< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21 >
ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققاندىن كېيىن، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق. | 1 |
さて、わたしたちは人々と別れて船出してから、コスに直航し、次の日はロドスに、そこからパタラに着いた。
پاتارادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. | 2 |
ここでピニケ行きの舟を見つけたので、それに乗り込んで出帆した。
سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنى سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ، سۇرىيەگە قاراپ مېڭىپ، تۇر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى كېمە بۇ يەردە يۈك چۈشۈرمەكچى ئىدى. | 3 |
やがてクプロが見えてきたが、それを左手にして通りすぎ、シリヤへ航行をつづけ、ツロに入港した。ここで積荷が陸上げされることになっていたからである。
ئۇ يەردە مۇخلىسلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى. | 4 |
わたしたちは、弟子たちを捜し出して、そこに七日間泊まった。ところが彼らは、御霊の示しを受けて、エルサレムには上って行かないようにと、しきりにパウロに注意した。
بىراق بىز ئۇ يەردە تۇرۇش ۋاقتىمىز توشقاندا، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خوتۇن-بالىلىرى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممىمىز دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق. | 5 |
しかし、滞在期間が終った時、わたしたちはまた旅立つことにしたので、みんなの者は、妻や子供を引き連れて、町はずれまで、わたしたちを見送りにきてくれた。そこで、共に海岸にひざまずいて祈り、
قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى. | 6 |
互に別れを告げた。それから、わたしたちは舟に乗り込み、彼らはそれぞれ自分の家に帰った。
تۇر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پىتولىمايس شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. | 7 |
わたしたちは、ツロからの航行を終ってトレマイに着き、そこの兄弟たちにあいさつをし、彼らのところに一日滞在した。
ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلدۇق. بىز بۇرۇن [يېرۇسالېمدىكى] «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. | 8 |
翌日そこをたって、カイザリヤに着き、かの七人のひとりである伝道者ピリポの家に行き、そこに泊まった。
بۇ كىشىنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان، بېشارەت-ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدىغان تۆت قىزى بار ئىدى. | 9 |
この人に四人の娘があったが、いずれも処女であって、預言をしていた。
بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چۈشتى. | 10 |
幾日か滞在している間に、アガボという預言者がユダヤから下ってきた。
بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: ــ مۇقەددەس روھ مۇنداق دەيدۇ: ــ يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ! ــ دېدى. | 11 |
そして、わたしたちのところにきて、パウロの帯を取り、それで自分の手足を縛って言った、「聖霊がこうお告げになっている、『この帯の持ち主を、ユダヤ人たちがエルサレムでこのように縛って、異邦人の手に渡すであろう』」。
بۇلارنى ئاڭلاپ، ھەم بىز ھەم شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بارمىغىن دەپ ئۆتۈندۇق. | 12 |
わたしたちはこれを聞いて、土地の人たちと一緒になって、エルサレムには上って行かないようにと、パウロに願い続けた。
لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن: ــ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، ــ دېدى. | 13 |
その時パウロは答えた、「あなたがたは、泣いたり、わたしの心をくじいたりして、いったい、どうしようとするのか。わたしは、主イエスの名のためなら、エルサレムで縛られるだけでなく、死ぬことをも覚悟しているのだ」。
بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ: ــ رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! ــ دېدۇق. | 14 |
こうして、パウロが勧告を聞きいれてくれないので、わたしたちは「主のみこころが行われますように」と言っただけで、それ以上、何も言わなかった。
بۇ كۈنلەردىن كېيىن، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ باردۇق. | 15 |
数日後、わたしたちは旅装を整えてエルサレムへ上って行った。
قەيسەرىيەلىك مۇخلىسلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن سەپەرداش بولدى؛ ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى. | 16 |
カイザリヤの弟子たちも数人、わたしたちと同行して、古くからの弟子であるクプロ人マナソンの家に案内してくれた。わたしたちはその家に泊まることになっていたのである。
يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. | 17 |
わたしたちがエルサレムに到着すると、兄弟たちは喜んで迎えてくれた。
ئەتىسى، پاۋلۇس بىز بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردى. ياقۇپ بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. | 18 |
翌日パウロはわたしたちを連れて、ヤコブを訪問しに行った。そこに長老たちがみな集まっていた。
پاۋلۇس ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئەللەر ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۇلارغا تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى. | 19 |
パウロは彼らにあいさつをした後、神が自分の働きをとおして、異邦人の間になさった事どもを一々説明した。
بۇلارنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى، ئاندىن پاۋلۇسقا: ــ كۆرۈۋاتىسەن، ئى قېرىندىشىم، يەھۇدىيلار ئىچىدە قانچە مىڭلىغان ئېتىقاد قىلغۇچىلار بار! ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا [ئەمەل قىلىشقا] ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن. | 20 |
一同はこれを聞いて神をほめたたえ、そして彼に言った、「兄弟よ、ご承知のように、ユダヤ人の中で信者になった者が、数万にものぼっているが、みんな律法に熱心な人たちである。
ئۇلار سېنىڭ توغراڭدا: «ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مۇسا [پەيغەمبەرگە] تاپشۇرۇلغىنىدىن يېنىشنى، يەنى بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقنى ئۆگىتىدۇ» دەپ ئاڭلىدى. | 21 |
ところが、彼らが伝え聞いているところによれば、あなたは異邦人の中にいるユダヤ人一同に対して、子供に割礼を施すな、またユダヤの慣例にしたがうなと言って、モーセにそむくことを教えている、ということである。
ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ چۈنكى خالايىق چوقۇم سېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ قالىدۇ. | 22 |
