: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناشقا تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قارا، ئېرىڭنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ پۇتلىرى ئىشىك تۈۋىدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىمۇ ئەكېتىدۇ! ــ دېدى. | 9 |
Petero akĩmwĩra atĩrĩ, “Nĩ kĩĩ gĩtũmĩte mũrĩĩkanĩre mũgerie Roho wa Mwathani? Atĩrĩrĩ, magũrũ ma andũ arĩa maathika mũthuuriguo marĩ mũromo-inĩ, nĩmegũkuumia nja o nawe.”
ئۇمۇ شۇئان ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياش يىگىتلەر كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. | 10 |
O kahinda kau akĩgũa thĩ magũrũ-inĩ make, agĩkua. Nao aanake magĩtoonya, makĩmũkora akuĩte, makĩmuoya, magĩthiĩ, makĩmũthika hakuhĩ na mũthuuriwe.
پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. | 11 |
Naguo kanitha wothe, hamwe na andũ arĩa othe maiguire maũndũ macio makĩnyiitwo nĩ guoya mũnene.
روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق [ئېتىقادچىلار] بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. | 12 |
Na rĩrĩ, atũmwo nĩmaringire ciama nyingĩ, na makĩonania morirũ gatagatĩ-inĩ ka andũ. Nao andũ arĩa othe metĩkĩtie nĩmagomanaga hamwe Gĩthaku-inĩ gĩa Solomoni.
بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. | 13 |
Gũtirĩ mũndũ wacookire kũgeria gwĩturanĩra nao, o na gũtuĩka andũ nĩmamaheete gĩtĩĩo mũno.
شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ-توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى). | 14 |
O na kũrĩ ũguo-rĩ, arũme na andũ-a-nja aingĩ nĩmetĩkirie Mwathani, naguo mũigana wao ũkĩongerereka.
شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. | 15 |
Nĩ ũndũ wa ũguo, andũ nĩmareehaga andũ arĩa arũaru njĩra-inĩ, makamakomeria itanda na ibarĩ, nĩguo naarĩ amwe ao mahutio nĩ kĩĩruru gĩa Petero.
يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى. | 16 |
Ningĩ andũ aingĩ nĩmonganaga hamwe moimĩte matũũra-inĩ marĩa maathiũrũrũkĩirie Jerusalemu, makareehaga andũ ao arĩa arũaru, na arĩa maanyariiragwo nĩ ngoma thũku, nao othe makahonio.
باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ، | 17 |
Na rĩrĩ, mũthĩnjĩri-Ngai ũrĩa mũnene na andũ arĩa othe maakoragwo nake, arĩa maarĩ a thiritũ ya Asadukai, makĩiyũrwo nĩ ũiru.
روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى. | 18 |
Makĩnyiita atũmwo, makĩmaikia njeera ĩrĩa ya mũingĩ.
لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا: | 19 |
No ũtukũ-rĩ, mũraika wa Mwathani akĩhingũra mĩrango ya njeera, na akĩmoimia nja.
ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار ــ دەپ تاپىلىدى. | 20 |
Akĩmeera atĩrĩ, “Thiĩi mũrũgame hekarũ-inĩ, mwĩre andũ ũhoro wothe wa muoyo ũyũ mwerũ.”
روسۇللار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى كەلگەندە، ئۇلار ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى جەم بولۇشقا چاقىردى. ئاندىن [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلسۇن دەپ قاماقخانىغا ئادەم ئەۋەتتى. | 21 |
Na rĩrĩ, ruoro rũgĩtema magĩtoonya hekarũ-inĩ, na makĩambĩrĩria kũruta andũ o ta ũrĩa meerĩĩtwo. Rĩrĩa mũthĩnjĩri-Ngai ũrĩa mũnene na andũ arĩa maakoragwo nake maakinyire-rĩ, magĩcookanĩrĩria Kĩama, kĩũngano gĩa athuuri othe a Isiraeli, na magĩtũmana njeera atũmwo magĩĩrwo.
