< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 25 >

فېستۇس [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىگە كىرىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قەيسەرىيەدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا بارغانىدى. 1
PESTUS lao pwarador nan wei, ap kotidalang Ierusalem sang Säsarea ni ran kasilu.
باش كاھىنلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلتىپات سوراپ، ئادەم ئەۋىتىپ پاۋلۇسنى 2
Samero lapalap o saumas akan en Sus oko ap pwara dong re a weiweiloke Paulus o poekipoeki re a,
يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشنى ئۆتۈندى. مەقسىتى، ئۇلار يول ئۈستىدە بۆكتۈرمە تەييارلاپ پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش ئىدى. 3
O inong iong konekon re a, pwen palian Paulus, pwe a en wa dong Ierusalem i, a re masamasan i, pwen kamele ni a kotikot kodo.
فېستۇس بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا: ــ پاۋلۇس ھازىر قەيسەرىيەدە سولاقتا تۇرىۋەرسۇن. مەن يېقىندا ئۇ يەرگە قايتىپ كەتمەكچىمەن. 4
A Pestus masani, me Paulus pan mimieta Säsarea, a pein i pan madang masel wei.
ئاراڭلاردىن ھوقۇقدار بولغانلار مەن بىلەن بىللە چۈشسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر ئەيىبى بولسا، ئۇلار شۇ يەردە شىكايەت قىلسا بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى. 5
A me lapalap re omail pan kak iang ia kodila o kadede ol o, ma dip a mia.
فېستۇس ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەككىز-ئون كۈندىن ئارتۇق تۇرماي، قەيسەرىيەگە قايتىپ چۈشتى. ئەتىسى سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ، پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. 6
A lao kotikot re’rail pong walu pong de ngaul, ap kotidilang Säsarea o mandan ran o a kaipokedi pon mol en kadeik o masani, Paulus en wisikedo.
پاۋلۇس كەلگەندە، يېرۇسالېمدىن چۈشكەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ شىكايەتلەرنى قىلدى. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. 7
A lao pwarador, Sus oko, me kodido sang Ierusalem, ap kapil pena i o kadipe i kaualap, ap sota kak kadededa.
پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ: ــ مەن ھېچقايسى ئىشتا يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىغا، ئىبادەتخانىسىغا ياكى [ئىمپېراتور] قەيسەرگە قارشى بىرەر جىنايەتمۇ سادىر قىلمىدىم، ــ دېدى. 8
Pwe Paulus kotin sapen masani duen pein i: I sota wiadar dipi ong kapung en Sus oko, de ong im en kaudok o, de ong Sisa.
لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا، ئۇلارغا ئىلتىپات كۆرسەتمەكچى بولۇپ پاۋلۇستىن: ــ يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە مېنىڭ ئالدىمدا بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىنىشقا رازى بولامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. 9
A Pestus men konekon ren Sus oko, ap sapeng Paulus masani: Koe men kodalang Ierusalem, pwen pakadeikada re i wasa o?
لېكىن پاۋلۇس جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر قەيسەرنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىمەن. مېنى سوراق قىلىشقا تېگىشلىك يەر مانا مۇشۇ. ئۆزلىرىگە ئېنىق مەلۇم بولغاندەك، مەن يەھۇدىيلارغا ھېچقانداق ناھەقلىق قىلمىدىم. 10
A Paulus kotin masani: I mi mon mol en kadeik en Sisa, wasa me mau ong, i en pakadeikada. Sota me sapung eu, me i wiai ong Sus oko, duen me pein komui mangi.
ئەگەر جىنايىتىم بولسا، شۇنداقلا ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مەن ئۆزۈمنى ئۆلۈمدىن قاچۇرمايمەن. بىراق ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىنىڭ ئاساسى بولمىسا، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىمەن! 11
Ma i wiadar sapung eu de meakot me warong kamela, i sota pan kang mela. A ma so melel, me mepukat kine kin ia, sota me pan kak pang ia lang irail. I dorolang Sisa!
ئاندىن فېستۇس مەسلىھەتچىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، پاۋلۇسقا: ــ سەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلدىڭ ــ ئۇنىڭ ئالدىغا ئەمدى بارىسەن! ــ دېدى. 12
Pestus lao kalelapok ren momod en kadeik o, ap masani: Koe dorolang Sisa, ari koe pan pwarala ren Sisa.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپپا خان بىلەن [سىڭلىسى] بەرنىكى فېستۇسقا تەبرىك-سالامغا قەيسەرىيەگە كەلدى. 13
Murin ran akai nanmarki Akripa o Pernise koti dong Säsarea, pwen ranamau ong Pestus.
ئۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇسنىڭ ئىشىنى خانغا مەلۇم قىلىپ: ــ بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار. 14
Ira lao kotikot wasa o pong toto, Pestus ap kaireki nanmarki duen Paulus masani: Ol sensal amen mi met, me Peliks saliedi ap samalar.
مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي باش كاھىنلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازاغا مەھكۇم قىلىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. 15
A samero lapalap o saumas en Sus akan kaire kin ia duen i ni ai potopot Ierusalem inong iong i en kadeikada i.
مەن ئۇلارغا، ئەرز قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچىلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمىگۈچە، ئۇنى جازاغا تاپشۇرۇش رىملىقلارنىڭ ئادىتى ئەمەستۇر، دەپ ئېيتتىم. 16
A ngai sapeng irail: Kaidin duen tiak en men Rom, en pangala aramas amen, en kamela, mon me pangala i kan saikenta sansal mo a, o a muei ong i er, en sapeng duen me re pang kila i.
شۇڭا ئۇلار مەن بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي، ئەتىسىلا سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇ كىشىنى ئەكىلىشنى بۇيرۇدۇم. 17
Irail lao pokon dong met, a mandan ran o i madang mondi pon mol en kadeik o inda, ol o en wisikedo.
ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك رەزىل ئىشلار ئەمەس ئىدى، 18
A me pangala i kan lao pwarado, re sota katitiki mesued kot, duen i kiki ong.
بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىبادەت تۈزۈمى توغرۇلۇق ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە مەلۇم تالاش-تارتىش مەسىلىلىرى بار ئىكەن. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن. 19
A akai peipeidok mia duen pein arail lamalam o duen ol mela amen me ad a Iesus, me Paulus kin inda, me dene a memaureta.
بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلەلمەي، مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سوراققا تارتىلىشقا رازى بولۇش-بولماسلىقىنى سورىغانىدىم. 20
Ngai ari poneponeki duen mepukat, i ap idok re a, ma a sota men kodalang Ierusalem, pwen pakadeikada wasa o duen mepukat.
پاۋلۇس سولاقتا تۇرۇپ ئىمپېراتور جانابلىرىنىڭ سوراق قارارىنى چىقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇنى قەيسەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكۈچە، سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم. 21
A Paulus lao dorolang kadeik en Aukustus, ngai ap inda, ren koledi i, i lao kadarala i ren Sisa.
ئاگرىپپا فېستۇسقا: ــ مېنىڭمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار، ــ دېدى. ــ ئەتە ئاڭلايسىز، ــ دېدى ئۇ. 22
Akripa ap masani ong Pestus: I pil men rongerong aramas o. A masani: Lakap kom pan rong i.
شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى، ئاگرىپپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەت بىلەن ئاممىۋىي يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى، مىڭبېشىلار ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كىرىپ كېلىشتى. فېستۇس ئەمر قىلىۋىدى، پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى. 23
A mandan ran o Akripa i Pernise lao kotin pwarado ni ar kapwat lingan kaualap o kotilong ong nan im en kapung, o ol lapalap akan iangaki kaun en kanim o, Pestus ap masani, Paulus en wisikedo.
فېستۇس مۇنداق دېدى: ــ ئاگرىپپا پادىشاھ ئالىيلىرى ۋە مۇشۇ سورۇنغا يىغىلغان جانابلار! بۇ كىشىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ھەم يېرۇسالېمدا ھەم بۇ يەردە پۈتۈن يەھۇدىي ئاھالىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئەرز قىلىپ ماڭا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇ تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ! ــ دەپ چۇرقىراشقانىدى. 24
A Pestus masani: Maing nanmarki Akripa o komail ol akan karos, me iang kit kotikot wasa et, komail masani, pweki men et, Sus akan karos kin poekipoeki re i nan Ierusalem o pil met; ni ar palian i indada, me dene a sowar ong memaureta.
لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر بۇ كىشى ئىمپېراتور جانابلىرىغا مۇراجىئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى [رىمغا] ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. 25
A i lao diarada, me sota me a wiadar, me war ong kamela o pein i dorolang Aukustus, ngai ap kileledier me i pan kadarala i.
بىراق ئۇنىڭ ھەققىدە غوجامغا مەلۇم قىلىپ يازغۇدەك ئىش يوق. شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالنى رەسمىي تەكشۈرۈپ بىرەر يازغۇدەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ سىلى، ئاگرىپپا پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم. 26
A sota me i asa, en intingiedi wong nai saupeidi. I me i waki dong komail i, mo’mui ta maing nanmarki Akripa, pwe kapung lao nikier, i en asa, da me i en intingieki wei.
چۈنكى مەھبۇسنى سوتقا ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتلەرنى ئېنىق كۆرسەتمەسلىك ماڭا نىسبەتەن ئورۇنلۇق ئەمەستەك بىلىنىدۇ. 27
Pwe i lamelame, me sapung, en kadarala me salidi amen, ap sota kaireki duen karep en salidi.

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 25 >