< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4 >
پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، كاھىنلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىيلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى. | 1 |
And while they were talking to the people, the priests and the captain of the Temple and the Sadducees came up to them,
ئۇلار [روسۇللارنىڭ] خالايىققا تەلىم بېرىشى، جۈملىدىن «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى. | 2 |
Being greatly troubled because they were teaching the people and preaching Jesus as an example of the coming back from the dead.
ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى، چۈنكى كەچ كىرىپ قالغانىدى. | 3 |
And they took them and put them in prison till the morning, for it was now evening.
لېكىن جار قىلىنغان سۆز-كالامنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ئېتىقاد قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى. | 4 |
But a number of those who gave hearing to the word had faith; and they were now about five thousand.
ئەتىسى، [يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى] باشلىقلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى. | 5 |
And on the day after, the rulers and those in authority and the scribes came together in Jerusalem;
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن ئانناس، قايافاس، يۇھاننا، ئىسكەندەر ۋە باش كاھىننىڭ باشقا جەمەتىدىكىلەر بار ئىدى. | 6 |
And Annas, the high priest, was there, and Caiaphas and John and Alexander, and all the relations of the high priest.
ئۇلار [پېترۇس بىلەن يۇھاننانى] ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ: ــ سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ ياكى كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. | 7 |
Then sending for Peter and John, they said, By what power and in whose name have you done this?
پېترۇس مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان ھالدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى! | 8 |
Then Peter, being full of the Holy Spirit, said to them, O you rulers of the people and men of authority,
ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەل ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق، | 9 |
If we are questioned today about a good work done to a man who was ill, as to how he has been made well,
سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ [كۈچ-قۇدرىتى] ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق-سالامەت تۇرىدۇ! | 10 |
Take note, all of you, and all the people of Israel, that in the name of Jesus Christ of Nazareth, whom you put to death on the cross, whom God gave back from the dead, even through him is this man now before you completely well.
بۇ [ئەيسا] بولسا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر. | 11 |
He is the stone which you builders had no use for, but which has been made the chief stone of the building.
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر. | 12 |
And in no other is there salvation: for there is no other name under heaven, given among men, through which we may have salvation.
پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى؛ ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. | 13 |
Now when they saw that Peter and John were without fear, though they were men of no education or learning, they were greatly surprised; and they took note of them that they had been with Jesus.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقايغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. | 14 |
And, seeing that the man who had been made well was there with them, they were not able to say anything against it.
شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: | 15 |
But when they had given them orders to go out of the Sanhedrin, they had a discussion among themselves,
ــ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خېلى كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلىك بىر ئالامەت يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئايان بولدى ۋە بىز ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز. | 16 |
Saying, What are we to do with these men? for certainly it is clear to all who are living in Jerusalem that a most important sign has been done by them, and it is not possible to say that it is not so.
لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ نامىدا ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھ-تەھدىت سالايلى! ــ دېيىشتى. | 17 |
But so that it may not go farther among the people, let us put them in fear of punishment if they say anything in future in this name.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقىرتىپ، بۇندىن كېيىن ئەيسانىڭ نامىدا ھېچ سۆزلىمەسلىك ياكى تەلىم بەرمەسلىكنى قەتئىي بۇيرۇدى. | 18 |
And they sent for them, and gave them orders not to make statements or give teaching in the name of Jesus.
لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا: ــ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار! | 19 |
But Peter and John in answer said to them, It is for you to say if it is right in the eyes of God to give attention to you more than to God:
ئەمما بىز بولساق، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 20 |
For it is not possible for us to keep from saying what we have seen and have knowledge of.
[ھۆكۈمرانلار] بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئۇلارنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارغا تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى خالايىق بولغان ۋەقە تۈپەيلىدىن خۇدانى ئۇلۇغلىغانىدى. | 21 |
And when they had said more sharp words to them, they let them go, not seeing what punishment they might give them, because of the people; for all men were giving praise to God for what had taken place.
چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى. | 22 |
For the man on whom this act of power was done was more than forty years old.
ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. | 23 |
And when they had been made free, they came back to their friends, and gave an account of all the things which the chief priests and the authorities had said to them.
ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى: ــ ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن. | 24 |
And hearing it, they all, with one mind, made prayer to God and said, O Lord, maker of heaven and earth and the sea and all things in them:
سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ | 25 |
Who has said, by the Holy Spirit, through the mouth of our father David your servant, Why are the nations so violently moved, and why are the thoughts of the people so foolish?
دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى». | 26 |
The kings of the earth were lifted up, the rulers came together, against the Lord, and against his Christ:
ــ چۈنكى دەرۋەقە دەل بۇ شەھەردە ھېرود ھەم پونتىئۇس پىلاتۇس، يات ئەللىكلەر ھەم ئىسرائىل خەلقلىرى بىرلىشىپ، سەن مەسىھلىگەن مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيساغا قارشى چىقىپ توپلانغانىدى، | 27 |
For, truly, in this town, against your holy servant, Jesus, who was marked out by you as Christ, Herod, and Pontius Pilate, with the Gentiles and the people of Israel, came together,
شۇنىڭ بىلەن كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان. | 28 |
To do that which had been fixed before by your hand and your purpose.
ئەمدى ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن، قۇللىرىڭنى سۆز-كالامىڭنى تولۇق يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەپ يەتكۈزىدىغان قىلغايسەن؛ | 29 |
And now, Lord, take note of their cruel words, and give your servants power to be preachers of your word without fear,
ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى ياراتقايسەن. | 30 |
While your hand is stretched out to do works of mercy; so that signs and wonders may be done through the name of your holy servant Jesus.
ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى. | 31 |
And when their prayer was ended, the place where they were was violently moved, and they all became full of the Holy Spirit, preaching the word of God without fear.
توپ-توپ ئېتىقادچىلار بىر جان-بىر دىل، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بەلكى ھەممىسىگە ئورتاق ئىدى. | 32 |
And all those who were of the faith were one in heart and soul: and not one of them said that any of the things which he had was his property only; but they had all things in common.
روسۇللار زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ زور مېھرى-شەپقىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قوندى. | 33 |
And with great power the Apostles gave witness of the coming back of the Lord Jesus from the dead; and grace was on them all.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ | 34 |
And no one among them was in need; for everyone who had land or houses, exchanging them for money, took the price of them,
روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى. | 35 |
And put it at the feet of the Apostles for distribution to everyone as he had need.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى (روسۇللار ئۇنى بارناباس، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوغۇل بالا» دەپ ئاتىغان)؛ | 36 |
And Joseph, who was given by the Apostles the name of Barnabas (the sense of which is, Son of comfort), a Levite and a man of Cyprus by birth,
ئۇنىڭمۇ بىر پارچە ئېتىزى بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ئۇنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا تاپشۇردى. | 37 |
Having a field, got money for it and put the money at the feet of the Apostles.