لېكىن سىپاھلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، روسۇللارنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە: | 22 |
No rĩrĩa thigari ciakinyire njeera-rĩ, itiamakorire kuo. Nĩ ũndũ ũcio, magĩcookia ũhoro makĩmeera atĩrĩ,
ــ بىز بارساق، زىندان مەھكەم تاقاقلىق تۇرۇپتۇ، قاراۋۇللارمۇ دەرۋازىلىرىدا كۆزەتتە تۇرۇپتۇ. لېكىن دەرۋازىلارنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! ــ دەپ مەلۇمات بەردى. | 23 |
“Twakora mĩrango ya njeera ĩrĩ mĩhinge wega, nao arangĩri marũgamĩte mĩrango-inĩ; no twamĩhingũra, tũtinakora mũndũ kũu thĩinĩ.”
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىبادەتخانىدىكى [مەسئۇل] كاھىن ھەم قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى ۋە باش كاھىنلار: ــ «ئەمدى بۇ ئىش زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟» دېيىشىپ ئالاقزادىلىككە چۆمدى. | 24 |
Rĩrĩa mũnene wa arangĩri a hekarũ na athĩnjĩri-Ngai arĩa anene maiguire ũhoro ũcio makĩmaka na makĩrigwo nĩ ũrĩa gũgũikara.
دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ: ــ قاراڭلار، سىلەر زىندانغا قامىغان ئادەملەر ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرۇپ خالايىققا تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! ــ دەپ خەۋەر قىلدى. | 25 |
Hĩndĩ ĩyo hagĩũka mũndũ, akiuga atĩrĩ, “Ta rorai! Andũ arĩa mũraikirie njeera marũgamĩte hekarũ-inĩ makĩruta andũ.”
بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى سىپاھلىرىنى باشلاپ بېرىپ، [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇلار خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن دەپ قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى. | 26 |
Maigua ũguo, mũnene wa arangĩri a hekarũ agĩthiĩ na anene a thigari ciake na makĩrehe atũmwo. Matiigana kũhũthĩra hinya, tondũ nĩmetigagĩra andũ matikamahũũre na mahiga nyuguto.
ئۇلار [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمىدىكىلەر ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش كاھىن ئۇلارنى سوراق قىلىپ: | 27 |
Maarĩkia kũrehe atũmwo-rĩ, makĩmarũgamia mbere ya Kĩama nĩguo morio ciũria nĩ mũthĩnjĩri-Ngai ũrĩa mũnene.
ــ بىز ئەسلى سىلەرنى بۇ نامدا كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدۇق. لېكىن مانا، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلار بىلەن پۈتكۈل يېرۇسالېمنى قاپلىدىڭلار ھەمدە بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! ــ دېدى. | 28 |
Nake akĩmeera atĩrĩ, “Githĩ tũtiramũkaanirie biũ mũtikarutane na rĩĩtwa rĩĩrĩ, no rĩu mũiyũrĩtie Jerusalemu ũrutani wanyu, na nĩmwĩrutanĩirie gũtũma tũcookererwo nĩ thakame ya mũndũ ũcio.”
لېكىن پېترۇس ۋە [باشقا] روسۇللار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا ئىتائەت قىلىش كېرەك! | 29 |
Petero na atũmwo acio angĩ magĩcookia atĩrĩ, “Ithuĩ no nginya twathĩkĩre Ngai gũkĩra gwathĩkĩra andũ!
سىلەر تۇتۇپ ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسانى، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ خۇداسى تىرىلدۈردى. | 30 |
Ngai wa maithe maitũ nĩariũkirie Jesũ kuuma kũrĩ arĩa akuũ, ũrĩa mworagire na ũndũ wa kũmwamba mũtĩ-igũrũ.
خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى. | 31 |
Ngai nĩamũtũgĩririe akĩmũiga guoko-inĩ gwake kwa ũrĩo arĩ Mũthamaki na Mũhonokia nĩguo Isiraeli merire na marekerwo mehia.
بىز بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىلارمىز؛ شۇنداقلا خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇر. | 32 |
Ithuĩ tũrĩ aira a maũndũ macio, nake Roho Mũtheru, ũrĩa Ngai aheete andũ arĩa mamwathĩkagĩra-rĩ, o nake nĩ mũira.”