どうしたらよいか。あなたがここにきていることは、彼らもきっと聞き込むに違いない。
شۇڭا بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلغىن: ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار. | 23 |
ついては、今わたしたちが言うとおりのことをしなさい。わたしたちの中に、誓願を立てている者が四人いる。
سەن ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە [تەۋراتتىكى] تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ [قۇربانلىق] چىقىملىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن، ئاندىن ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ تەۋراتقا تەرتىپى بويىچە رىئايە قىلىۋاتلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ. | 24 |
この人たちを連れて行って、彼らと共にきよめを行い、また彼らの頭をそる費用を引き受けてやりなさい。そうすれば、あなたについて、うわさされていることは、根も葉もないことで、あなたは律法を守って、正しい生活をしていることが、みんなにわかるであろう。
ئەمما ئەللەردىن بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا پەقەتلا بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش توغرۇلۇق قارارىمىزنى ئۆتكەنكى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق. | 25 |
異邦人で信者になった人たちには、すでに手紙で、偶像に供えたものと、血と、絞め殺したものと、不品行とを、慎むようにとの決議が、わたしたちから知らせてある」。
بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، [كاھىنلارغا] ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشۇدىغانلىقى، يەنى ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى. | 26 |
そこでパウロは、その次の日に四人の者を連れて、彼らと共にきよめを受けてから宮にはいった。そしてきよめの期間が終って、ひとりびとりのために供え物をささげる時を報告しておいた。
يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، خالايىقنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ: | 27 |
七日の期間が終ろうとしていた時、アジヤからきたユダヤ人たちが、宮の内でパウロを見かけて、群衆全体を煽動しはじめ、パウロに手をかけて叫び立てた、
ــ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! ھەممە يەردىلا، ھەممە ئادەمگە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىغا ۋە ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلەرنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەم دەل شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە گرېكلەرنى ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىدى! ــ دەپ چۇقان كۆتۈردى | 28 |
「イスラエルの人々よ、加勢にきてくれ。この人は、いたるところで民と律法とこの場所にそむくことを、みんなに教えている。その上に、ギリシヤ人を宮の内に連れ込んで、この神聖な場所を汚したのだ」。
(ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى ۋە پاۋلۇس ئۇنى ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىرگەن، دەپ ئويلىغانىدى). | 29 |
彼らは、前にエペソ人トロピモが、パウロと一緒に町を歩いていたのを見かけて、その人をパウロが宮の内に連れ込んだのだと思ったのである。
شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر زىلزىلىگە كەلدى. خالايىق تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى. | 30 |
そこで、市全体が騒ぎ出し、民衆が駆け集まってきて、パウロを捕え、宮の外に引きずり出した。そして、すぐそのあとに宮の門が閉ざされた。
بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى [ئۇرۇپ] ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق [رىم] قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى. | 31 |
彼らがパウロを殺そうとしていた時に、エルサレム全体が混乱状態に陥っているとの情報が、守備隊の千卒長にとどいた。
مىڭبېشى دەرھال لەشكەر ۋە بىرنەچچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپ-توپ ئادەملەرنى باستۇرۇشقا يۈگۈرۈپ كەلدى. مىڭبېشى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشتىن توختىدى. | 32 |
そこで、彼はさっそく、兵卒や百卒長たちを率いて、その場に駆けつけた。人々は千卒長や兵卒たちを見て、パウロを打ちたたくのをやめた。
مىڭبېشى ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ: ــ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ ــ دەپ سورىدى. | 33 |
千卒長は近寄ってきてパウロを捕え、彼を二重の鎖で縛っておくように命じた上、パウロは何者か、また何をしたのか、と尋ねた。
لېكىن [توپىلاڭچىلارنىڭ] ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ ۋارقىرىشاتتى. مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن مىڭبېشى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. | 34 |
しかし、群衆がそれぞれ違ったことを叫びつづけるため、騒がしくて、確かなことがわからないので、彼はパウロを兵営に連れて行くように命じた。
لېكىن پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتكەچكە، لەشكەرلەر ئۇنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. | 35 |
パウロが階段にさしかかった時には、群衆の暴行を避けるため、兵卒たちにかつがれて行くという始末であった。
چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن توپ-توپ ئادەملەر ئەگىشىپ مېڭىپ: ــ ئۇ يوقىتىلسۇن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. | 36 |
大ぜいの民衆が「あれをやっつけてしまえ」と叫びながら、ついてきたからである。
قەلئەگە ئەكىرىلىشىگە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس مىڭبېشىغا: ــ سىزگە بىر ئېغىز سۆز قىلسام بولامدىكىن؟ ــ دەپ سورىدى. مىڭبېشى: ــ گرېكچە بىلەمسەن؟ | 37 |
パウロが兵営の中に連れて行かれようとした時、千卒長に、「ひと言あなたにお話してもよろしいですか」と尋ねると、千卒長が言った、「おまえはギリシヤ語が話せるのか。
ئۇنداقتا، ئىلگىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، «خەنجەرچى قاتىللار»دىن تۆت مىڭ ئادەمنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق ئەمەسمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 38 |
では、もしかおまえは、先ごろ反乱を起した後、四千人の刺客を引き連れて荒野へ逃げて行ったあのエジプト人ではないのか」。
لېكىن پاۋلۇس: ــ مەن يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىدىكى ئۇلۇغ شەھەر تارسