< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 27 >
بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا بىرنەچچە مەھبۇسنى «ئاۋغۇستۇس قىسمى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇردى. | 1 |
Ut autem iudicatum est navigare eum in Italiam, et tradi Paulum cum reliquis custodiis centurioni nomine Iulio cohortis Augustae,
بىز ئادرامىتتىئۇمنىڭ بىر كېمىسىگە چىقتۇق. كېمە ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە باراتتى. تېسالونىكا شەھىرىدىن بولغان ماكېدونىيەلىك، ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى. | 2 |
ascendentes navem Adrumetinam, incipientes navigare circa Asiae loca, sustulimus, perseverante nobiscum Aristarcho Macedone Thessalonicensi.
ئەتىسى بىز زىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ غەمخورلىقىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. | 3 |
Sequenti autem die devenimus Sidonem. Humane autem tractans Iulius Paulum, permisit ad amicos ire, et curam sui agere.
بىز ئۇ يەردىن يەنە دېڭىزغا چىقتۇق. شاماللار قېرىشقاندەك قارشى تەرىپىمىزدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق. | 4 |
Et inde cum sustulissemus, subnavigavimus Cyprum, propterea quod essent venti contrarii.
كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق. | 5 |
Et pelagus Ciliciae, et Pamphyliae navigantes, venimus Lystram, quae est Lyciae:
شۇ يەردە يۈزبېشى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىتالىيەگە بارىدىغان باشقا بىر كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ قويدى. | 6 |
et ibi inveniens centurio navem Alexandrinam navigantem in Italiam, transposuit nos in eam.
دېڭىزدا كۆپ كۈنلەر ناھايىتى ئاستا مېڭىپ، تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدۇق. شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي [يېرىم ئارىلى]دىن ئۆتۈپ، | 7 |
Et cum multis diebus tarde navigaremus, et vix devenissemus contra Gnidum, prohibente nos vento, adnavigavimus Cretae iuxta Salmonem:
دېڭىزدا تەسلىكتە ئىلگىرىلەپ قىرغاقنى بويلاپ، لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «گۈزەل ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق. | 8 |
et vix iuxta navigantes, venimus in locum quendam, qui vocatur Boniportus, cui iuxta erat civitas Thalassa.
سەپەر بىلەن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ، روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا پاۋلۇس كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلىپ: | 9 |
Multo autem tempore peracto, et cum iam non esset tuta navigatio, eo quod ieiunium iam praeterisset, consolabatur eos Paulus,
ــ بۇرادەرلەر، بۇ سەپەرنىڭ بالايىئاپەت ۋە ئېغىر زىيان بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن؛ مال ۋە كېمىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، سەپەر ئۆز جېنىمىزغىمۇ زامىن بولىدۇ! ــ دەپ ئاگاھلاندۇردى. | 10 |
dicens eis: Viri, video quoniam cum iniuria, et multo damno non solum oneris, et navis, sed etiam animarum nostrarum incipit esse navigatio.
بىراق يۈزبېشى بولسا پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، كېمە باشلىقى بىلەن كېمە ئىگىسىنىڭ سۆزىگە ئىشەندى. | 11 |
Centurio autem gubernatori et nauclero magis credebat, quam his, quae a Paulo dicebantur.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پورتمۇ قىشلاشقا مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. فېنىكس بولسا كرېت ئارىلىدىكى بىر دېڭىز پورتى بولۇپ، بىر تەرىپى غەربىي جەنۇبقا ۋە بىر تەرىپى غەربىي شىمالغا قارايتتى. | 12 |
Et cum aptus portus non esset ad hiemandum, plurimi statuerunt consilium navigare inde, si quomodo possent, devenientes Phoenicen, hiemare, portum Cretae respicientem ad Africum, et ad Corum.
جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، كۆپچىلىك نىشانىمىزغا يېتىدىغان بولدۇق دەپ، لەڭگەرنى ئېلىۋېتىپ، كېمىنى كرېت ئارىلىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ھەيدەپ ماڭدى. | 13 |
Aspirante autem Austro, aestimantes propositum se tenere, cum sustulissent de Asson, legebant Cretam.
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق «شەرقىي شىمالدىن كەلگۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەشەددىي قارا بوران چىقىپ كەتتى. | 14 |
Non post multum autem misit se contra ipsam ventus Typhonicus, qui vocatur Euroaquilo.
كېمە بۇراننىڭ قاماللىقىدا قالغاچقا، ئۇنى شامالغا يۈزلەندۈرەلمەي، بوراننىڭ مەيلىچە مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق. | 15 |
Cumque arrepta esset navis, et non posset conari in ventum, data nave flatibus, ferebamur.
كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق. ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرىگە قېقىلىپ پېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تورمۇز لەڭگەرلىرىنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى شامالنىڭ ھەيدىشىگە قويۇپ بەردى. | 16 |
In insulam autem quandam decurrentes, quae vocatur Cauda, potuimus vix obtinere scapham.
Qua sublata, adiutoriis utebantur, accingentes navem, timentes ne in Syrtim inciderent, summisso vase sic ferebantur.
بوران ئۈستىمىزگە شىددەتلىك سوققاچقا، ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى. | 18 |
Valida autem nobis tempestate iactatis, sequenti die iactum fecerunt:
ئۈچىنچى كۈنىدە ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن كېمىدىكى قورال-جابدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. | 19 |
et tertia die suis manibus armamenta navis proiecerunt.
كۆپ كۈنلەرگىچە يا كۈن يا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەي، بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك ئۈستىمىزگە توختىماي سوقۇۋەرگەچكە، ئاخىردا قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزمۇ يوققا چىققانىدى. | 20 |
Neque autem sole, neque sideribus apparentibus per plures dies, et tempestate non exigua imminente, iam ablata erat spes omnis salutis nostrae.
كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە كۆپ كۈنلەر بولغاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ بۇرادەرلەر، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىپ كرېتتىن دېڭىزغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭلار بۇ بالايىئاپەت ۋە زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتىڭلار. | 21 |
Et cum multa ieiunatio fuisset, tunc stans Paulus in medio eorum, dixit: Oportebat quidem, o viri, audito me, non tollere a Creta, lucrique facere iniuriam hanc, et iacturam.
لېكىن ئەمدى سىلەرنى غەيرەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى ئاراڭلاردا ھېچقايسىڭلار جېنىدىن ئايرىلغىنى يوق، پەقەت كېمىدىنلا مەھرۇم قالىسىلەر. | 22 |
Et nunc suadeo vobis bono animo esse. amissio enim nullius animae erit ex vobis, praeterquam navis.
چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت-خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ | 23 |
Astitit enim mihi hac nocte Angelus Dei, cuius sum ego, et cui deservio,
ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى. | 24 |
dicens: Ne timeas Paule, Caesari te oportet assistere: et ecce donavit tibi Deus omnes, qui navigant tecum.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەپەندىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى خۇداغا ئىشىنىمەنكى، ماڭا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. | 25 |
Propter quod bono animo estote viri: credo enim Deo, quia sic erit, quemadmodum dictum est mihi.
بىراق بىز مەلۇم ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ. | 26 |
In insulam autem quandam oportet nos devenire.
سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈن نىسپىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قېلىپتۇق، دەپ ئويلىدى. | 27 |
Sed posteaquam quartadecima nox supervenit, navigantibus nobis in Adria circa mediam noctem, suspicabantur nautae apparere sibi aliquam regionem.
ئۇلار چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەش ئارغامچىسىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، يىگىرمە غۇلاچ چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئون بەش غۇلاچ چىقتى. | 28 |
Qui et summittentes bolidem, invenerunt passus viginti: et pusillum inde separati, invenerunt passus quindecim.
ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ، تاڭ ئېتىشنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ تۇردى. | 29 |
Timentes autem ne in aspera loca incideremus, de puppi mittentes anchoras quattuor, optabant diem fieri.
لېكىن كېمىچىلەر كېمىدىن قاچماقچى بولۇپ كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتەيلى دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى. | 30 |
Nautis vero quaerentibus fugere de navi, cum misissent scapham in mare, sub obtentu quasi inciperent a prora anchoras extendere,
پاۋلۇس يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەرگە: ــ بۇ [كېمىچىلەر] كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! ــ دېدى. | 31 |
dixit Paulus Centurioni, et militibus: Nisi hi in navi manserint, vos salvi fieri non potestis.
بۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى. | 32 |
Tunc absciderunt milites funes scaphae, et passi sunt eam excidere.
تاڭ ئاتاي دېگەندە، پاۋلۇس ھەممەيلەننى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ: ــ سىلەرنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە ھېچنېمە يېمەي تۇرغىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى. | 33 |
Et cum lux inciperet fieri, rogabat Paulus omnes sumere cibum, dicens: Quartadecima die hodie expectantes ieiuni permanetis, nihil accipientes.
ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى ھېچقايسىڭلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال مويمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! ــ دېدى. | 34 |
Propter quod rogo vos accipere cibum pro salute vestra: quia nullius vestrum capillus de capite peribit.
بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى. | 35 |
Et cum haec dixisset, sumens panem, gratias egit Deo in conspectu omnium: et cum fregisset, coepit manducare.
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ غىزالىنىشقا باشلىدى | 36 |
Animaequiores autem facti omnes, et ipsi sumpserunt cibum.
(كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق). | 37 |
Eramus vero universae animae in navi ducentae septuaginta sex.
ھەممەيلەن قورساقلىرىنى توقلىغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. | 38 |
Et satiati cibo alleviabant navem, iactantes triticum in mare.
تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنىڭ نە ئىكەنلىكىنى تونۇمىدى. لېكىن ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە ئۇرۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى. | 39 |
Cum autem dies factus esset, terram non agnoscebant: sinum vero quendam considerabant habentem littus, in quem cogitabant, si possent, eiicere navem.
ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنى بوشىۋېتىپ، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى شامالغا چىقىرىپ، كېمىنى قۇملۇقنىڭ قىرغىقىغا قارىتىپ ماڭدۇردى. | 40 |
Et cum anchoras sustulissent, committebant se mari, simul laxantes iuncturas gubernaculorum: et levato artemone secundum aurae flatum tendebant ad littus.
ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى؛ كېمىنىڭ بېشى دېڭىز تېگىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ، مىدىرلىماي قالدى، لېكىن كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى. | 41 |
Et cum incidissemus in locum dithalassum, impegerunt navem: et prora quidem fixa manebat immobilis, puppis vero solvebatur a vi maris.
لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. | 42 |
Militum autem consilium fuit ut custodias occiderent: nequis cum enatasset, effugeret.
لېكىن يۈزبېشى پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ قىرغاققا چىقىشىنى، | 43 |
Centurio autem volens servare Paulum, prohibuit fieri: iussitque eos, qui possent natare, emittere se in mare primos, et evadere, et ad terram exire:
قالغانلارنىڭ بەزىلىرىنى تاختايلارغا، بەزىلىرىنى كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرىغا ئېسىلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق بولدىكى، ھەممەيلەن قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قۇرۇقلۇققا چىقتى. | 44 |
et ceteros alios in tabulis ferebant: quosdam super ea, quae de navi erant. Et sic factum est, ut omnes animae evaderent ad terram.