< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26 >

شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ ئۆزۈڭنىڭ گېپىڭنى قىلىشىڭغا رۇخسەت، ــ دېدى. پاۋلۇس قولىنى سوزۇپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى: 1
Potom Agrippa řekl Pavlovi: Dopouštíť se, abys sám za sebe promluvil. Tedy Pavel vztáh ruku, mluvil:
ــ ئى ئاگرىپپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلار توغرۇلۇق جاۋاب بېرىش پۇرسىتىگە نېسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدىن خەۋەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن! شۇنىڭ ئۈچۈن دېگەنلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. 2
Na všecky ty věci, z kterýchž mne viní Židé, králi Agrippo, za šťastného se počítám, že dnes před tebou odpovídati mám,
3
A zvláště proto, poněvadž jsi ty povědom všech těch, kteříž u Židů jsou, obyčejů a otázek. Protož prosím tebe, vyslyšiž mne trpělivě.
مېنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، يەنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز ئېلىمدە، يېرۇسالېمدا يۈرۈش-تۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان. 4
O životu mém hned od mladosti mé, jaký byl od počátku v národu mém v Jeruzalémě, vědí všickni Židé,
ئۇلار شۇ دەسلەپكى ۋاقتىمدىن بېرى مېنى تونۇغاچقا (ئەگەر خالىسائىدى، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەتتى)، مېنىڭ ئىبادەت تۈزۈمىدىكى ئەڭ تەلەپچان مەزھەپنىڭ شەرتلىرى بويىچە ياشاپ، يەنى پەرىسىي بولۇپ ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىدۇ. 5
Měvše mne prve zdávna v dobré známosti, (kdyby chtěli svědectví vydati, ) kterak vedle nejjistší sekty v našem náboženství byl jsem živ farizeus.
ئەمدى مەن خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن. 6
A nyní pro naději toho zaslíbení, kteréž se stalo otcům našim od Boha, teď stojím, soudu jsa poddán,
شۇ [ۋەدىنىڭ] نېسىۋىسىگە يېتىشنى بىزنىڭ پۈتكۈل ئون ئىككى قەبىلىمىز كېچە-كۈندۈز توختاۋسىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ ئۈمىد قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى دەل شۇ ئۈمىدكە باغلىقتۇر! 7
K kterémužto zaslíbení dvanáctero pokolení naše, sloužíce Bohu ustavičně dnem i nocí, naději má, že přijde; pro kteroužto naději žalují na mne Židé, ó králi Agrippo.
[خالايىق]، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟ 8
A tak-liž se to od vás za nepodobné k víře soudí, že Bůh křísí mrtvé?
دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم 9
Ačť i mně se zdálo, že by mi náležité bylo, proti jménu Ježíše Nazaretského mnoho odporného činiti,
ۋە يېرۇسالېمدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلغانىدىم. باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئېلىپ، ئۆزۈم خۇدانىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلىرىنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم. 10
Jakož jsem i činil v Jeruzalémě, a mnohé z svatých já jsem do žalářů dával, vzav moc od předních kněží. A když měli mordováni býti, já jsem pomáhal ortele vynášeti.
مەن ھەممە سىناگوگلاردا كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ جازالاپ، كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم. مەن ئۇلارغا تەلۋىلەرچە ئۆچ بولۇپ، ھەتتا ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم. 11
A po všech školách často trápě je, přinucoval jsem, aby se rouhali; a náramně rozlítiv se na ně, protivil jsem se jim, až i do jiných měst na to jsem jezdil.
بۇ ئىشلاردا بولۇپ باش كاھىنلار بەرگەن تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقى بىلەن دەمەشق شەھىرىگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتاتتىم. 12
A v tom, když jsem šel do Damašku, s mocí a s poručením předních kněží,
چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن، قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. 13
O poledni na cestě, ó králi, uzřel jsem, ano světlo s nebe, jasnější nad blesk slunečný, obklíčilo mne, i ty, kteříž se mnou šli.
ھەممىمىز يەرگە يىقىلغان بولۇپ مەن ئىبرانىي تىلىدا ئېيتىلغان: «ئەي سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 14
A když jsme my všickni na zem padli, slyšel jsem hlas mluvící ke mně a řkoucí Židovským jazykem: Saule, Saule, proč mi se protivíš? Tvrdoť jest tobě proti ostnům se zpěčovati.
مەن: ــ «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن! 15
A já řekl: I kdo jsi, Pane? A on řekl: Já jsem Ježíš, kterémuž ty se protivíš.
ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر؛ چۈنكى مەن سېنى سەن كۆرگەن ئىشلارغا ھەمدە ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم. 16
Ale vstaň a stůj na nohách svých; nebo protoť jsem se tobě ukázal, ať bych tebe učinil služebníkem a svědkem i těch věcí, kteréž jsi viděl, i těch, v kterýchžto ukazovati se budu tobě,
مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن ــ چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ دېدى. 17
Vysvobozuje tebe z lidu tohoto, i z pohanů, k nimž tě nyní posílám,
18
Otvírati oči jejich, aby se obrátili od temností k světlu a z moci ďábelské k Bohu, aby tak hříchů odpuštění a díl s posvěcenými vzali skrze víru, kteráž jest ve mne.
شۇڭا، ئى ئاگرىپپا ئالىيلىرى، مەن ئەرشتىن كەلگەن بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشكە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم. 19
A protož, ó králi Agrippo, nebyl jsem nevěřící nebeskému vidění.
بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم. 20
Ale hned nejprv těm, kteříž jsou v Damašku a v Jeruzalémě, i po vší krajině Judské, potom i pohanům zvěstoval jsem evangelium, aby pokání činili a obrátili se k Bohu, skutky hodné pokání činíce.
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. 21
A pro tu příčinu Židé javše mne v chrámě, pokoušeli se rukama svýma zamordovati.
لېكىن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ياردەم-مەدىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ مەن چىڭ تۇرۇۋاتىمەن، تۆۋەندىكىلەر بولسۇن يۇقىرىدىكىلەر بولسۇن ھەممەيلەنگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدىم. گۇۋاھلىقىم دەل پەيغەمبەرلەر ھەم مۇسا ئۆزى بېشارەت قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ــ 22
Ale s pomocí Boží ještě až do dnešního dne stojím, vydávaje svědectví i malému i velikému, nic jiného nevypravuje, než to, což jsou Proroci a Mojžíš zvěstovali, že se mělo státi:
دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ [يەھۇدىي] خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ. 23
Totiž, že měl Kristus trpěti, a z mrtvých vstana první, zvěstovati světlo lidu tomuto i pohanům.
پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: ــ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلىكى ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! ــ دېدى. 24
To když od sebe promluvil Pavel, Festus hlasem velikým řekl: Blázníš, Pavle. Mnohé tvé umění k bláznovství tebe přivodí.
لېكىن پاۋلۇس: ــ ساراڭ ئەمەسمەن، ئى فېستۇس جانابلىرى، مەن بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھەم سالمىقى بار سۆزلەرنى جار قىلىمەن. 25
On pak řekl: Nebláznímť, výborný Feste, ale slova pravdy a středmosti mluvím.
چۈنكى [ئاگرىپپا] ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس! 26
Víť zajisté o těch věcech král, před kterýmž směle a svobodně mluvím; nebo mám za to, žeť ho nic z těchto věcí tajno není, poněvadž se toto nedálo pokoutně.
ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى. 27
Věříš-li, králi Agrippo, Prorokům? Vím, že věříš.
ئاگرىپپا پاۋلۇسقا: ــ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا خرىستىئان بولۇشقا قايىل قىلماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. 28
Tedy Agrippa řekl Pavlovi: Téměř bys mne k tomu naklonil, abych byl křesťanem.
پاۋلۇس: ــ مەيلى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا بولسۇن، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى بۈگۈن سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش بولغاي (پەقەت مەندىكى زەنجىرلەر سىلەردە بولمىسۇن!) دەپ خۇدادىن تىلەيمەن، ــ دېدى. 29
A Pavel řekl: Žádalť bych od Boha, abyste i poněkud i z cela, netoliko ty, ale všickni, kteříž slyší mne dnes, byli takoví, jakýž já jsem, kromě okovů těchto.
شۇنىڭ بىلەن [ئاگرىپپا] خان، شۇنداقلا ۋالىي، بەرنىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، 30
A když to Pavel promluvil, vstal král, i vladař a Bernice, i ti, kteříž s nimi seděli.
[زالدىن] چىقىپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك ھېچبىر جىنايىتى يوق ئىكەن! ــ دېيىشتى. 31
A odšedše na stranu, mluvili spolu, řkouce: Nic hodného smrti neb vězení nečiní člověk tento.
ئاگرىپپا فېستۇسقا: ــ بۇ ئادەم قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلمىغان بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! ــ دېدى. 32
Agrippa pak Festovi řekl: Mohl propuštěn býti člověk tento, kdyby se byl neodvolal k císaři.

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 26 >