< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 22 >
ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلاش سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسىلەر، ــ دېدى. | 1 |
“Ἄνδρες, ἀδελφοὶ, καὶ πατέρες, ἀκούσατέ μου τῆς πρὸς ὑμᾶς νυνὶ ἀπολογίας.”
ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى: | 2 |
(Ἀκούσαντες δὲ ὅτι τῇ Ἑβραΐδι διαλέκτῳ προσεφώνει αὐτοῖς, μᾶλλον παρέσχον ἡσυχίαν.) Καὶ φησίν:
ــ مەن بىر يەھۇدىي، كىلىكىيەدىكى تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم؛ لېكىن بۇ شەھەردە بېقىپ چوڭ قىلىندىم، گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم. مەن سىلەرنىڭ بۈگۈن بولغىنىڭلارغا ئوخشاش، خۇدا يولىغا ئىنتايىن قىزغىن ئىدىم. | 3 |
“Ἐγώ εἰμι ἀνὴρ Ἰουδαῖος, γεγεννημένος ἐν Ταρσῷ τῆς Κιλικίας, ἀνατεθραμμένος δὲ ἐν τῇ πόλει ταύτῃ, παρὰ τοὺς πόδας Γαμαλιήλ, πεπαιδευμένος κατὰ ἀκρίβειαν τοῦ πατρῴου νόμου, ζηλωτὴς ὑπάρχων τοῦ ˚Θεοῦ, καθὼς πάντες ὑμεῖς ἐστε σήμερον,
مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم. | 4 |
ὃς ταύτην τὴν Ὁδὸν ἐδίωξα ἄχρι θανάτου, δεσμεύων καὶ παραδιδοὺς εἰς φυλακὰς, ἄνδρας τε καὶ γυναῖκας,
بۇ توغرۇلۇق باش كاھىن ۋە ئالىي كېڭەشمىدىكى بارلىق ئاقساقاللارمۇ ماڭا گۇۋاھچىدۇر. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى [يەھۇدىي] قېرىنداشلارغا يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇ [يولدىكىلەرنى] جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمغا ئاپىرىمەن دەپ يولغا چىققانىدىم. | 5 |
ὡς καὶ ὁ ἀρχιερεὺς μαρτυρεῖ μοι καὶ πᾶν τὸ πρεσβυτέριον· παρʼ ὧν καὶ ἐπιστολὰς δεξάμενος πρὸς τοὺς ἀδελφοὺς, εἰς Δαμασκὸν ἐπορευόμην, ἄξων καὶ τοὺς ἐκεῖσε ὄντας, δεδεμένους εἰς Ἰερουσαλὴμ, ἵνα τιμωρηθῶσιν.
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، سەپەر قىلىپ دەمەشقكە يېقىنلاشقاندا، چۈشكە يېقىن، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى. | 6 |
Ἐγένετο δέ μοι πορευομένῳ, καὶ ἐγγίζοντι τῇ Δαμασκῷ περὶ μεσημβρίαν, ἐξαίφνης ἐκ τοῦ οὐρανοῦ περιαστράψαι φῶς ἱκανὸν περὶ ἐμέ.
مەن يەرگە يىقىلىپ كەتتىم، ئاندىن ماڭا: «سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. | 7 |
Ἔπεσά τε εἰς τὸ ἔδαφος, καὶ ἤκουσα φωνῆς λεγούσης μοι, ‘Σαοὺλ, Σαούλ, τί με διώκεις;’
«ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا: ــ «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسارەتلىك ئەيسادۇرمەن!» دېدى. | 8 |
Ἐγὼ δὲ ἀπεκρίθην, ‘Τίς εἶ, κύριε;’ Εἶπέν τε πρὸς ἐμέ, ‘Ἐγώ εἰμι ˚Ἰησοῦς ὁ Ναζωραῖος, ὃν σὺ διώκεις.’
مەن بىلەن بىللە مېڭىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمىدى. | 9 |
Οἱ δὲ σὺν ἐμοὶ ὄντες, τὸ μὲν φῶς ἐθεάσαντο, τὴν δὲ φωνὴν οὐκ ἤκουσαν τοῦ λαλοῦντός μοι.
مەن يەنە، «ئى رەب، نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، شۇ يەردە سەن ئادا قىلىش بېكىتىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ!» دېدى. | 10 |
Εἶπον δέ, ‘Τί ποιήσω, ˚Κύριε;’ Ὁ δὲ ˚Κύριος εἶπεν πρός με, ‘Ἀναστὰς πορεύου εἰς Δαμασκόν, κἀκεῖ σοι λαληθήσεται περὶ πάντων ὧν τέτακταί σοι ποιῆσαι.’
