< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 24 >
بەش كۈندىن كېيىن، باش كاھىن ئانانىياس ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن ۋە تەرتۇللۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيەگە چۈشۈپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى رەسمىي شىكايەتلىرىنى ۋالىيغا سۇندى. | 1 |
And after five days, Ananias the high priest descended with the elders, and [with] a certain orator [named] Tertullus, who informed the governor against Paul.
پاۋلۇس چاقىرتىلىپ، تەرتۇللۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى! بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ھەر تەرەپتىن ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز ۋە ئالدىن كۆرەرلىكلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا دانا ئىسلاھاتلار بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە، بىز بۇ ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تولۇق مىننەتدارلىق بىلەن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز. | 2 |
And when he was called forth, Tertullus began to accuse [him], saying, Seeing that by thee we enjoy great quietness, and that very worthy deeds are done to this nation by thy providence,
We accept [it] always, and in all places, most noble Felix, with all thankfulness.
بىراق ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن، شەپقەتلىرى بىلەن سۆزىمىزنى قىسقىلا ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. | 4 |
Notwithstanding, that I may not be further tedious to thee, I pray thee, that thou wouldst of thy clemency hear us a few words.
چۈنكى بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ ئادەم بالاخور بولۇپ، پۈتكۈل جاھاندىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ماجىرا-توپىلاڭ پەيدا قىلىشنى كۈشكۈرتكۈچى، شۇنداقلا «ناسارەتلىكلەر» دەپ ئاتالغان مەزھەپنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر. | 5 |
For we have found this a pestilent man, and a mover of sedition among all the Jews throughout the world, and a ring-leader of the sect of the Nazarenes:
ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى. | 6 |
Who also hath gone about to profane the temple: whom we took, and would have judged according to our law.
But the chief captain Lysias came and with great violence took [him] out of our hands,
ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ يېتىدىلا! | 8 |
Commanding his accusers to come to thee: by examining whom, thou thyself mayest take knowledge of all these things of which we accuse him.
سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلۇپ: راست، راست، دەپ شىكايەتنى كۈچەيتتى. | 9 |
And the Jews also assented, saying, that these things were so.
ۋالىي پاۋلۇسقا سۆز قىلغىن دەپ قول ئىشارىتىنى قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خەلقنى سوراپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلگەچكە، خاتىرجەملىك بىلەن ئالدىلىرىدا ئۆزۈم توغرامدا جاۋاب بېرىمەن. | 10 |
Then Paul, after the governor had beckoned to him to speak, answered, Forasmuch as I know that thou hast been for many years a judge to this nation, I do the more cheerfully answer for myself:
ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى. | 11 |
That thou mayest understand, that there are yet but twelve days since I went up to Jerusalem to worship.
ئۇلار مېنىڭ ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمنى كۆرمىگەن، ياكى سىناگوگلاردا ياكى شەھەردە ئاممىنى توپىلاڭغا قۇتراتقانلىقىمنىمۇ ھېچ كۆرمىدى. | 12 |
And they neither found me in the temple disputing with any man, neither exciting the people to sedition, neither in the synagogues, nor in the city:
ئۇلار يەنە ھازىر جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ھېچ ئىسپاتمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ. | 13 |
Neither can they prove the things of which they now accuse me.
بىراق سىلىگە شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئۇلار «مەزھەپ» دەپ ئاتىغان يول بىلەن مېڭىپ، تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىمەن. | 14 |
But this I confess to thee, that after the way which they call heresy, so I worship the God of my fathers, believing all things which are written in the law and in the prophets:
مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ. | 15 |
And have hope towards God, which they themselves also allow, that there will be a resurrection of the dead, both of the just and unjust.
شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا ئىنتىلىمەن. | 16 |
And in this I exercise myself, to have always a conscience void of offense towards God, and [towards] men.
مەن [يېرۇسالېمدىن] ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە ئۆز خەلقىمگە خەير-سەدىقە يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇدا ئالدىغا ھەدىيە سۇنغىلى بارغانىدىم. | 17 |
Now after many years, I came to bring alms to my nation, and offerings.
مەن بۇ ئىشلاردا بولۇۋاتاتتىم، بۇلار مېنى تازىلىنىش قائىدىسىنى ئادا قىلىپ بولغان چاغدا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتتى؛ لېكىن مەن ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق، مالىمانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق. | 18 |
Upon which certain Jews from Asia found me purified in the temple, neither with multitude, nor with tumult.
ئەمەلىيەتتە مېنى ئۇچراتقانلار بولسا ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بار بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئەرز قىلىشقا توغرا كېلەتتى. | 19 |
Who ought to have been here before thee, and object if they had aught against me.
بولمىسا، مۇشۇ سورۇندىكىلەر ئالىي كېڭەشمە ئالدىدا تۇرغىنىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تاپقانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن! | 20 |
Or else let these same [here] say, if they have found any evil-doing in me, while I stood before the council,
پەقەت مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: ــ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا، «بۈگۈنكى كۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى توغرۇلۇق سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلغانمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. | 21 |
Except it is for this one voice, that I cried, standing among them, Concerning the resurrection of the dead I am called in question by you this day.
[رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى بار بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: ــ مىڭبېشى لىسىياس كەلگەندە دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى چىقىرىمەن، ــ دېدى. | 22 |
And when Felix heard these things, having more perfect knowledge of [that] way, he deferred them, and said, When Lysias the chief captain shall come down, I will know the uttermost of your matter.
ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئەمما ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭچىلىك قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشىنى توسمىغىن، دەپ بۇيرۇدى. | 23 |
And he commanded a centurion to keep Paul, and to let [him] have liberty, and that he should forbid none of his acquaintance to minister, or come to him.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كەلدى (درۇسىلا يەھۇدىي ئىدى). ئۇ پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولى توغرۇلۇق ئاڭلىدى. | 24 |
And after certain days, when Felix came with his wife Drusilla, who was a Jewess, he sent for Paul, and heard him concerning the faith in Christ.
پاۋلۇس ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىشلار توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا، فېلىكس ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا: ــ ھازىرچە قايتىپ تۇرساڭ بولىدۇ. كېيىن ماڭا پەيت كەلگەندە، يەنە چاقىرتىمەن، ــ دېدى. | 25 |
And as he reasoned of righteousness, temperance, and judgment to come, Felix trembled, and answered, depart for this time; when I have a convenient season, I will call for thee.
ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىمكانقەدەر پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى. | 26 |
He hoped also that money would have been given him by Paul, that he might loose him: wherefore he sent for him the oftener, and communed with him.
لېكىن ئىككى يىل توشقاندا، فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى. | 27 |
But after two years Porcius Festus came as successor to Felix: and Felix willing to show the Jews a pleasure, left Paul bound.