< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22 >

ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلاش سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسىلەر، ــ دېدى. 1
부형들아 내가 지금 너희 앞에서 변명하는 말을 들으라 하더라
ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى: 2
저희가 그 히브리 방언으로 말함을 듣고 더욱 종용한지라 이어 가로되
ــ مەن بىر يەھۇدىي، كىلىكىيەدىكى تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم؛ لېكىن بۇ شەھەردە بېقىپ چوڭ قىلىندىم، گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم. مەن سىلەرنىڭ بۈگۈن بولغىنىڭلارغا ئوخشاش، خۇدا يولىغا ئىنتايىن قىزغىن ئىدىم. 3
나는 유대인으로 길리기아 다소에서 났고 이 성에서 자라 가말리엘의 문하에서 우리 조상들의 율법의 엄한 교훈을 받았고 오늘 너희 모든 사람처럼 하나님께 대하여 열심하는 자라
مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم. 4
내가 이 도를 핍박하여 사람을 죽이기까지 하고 남녀를 결박하여 옥에 넘겼노니
بۇ توغرۇلۇق باش كاھىن ۋە ئالىي كېڭەشمىدىكى بارلىق ئاقساقاللارمۇ ماڭا گۇۋاھچىدۇر. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى [يەھۇدىي] قېرىنداشلارغا يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇ [يولدىكىلەرنى] جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمغا ئاپىرىمەن دەپ يولغا چىققانىدىم. 5
이에 대제사장과 모든 장로들이 내 증인이라 또 내가 저희에게서 다메섹 형제들에게 가는 공문을 받아 가지고 거기 있는 자들도 결박하여 예루살렘으로 끌어다가 형벌 받게 하려고 가더니
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، سەپەر قىلىپ دەمەشقكە يېقىنلاشقاندا، چۈشكە يېقىن، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى. 6
가는데 다메섹에 가까왔을 때에 오정쯤 되어 홀연히 하늘로서 큰 빛이 나를 둘러 비취매
مەن يەرگە يىقىلىپ كەتتىم، ئاندىن ماڭا: «سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 7
내가 땅에 엎드러져 들으니 소리 있어 가로되 사울아 사울아 네가 왜 나를 핍박하느냐 하시거늘
«ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا: ــ «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسارەتلىك ئەيسادۇرمەن!» دېدى. 8
내가 대답하되 주여 뉘시니이까? 하니 가라사대 나는 네가 핍박하는 나사렛 예수라 하시더라
مەن بىلەن بىللە مېڭىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمىدى. 9
나와 함께 있는 사람들이 빛은 보면서도 나더러 말하시는 이의 소리는 듣지 못하더라
مەن يەنە، «ئى رەب، نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، شۇ يەردە سەن ئادا قىلىش بېكىتىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ!» دېدى. 10
내가 가로되 주여 무엇을 하리이까? 주께서 가라사대 일어나 다메섹으로 들어가라 정한 바 너희 모든 행할 것을 거기서 누가 이르리라 하시거늘
ھېلىقى نۇرنىڭ جۇلالىقىدىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى. 11
나는 그 빛의 광채를 인하여 볼 수 없게 되었으므로 나와 함께 있는 사람들의 손에 끌려 다메섹에 들어갔노라
ئۇ يەردە تەۋرات قانۇنىغا ئىخلاس باغلىغان، دەمەشقتىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 12
율법에 의하면 경건한 사람으로 거기 사는 모든 유대인들에게 칭찬을 듣는 아나니아라 하는 이가
ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىنداش سائۇل، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارا!» دېدى. مەن شۇئان بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇنى كۆردۇم. 13
내게 와 곁에 서서 말하되 형제 사울아 다시 보라 하거늘 즉시 그를 쳐다보았노라
ئۇ ماڭا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى. 14
그가 또 가로되 우리 조상들의 하나님이 너를 택하여 너로 하여금 자기 뜻을 알게 하시며 저 의인을 보게 하시고 그 입에서 나오는 음성을 듣게 하셨으니
چۈنكى سەن پۈتۈن ئىنسانلار ئالدىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭغا ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولىسەن! 15
네가 그를 위하여 모든 사람 앞에서 너의 보고 들은 것에 증인이 되리라
شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىگە ھايال بولىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈپ، گۇناھلىرىڭنى يۇغۇزغىن!» دېدى. 16
이제는 왜 주저하느뇨 일어나 주의 이름을 불러 세례를 받고 너의 죄를 씻으라 하더라
شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورۇۋالدى 17
후에 내가 예루살렘으로 돌아와서 성전에서 기도할 때에 비몽사몽간에
ۋە [رەبنىڭ] ماڭا: «چاپسان بول، يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 18
바울이 한 백부장을 청하여 가로되 `이 청년을 천부장에게로 인도하라 그에게 무슨 할 말이 있다' 하니 후에 내가 예루살렘으로 돌아와서 성전에서 기도할 때에 비몽사몽간에 바울이 한 백부장을 청하여 가로되 `이 청년을 천부장에게로 인도하라 그에게 무슨 할 말이 있다' 하니 보매 주께서 내게 말씀하시되 속히 예루살렘에서 나가라 저희는 네가 내게 대하여 증거하는 말을 듣지 아니하리라 하시거늘
مەن، «ئى رەب، ئۇلار مېنىڭ ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى زىندانغا سولاپ، ھەربىر سىناگوگلارغا كىرىپ ئۇلارنى ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. 19
내가 말하기를 주여 내가 주 믿는 사람들을 가두고 또 각 회당에서 때리고
سېنىڭ گۇۋاھچىڭ بولغان ئىستىپاننىڭ قېنى تۆكۈلگىنىدە، مەنمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ بەردىم!» ــ دېدىم. 20
또 주의 증인 스데반의 피를 흘릴 적에 내가 곁에 서서 찬성하고 그 죽이는 사람들의 옷을 지킨 줄 저희도 아나이다
بىراق ئۇ ماڭا: «كەتكىن! سېنى يىراقتىكى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن!» ــ دېدى. 21
나더러 또 이르시되 떠나가라 내가 너를 멀리 이방인에게로 보내리라 하셨느니라
پاۋلۇس مۇشۇ سۆزنى دېگۈچە خالايىق ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىۋاتاتتى. لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنداق بىر كىشى يەر يۈزىدىن يوقىتىلسۇن! ئۇ تىرىك تۇرۇشقا لايىق ئەمەس! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى. 22
이 말 하는 것까지 저희가 듣다가 소리질러 가로되 이러한 놈은 세상에서 없이 하자 살려 둘 자가 아니라 하여
ئۇلار چىرقىرىشىپ، چاپان-يېپىنچىلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، توپا-چاڭ سورۇۋاتقاندا، 23
떠들며 옷을 벗어 던지고 티끌을 공중에 날리니
مىڭبېشى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلىۋىدى، خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. 24
천부장이 바울을 영문 안으로 데려가라 명하고 저희가 무슨 일로 그를 대하여 떠드나 알고자 하여 채찍질하며 신문하라 한대
لېكىن ئۇلار پاۋلۇسنى قامچىلاش ئۈچۈن غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا، ئۇ يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا: ــ بىر رىم پۇقراسىنى جىنايىتى بېكىتىلمەيلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دېدى. 25
가죽줄로 바울을 매니 바울이 곁에 섰는 백부장더러 이르되 `너희가 로마 사람 된 자를 죄도 정치 아니하고 채찍질할 수 있느냐? 하니
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سىز نېمە ئىش قىلاي دەۋاتىسىز؟ چۈنكى ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن! ــ دېدى. 26
백부장이 듣고 가서 천부장에게 전하여 가로되 `어찌하려 하느뇨 이는 로마 사람이라' 하니
مىڭبېشى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ ماڭا ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ راست، دېدى ئۇ. 27
천부장이 와서 바울에게 말하되 `네가 로마 사람이냐? 내게 말하라' 가로되 `그러하다'
ــ مەن ناھايىتى يۇقىرى باھادا مۇشۇ پۇقرالىققا ئىگە بولدۇم، ــ دېدى مىڭبېشى. پاۋلۇس: ئەمما مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا شۇنداق! ــ دېدى. 28
천부장이 대답하되 `나는 돈을 많이 들여 이 시민권을 얻었노라' 바울이 가로되 `나는 나면서부터로라' 하니
شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مىڭبېشىمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى باغلاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قورقۇپ كەتتى. 29
신문하려던 사람들이 곧 그에게서 물러가고 천부장도 그가 로마 사람인줄 알고 또는 그 결박한 것을 인하여 두려워하니라
مىڭبېشى يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىپ، باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. 30
이튿날 천부장이 무슨 일로 유대인들이 그를 송사하는지 실상을 알고자 하여 그 결박을 풀고 명하여 제사장들과 온 공회를 모으고 바울을 데리고 내려가서 저희 앞에 세우니라

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22 >