ھېلىقى نۇرنىڭ جۇلالىقىدىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى. | 11 |
Ὡς δὲ οὐκ ἐνέβλεπον ἀπὸ τῆς δόξης τοῦ φωτὸς ἐκείνου, χειραγωγούμενος ὑπὸ τῶν συνόντων μοι, ἦλθον εἰς Δαμασκόν.
ئۇ يەردە تەۋرات قانۇنىغا ئىخلاس باغلىغان، دەمەشقتىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. | 12 |
Ἁνανίας δέ τις ἀνὴρ εὐλαβὴς κατὰ τὸν νόμον, μαρτυρούμενος ὑπὸ πάντων τῶν κατοικούντων Ἰουδαίων,
ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىنداش سائۇل، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارا!» دېدى. مەن شۇئان بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇنى كۆردۇم. | 13 |
ἐλθὼν πρὸς ἐμὲ καὶ ἐπιστὰς, εἶπέν μοι, ‘Σαοὺλ, ἀδελφέ, ἀνάβλεψον.’ Κἀγὼ αὐτῇ τῇ ὥρᾳ ἀνέβλεψα εἰς αὐτόν.
ئۇ ماڭا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى. | 14 |
Ὁ δὲ εἶπεν, ‘Ὁ ˚Θεὸς τῶν πατέρων ἡμῶν προεχειρίσατό σε γνῶναι τὸ θέλημα αὐτοῦ, καὶ ἰδεῖν τὸν Δίκαιον, καὶ ἀκοῦσαι φωνὴν ἐκ τοῦ στόματος αὐτοῦ.
چۈنكى سەن پۈتۈن ئىنسانلار ئالدىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭغا ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولىسەن! | 15 |
Ὅτι ἔσῃ μάρτυς αὐτῷ πρὸς πάντας ἀνθρώπους, ὧν ἑώρακας καὶ ἤκουσας.
شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىگە ھايال بولىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈپ، گۇناھلىرىڭنى يۇغۇزغىن!» دېدى. | 16 |
Καὶ νῦν τί μέλλεις; Ἀναστὰς, βάπτισαι καὶ ἀπόλουσαι τὰς ἁμαρτίας σου, ἐπικαλεσάμενος τὸ ὄνομα αὐτοῦ.’
شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورۇۋالدى | 17 |
Ἐγένετο δέ μοι, ὑποστρέψαντι εἰς Ἰερουσαλὴμ, καὶ προσευχομένου μου ἐν τῷ ἱερῷ, γενέσθαι με ἐν ἐκστάσει,
ۋە [رەبنىڭ] ماڭا: «چاپسان بول، يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. | 18 |
καὶ ἰδεῖν αὐτὸν λέγοντά μοι, ‘Σπεῦσον καὶ ἔξελθε ἐν τάχει ἐξ Ἰερουσαλήμ, διότι οὐ παραδέξονταί σου μαρτυρίαν περὶ ἐμοῦ.’
مەن، «ئى رەب، ئۇلار مېنىڭ ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى زىندانغا سولاپ، ھەربىر سىناگوگلارغا كىرىپ ئۇلارنى ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. | 19 |
Κἀγὼ εἶπον, ‘˚Κύριε, αὐτοὶ ἐπίστανται ὅτι ἐγὼ ἤμην φυλακίζων καὶ δέρων κατὰ τὰς συναγωγὰς, τοὺς πιστεύοντας ἐπὶ σέ.
سېنىڭ گۇۋاھچىڭ بولغان ئىستىپاننىڭ قېنى تۆكۈلگىنىدە، مەنمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ بەردىم!» ــ دېدىم. | 20 |
Καὶ ὅτε ἐξεχύννετο τὸ αἷμα Στεφάνου τοῦ μάρτυρός σου, καὶ αὐτὸς ἤμην ἐφεστὼς, καὶ συνευδοκῶν, καὶ φυλάσσων τὰ ἱμάτια τῶν ἀναιρούντων αὐτόν.’
بىراق ئۇ ماڭا: «كەتكىن! سېنى يىراقتىكى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن!» ــ دېدى. | 21 |
Καὶ εἶπεν πρός με, ‘Πορεύου, ὅτι ἐγὼ εἰς ἔθνη μακρὰν ἐξαποστελῶ σε.’”