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قەلبىگە سانجىلغاندەك بولۇپ [روسۇللارنى] ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەتلەشتى. | 33 |
Rĩrĩa maiguire ũguo makĩrakara mũno makĩenda kũmooraga.
لېكىن كېڭەشمە ئىچىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي مەزھىپىدىكى گامالىيەل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۆلىماسى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: ــ ئۇلارنى بىردەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى. | 34 |
No rĩrĩ, Mũfarisai wetagwo Gamalieli, mũrutani wa watho na watĩĩtwo nĩ andũ othe akĩrũgama Kĩama-inĩ, agĩathana atĩ andũ acio mambe moimio nja gwa kahinda kanini.
ئاندىن ئۇ [كېڭەشمىدىكىلەرگە] مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار! | 35 |
Nake akĩĩra Kĩama atĩrĩ, “Andũ aya a Isiraeli, cũraniai wega ũrĩa mũratanya gwĩka andũ aya.
ئىلگىرى، ھېلىقى تەۋداس ئىسىملىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم قوشۇلدى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىشى يوققا چىقتى. | 36 |
Ihinda rĩhĩtũku mũndũ wetagwo Theuda nĩeyumĩririe agĩĩtuuaga atĩ we nĩ mũndũ ma, na akĩgĩa na arũmĩrĩri ta magana mana. Nĩooragirwo, nao arũmĩrĩri aake othe makĩhurunjwo na ũhoro ũcio wothe ũgĩtuĩka wa tũhũ.
ئاندىن كېيىن نوپۇس تىزىملاش كۈنلىرىدە، گالىلىيەلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ يوقىتىلىپ، بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن. | 37 |
Thuutha wake, Judasi ũrĩa woimĩte Galili akĩĩyumĩria matukũ-inĩ ma kwĩyandĩkithia na agĩtongoria mbũtũ ya andũ nĩguo makararie watho. O nake akĩũragwo, na arũmĩrĩri aake othe makĩhurunjwo.
ئەمدى سىلەرگە نەسىھىتىم شۇكى: بۇ كىشىلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار. چۈنكى ئەگەر بۇ ئېقىم ياكى بۇ ئىش پەقەت ئىنساندىن كەلگەن بولسا، جەزمەن يوققا چىقىدۇ. | 38 |
Nĩ ũndũ ũcio-rĩ, igũrũ rĩkoniĩ ũhoro ũyũ ngũmũtaara atĩrĩ, tiganai na andũ aya! Marekeei mathiĩ! Nĩ ũndũ angĩkorwo muoroto kana ciĩko ciao ciumanĩte na ũmũndũ-rĩ, ũndũ ũcio nĩũgũthira.
لېكىن ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلار خۇداغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولۇپ چىقىسىلەر! | 39 |
No angĩkorwo ũndũ ũyũ uumanĩte na Ngai, mũtingĩhota kũgirĩrĩria andũ aya; mũgwĩkora mũkĩhũũrana na Ngai.”
ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى. | 40 |
Nao magĩĩtĩkania na mĩario yake. Nao magĩĩta atũmwo matoonye makĩmahũũrithia iboko. Magĩcooka makĩmaatha matikaarie thĩinĩ wa rĩĩtwa rĩa Jesũ, magĩcooka makĩmarekereria mathiĩ.
روسۇللار ئەمدى كېڭەشمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى. | 41 |
Nao atũmwo makiuma Kĩama-inĩ makenete tondũ wa ũrĩa maatuĩtwo aagĩrĩru a gũconorithio nĩ ũndũ wa Rĩĩtwa rĩu.
ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ تەلىم بېرىشتىن ۋە «ئەيسا ــ مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشتىن ھېچ توختىمىدى. | 42 |
Mũthenya o mũthenya, marĩ hekarũ-inĩ o na marĩ mĩciĩ-inĩ, matiigana gũtiga kũrutana na kũhunjia ũhoro ũcio mwega atĩ Jesũ nĩwe Kristũ.