< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 28 >
بىز قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. | 1 |
Спасши ся ж довідались, що остров зветь ся Мелит.
يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى؛ چۈنكى ئۇ چاغدا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. | 2 |
Чужоземці ж показали нам не мале милосерде: розложивши бо багаттє, прийняли всіх нас задля дощу, що йшов, і задля холоду.
پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن ئېتىلىپ چىققان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىنى چىشلىگىنىچە چاپلىشىۋالدى. | 3 |
Як же набрав Павел оберемок хворосту і положив на огнище, вибігши від жару гадина, почепилась на руцї в него.
شۇ يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم چوقۇم بىر قاتىل ئىكەن! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى، ــ دېيىشتى. | 4 |
Побачивши чужоземці, що зьвірюка висіла з руки його, говорили між собою: Певно сей чоловік убийця, що спас ся з моря, та суд (богів) не дав йому жити.
لېكىن پاۋلۇس يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە سىلكىپ ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى. | 5 |
Він же, струснувши гадюку в огонь, не дізнав ніякого лиха.
خەلق ئۇنىڭغا بەدىنى ئىششىپ كېتىدۇ ياكى ئۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلىدۇ دەپ قاراپ تۇراتتى. لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىنورمال ھالەتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئويلىغىنىدىن يېنىپ: ــ بۇ بىر ئىلاھ بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى. | 6 |
Вони ж дожидали, що він мав опухнути або зараз упаде мертвий; як же довго дожидались і бачили, що ніякого лиха йому не сталось, перемінивши думки, казали, що се Бог.
ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتا، ئارال باشلىقى (پۇبلىيۇس دەپ ئاتالغان)نىڭ بىرنەچچە يەر-ئېتىزلىرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، ئۈچ كۈن قىزغىن مېھمان قىلىپ كۈتتى. | 7 |
Навкруги ж сього місця були землі першого на острові, на ймя Публия. Він, прийнявши нас, три дні поприятельски гостив.
ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى. | 8 |
І сталось, що батько Публиїв лежав, болїючи на пропасницю та на живіт. Приступивши до него Павел, помоливсь і, положивши руки на него, сцїлив його.
شۇنىڭدىن كېيىن ئارالدىكى قالغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقايتىلدى. | 9 |
Як се стало ся, то й инші на острові, що мали недуги, приходили та й сцїлялись.
ئۇلار بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بېغىشلىغان بولۇپ، ئاخىردا بۇ يەردىن يەنە يولغا چىققان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولغا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى. | 10 |
Вони і великою честю пошанували нас, а як ми відпливали, надавали, чого нам треба (було).
مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيەدىن كەلگەن، بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. ئارالدا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق. | 11 |
По трох же місяцях одвезлись ми кораблем Александрийським, надписаним Диоскур, що зимував на острові,
سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. | 12 |
і припливши в Сиракузу, пробули (там) три дні.
ئاندىن ئايلىنىپ مېڭىپ، [ئىتالىيەدىكى] رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى شامال يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ جەنۇبتىن چىقىشى بىلەن، ئىككىنچى كۈنى پۇتېئولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. | 13 |
А звідтіля відпливши, прибули в Регию, і за один день, як настав полуденний вітер, прийшли другого дня в Путеоли,
ئۇ يەردە بىرنەچچە قېرىنداشلارنى تاپتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى بىلەن بىز ئۇلاردا بىر ھەپتە تۇردۇق. شۇنداق قىلىپ بىز رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. | 14 |
де знайшовши братів, ублагані були від них перебути у них сім день; і так прийшли в Рим.
كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، [بەزىلىرى] «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلارنى كۆرگەندە، خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، غەيرەتلەندى. | 15 |
Звідтіля, почувши брати про нас, повиходили назустріч нам аж до Апиєвого торгу та Трох Гостинниць. Побачивши їх Павел і подякувавши Богу, набрав ся сьмілости.
رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى؛ لېكىن پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. | 16 |
Як же прийшли ми в Рим, сотник передав вязнику воїводї; Павлу ж дозволено жити окреме з воїном, що стеріг його.
ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى. ئۇلار جەم بولغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالدۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا تۇرغىنىمدا تۇتقۇن قىلىنىپ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم. | 17 |
Стало ся ж по трох днях, скликав Павел первих із Жидів, і, як посходились вони, рече до них: Мужі брати, нічого не зробивши противного народові або звичаям отцївським, передай я, яко вязник, у рука Римлянам.
رىملىقلار مېنى سوراققا تارتىپ، مەندە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغۇدەك بىرەر جىنايەت بولمىغاچقا، مېنى قويۇۋەتمەكچى بولدى. | 18 |
Розпитавши вони мене, хотїли випустити, бо ніякої вини смерти не було в мені.
لېكىن يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇلارنى دېگىنىم بىلەن، بۇ مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن شىكايىتىم بار دېگەنلىكىم ئەمەس. | 19 |
Як же противились Жиди, був я змушений покликатись до кесаря, не яко би мав чим обвинувати нарід мій.
شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سىلەرگە ئېيتىش ئۈچۈن سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىردىم. چۈنكى بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىشنىڭ سەۋەبى دەل ئىسرائىلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدۇر. | 20 |
Тим же скликав я вас, щоб побачити вас та поговорити, бо за надію Ізраїлеву залізом сим оковано мене.
ئۇلار پاۋلۇسقا: ــ بىز بولساق يەھۇدىيەدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق، ياكى ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى. | 21 |
Вони ж промовили до него: Ми анї письма про тебе не одержували з Юдеї, анї прийшовши хто з братів, звістив або сказав про тебе що лихе.
لېكىن سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلىغۇمىز بار. چۈنكى ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ [سەن تەۋە بولغان] بۇ مەزھەپكە قارشى سۆزلەۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! ــ دېيىشتى. | 22 |
Та бажаємо від тебе чути, що ти думаєш; бо про сю єресь відоме нам, що всюди противлять ся їй.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بېكىتتى. ئۇ كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەنىدى؛ ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا [سۆز-كالامنى] شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى. | 23 |
Призначивши ж йому день, поприходили до него в оселю многі, і викладував він їм, сьвідкуючи про царство Боже, і впевняючи їх про Ісуса й з закону Мойсеевого й з пророків, од ранку до вечера.
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندۈرۈلدى، بەزىلەر ئىشىنىشنى رەت قىلدى. | 24 |
І деякі увірували в слова його, а инші не увірували.
ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان: | 25 |
І, будучи в незгоді між собою, розійшлись, як промовив Павел одно слово: що добре промовив сьвятий Дух через Ісаїю пророка до батьків ваших,
ــ «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. | 26 |
глаголючи: Йди до людей сих та скажи: Слухом будете слухати, та й не зрозумієте, і дивлячись будете дивитись, та й не побачите:
چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان، ئۇلار كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان؛ ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»». | 27 |
бо серце сього народу затверділо, й ушима тяжко чують, і очі свої позаплющували, щоб не виділи очима, і ушима не чули, і серцем не розуміли, і не навернулись, щоб я сцїлив їх.
شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ بۇ نىجاتلىقى يات ئەللىكلەرگە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي قالمايدۇ! ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى. | 28 |
Відоме ж нехай вам буде, що послане поганам спасеннє Боже вони чути муть.
І, як промовив сї слова, пійшли Жиди, маючи велике змаганнє між собою.
[پاۋلۇس] ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە تولۇق ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، | 30 |
Пробував же Павел цїлих два роки в найнятій хаті своїй, і приймав усїх, хто приходив до него,
تولىمۇ يۈرەكلىك بىلەن ھەم ھېچ توسالغۇغا ئۇچرىماي، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىپ، رەب ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزۈپ تەلىم بەردى. | 31 |
проповідуючи царство Боже і навчаючи про Господа Ісуса Христа з усією сьміливостю, без заборони.