پاۋلۇس مۇشۇ سۆزنى دېگۈچە خالايىق ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىۋاتاتتى. لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنداق بىر كىشى يەر يۈزىدىن يوقىتىلسۇن! ئۇ تىرىك تۇرۇشقا لايىق ئەمەس! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى. | 22 |
Ἤκουον δὲ αὐτοῦ ἄχρι τούτου τοῦ λόγου, καὶ ἐπῆραν τὴν φωνὴν αὐτῶν λέγοντες, “Αἶρε ἀπὸ τῆς γῆς τὸν τοιοῦτον, οὐ γὰρ καθῆκεν αὐτὸν ζῆν!”
ئۇلار چىرقىرىشىپ، چاپان-يېپىنچىلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، توپا-چاڭ سورۇۋاتقاندا، | 23 |
Κραυγαζόντων τε αὐτῶν, καὶ ῥιπτούντων τὰ ἱμάτια, καὶ κονιορτὸν βαλλόντων εἰς τὸν ἀέρα,
مىڭبېشى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلىۋىدى، خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. | 24 |
ἐκέλευσεν ὁ χιλίαρχος εἰσάγεσθαι αὐτὸν εἰς τὴν παρεμβολήν, εἴπας μάστιξιν ἀνετάζεσθαι αὐτὸν, ἵνα ἐπιγνῷ διʼ ἣν αἰτίαν οὕτως ἐπεφώνουν αὐτῷ.
لېكىن ئۇلار پاۋلۇسنى قامچىلاش ئۈچۈن غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا، ئۇ يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا: ــ بىر رىم پۇقراسىنى جىنايىتى بېكىتىلمەيلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دېدى. | 25 |
Ὡς δὲ προέτειναν αὐτὸν τοῖς ἱμᾶσιν, εἶπεν πρὸς τὸν ἑστῶτα ἑκατόνταρχον ὁ Παῦλος, “Εἰ ἄνθρωπον Ῥωμαῖον καὶ ἀκατάκριτον, ἔξεστιν ὑμῖν μαστίζειν;”
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سىز نېمە ئىش قىلاي دەۋاتىسىز؟ چۈنكى ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن! ــ دېدى. | 26 |
Ἀκούσας δὲ ὁ ἑκατοντάρχης, προσελθὼν τῷ χιλιάρχῳ, ἀπήγγειλεν λέγων, “Τί μέλλεις ποιεῖν; Ὁ γὰρ ἄνθρωπος οὗτος Ῥωμαῖός ἐστιν.”
مىڭبېشى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ ماڭا ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ راست، دېدى ئۇ. | 27 |
Προσελθὼν δὲ, ὁ χιλίαρχος εἶπεν αὐτῷ, “Λέγε μοι, σὺ Ῥωμαῖος εἶ;” Ὁ δὲ ἔφη, “Ναί.”
ــ مەن ناھايىتى يۇقىرى باھادا مۇشۇ پۇقرالىققا ئىگە بولدۇم، ــ دېدى مىڭبېشى. پاۋلۇس: ئەمما مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا شۇنداق! ــ دېدى. | 28 |
Ἀπεκρίθη δὲ ὁ χιλίαρχος, “Ἐγὼ πολλοῦ κεφαλαίου τὴν πολιτείαν ταύτην ἐκτησάμην.” Ὁ δὲ Παῦλος ἔφη, “Ἐγὼ δὲ καὶ γεγέννημαι.”
شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مىڭبېشىمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى باغلاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قورقۇپ كەتتى. | 29 |
Εὐθέως οὖν ἀπέστησαν ἀπʼ αὐτοῦ οἱ μέλλοντες αὐτὸν ἀνετάζειν, καὶ ὁ χιλίαρχος δὲ ἐφοβήθη, ἐπιγνοὺς ὅτι Ῥωμαῖός ἐστιν, καὶ ὅτι αὐτὸν ἦν δεδεκώς.
مىڭبېشى يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىپ، باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. | 30 |
Τῇ δὲ ἐπαύριον, βουλόμενος γνῶναι τὸ ἀσφαλὲς, τὸ τί κατηγορεῖται ὑπὸ τῶν Ἰουδαίων, ἔλυσεν αὐτόν, καὶ ἐκέλευσεν συνελθεῖν τοὺς ἀρχιερεῖς καὶ πᾶν τὸ Συνέδριον, καὶ καταγαγὼν τὸν Παῦλον, ἔστησεν εἰς αὐτούς.