< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26 >
شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ ئۆزۈڭنىڭ گېپىڭنى قىلىشىڭغا رۇخسەت، ــ دېدى. پاۋلۇس قولىنى سوزۇپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى: | 1 |
Agrippa vero ad Paulum ait: Permittitur tibi loqui pro temetipso. Tunc Paulus extenta manu cœpit rationem reddere:
ــ ئى ئاگرىپپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلار توغرۇلۇق جاۋاب بېرىش پۇرسىتىگە نېسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدىن خەۋەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن! شۇنىڭ ئۈچۈن دېگەنلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. | 2 |
De omnibus quibus accusor a Judæis, rex Agrippa, æstimo me beatum apud te cum sim defensurus me hodie,
maxime te sciente omnia, et quæ apud Judæos sunt consuetudines et quæstiones: propter quod obsecro patienter me audias.
مېنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، يەنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز ئېلىمدە، يېرۇسالېمدا يۈرۈش-تۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان. | 4 |
Et quidem vitam meam a juventute, quæ ab initio fuit in gente mea in Jerosolymis, noverunt omnes Judæi:
ئۇلار شۇ دەسلەپكى ۋاقتىمدىن بېرى مېنى تونۇغاچقا (ئەگەر خالىسائىدى، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەتتى)، مېنىڭ ئىبادەت تۈزۈمىدىكى ئەڭ تەلەپچان مەزھەپنىڭ شەرتلىرى بويىچە ياشاپ، يەنى پەرىسىي بولۇپ ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىدۇ. | 5 |
præscientes me ab initio (si velint testimonium perhibere) quoniam secundum certissimam sectam nostræ religionis vixi pharisæus.
ئەمدى مەن خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن. | 6 |
Et nunc, in spe quæ ad patres nostros repromissionis facta est a Deo, sto judicio subjectus:
شۇ [ۋەدىنىڭ] نېسىۋىسىگە يېتىشنى بىزنىڭ پۈتكۈل ئون ئىككى قەبىلىمىز كېچە-كۈندۈز توختاۋسىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ ئۈمىد قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى دەل شۇ ئۈمىدكە باغلىقتۇر! | 7 |
in quam duodecim tribus nostræ nocte ac die deservientes, sperant devenire. De qua spe accusor a Judæis, rex.
[خالايىق]، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟ | 8 |
Quid incredibile judicatur apud vos, si Deus mortuos suscitat?
دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم | 9 |
Et ego quidem existimaveram me adversus nomen Jesu Nazareni debere multa contraria agere,
ۋە يېرۇسالېمدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلغانىدىم. باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئېلىپ، ئۆزۈم خۇدانىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلىرىنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم. | 10 |
quod et feci Jerosolymis, et multos sanctorum ego in carceribus inclusi, a principibus sacerdotum potestate accepta: et cum occiderentur, detuli sententiam.
مەن ھەممە سىناگوگلاردا كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ جازالاپ، كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم. مەن ئۇلارغا تەلۋىلەرچە ئۆچ بولۇپ، ھەتتا ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم. | 11 |
Et per omnes synagogas frequenter puniens eos, compellebam blasphemare: et amplius insaniens in eos, persequebar usque in exteras civitates.
بۇ ئىشلاردا بولۇپ باش كاھىنلار بەرگەن تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقى بىلەن دەمەشق شەھىرىگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتاتتىم. | 12 |
In quibus dum irem Damascum cum potestate et permissu principum sacerdotum,
چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن، قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. | 13 |
die media in via vidi, rex, de cælo supra splendorem solis circumfulsisse me lumen, et eos qui mecum simul erant.
ھەممىمىز يەرگە يىقىلغان بولۇپ مەن ئىبرانىي تىلىدا ئېيتىلغان: «ئەي سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. | 14 |
Omnesque nos cum decidissemus in terram, audivi vocem loquentem mihi hebraica lingua: Saule, Saule, quid me persequeris? durum est tibi contra stimulum calcitrare.
مەن: ــ «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن! | 15 |
Ego autem dixi: Quis es, domine? Dominus autem dixit: Ego sum Jesus, quem tu persequeris.
ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر؛ چۈنكى مەن سېنى سەن كۆرگەن ئىشلارغا ھەمدە ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم. | 16 |
Sed exsurge, et sta super pedes tuos: ad hoc enim apparui tibi, ut constituam te ministrum, et testem eorum quæ vidisti, et eorum quibus apparebo tibi,
مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن ــ چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ دېدى. | 17 |
eripiens te de populo et gentibus, in quas nunc ego mitto te,
aperire oculos eorum, ut convertantur a tenebris ad lucem, et de potestate Satanæ ad Deum, ut accipiant remissionem peccatorum, et sortem inter sanctos, per fidem quæ est in me.
شۇڭا، ئى ئاگرىپپا ئالىيلىرى، مەن ئەرشتىن كەلگەن بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشكە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم. | 19 |
Unde, rex Agrippa, non fui incredulus cælesti visioni:
بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم. | 20 |
sed his qui sunt Damasci primum, et Jerosolymis, et in omnem regionem Judææ, et gentibus, annuntiabam, ut pœnitentiam agerent, et converterentur ad Deum, digna pœnitentiæ opera facientes.
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. | 21 |
Hac ex causa me Judæi, cum essem in templo, comprehensum tentabant interficere.
لېكىن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ياردەم-مەدىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ مەن چىڭ تۇرۇۋاتىمەن، تۆۋەندىكىلەر بولسۇن يۇقىرىدىكىلەر بولسۇن ھەممەيلەنگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدىم. گۇۋاھلىقىم دەل پەيغەمبەرلەر ھەم مۇسا ئۆزى بېشارەت قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ــ | 22 |
Auxilio autem adjutus Dei usque in hodiernum diem, sto, testificans minori atque majori, nihil extra dicens quam ea quæ prophetæ locuti sunt futura esse, et Moyses,
دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ [يەھۇدىي] خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ. | 23 |
si passibilis Christus, si primus ex resurrectione mortuorum, lumen annuntiaturus est populo et gentibus.
پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: ــ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلىكى ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! ــ دېدى. | 24 |
Hæc loquente eo, et rationem reddente, Festus magna voce dixit: Insanis, Paule: multæ te litteræ ad insaniam convertunt.
لېكىن پاۋلۇس: ــ ساراڭ ئەمەسمەن، ئى فېستۇس جانابلىرى، مەن بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھەم سالمىقى بار سۆزلەرنى جار قىلىمەن. | 25 |
Et Paulus: Non insanio, inquit, optime Feste, sed veritatis et sobrietatis verba loquor.
چۈنكى [ئاگرىپپا] ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس! | 26 |
Scit enim de his rex, ad quem et constanter loquor: latere enim eum nihil horum arbitror. Neque enim in angulo quidquam horum gestum est.
ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى. | 27 |
Credis, rex Agrippa, prophetis? Scio quia credis.
ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا خرىستىئان بولۇشقا قايىل قىلماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. | 28 |
Agrippa autem ad Paulum: In modico suades me christianum fieri.
پاۋلۇس: ــ مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا بولسۇن، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بۈگۈن سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بولغاي (پەقەت مەندىكى زەنجىرلەر سىلەردە بولمىسۇن!) دەپ خۇدادىن تىلەيمەن، ــ دېدى. | 29 |
Et Paulus: Opto apud Deum, et in modico et in magno, non tantum te, sed etiam omnes qui audiunt hodie fieri tales, qualis et ego sum, exceptis vinculis his.
شۇنىڭ بىلەن [ئاگرىپپا] خان، شۇنداقلا ۋالىي، بەرنىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، | 30 |
Et exsurrexit rex, et præses, et Bernice, et qui assidebant eis.
[زالدىن] چىقىپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك ھېچبىر جىنايىتى يوق ئىكەن! ــ دېيىشتى. | 31 |
Et cum secessissent, loquebantur ad invicem, dicentes: Quia nihil morte aut vinculis dignum quid fecit homo iste.
ئاگرىپپا فېستۇسقا: ــ بۇ ئادەم قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلمىغان بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! ــ دېدى. | 32 |
Agrippa autem Festo dixit: Dimitti poterat homo hic, si non appellasset Cæsarem.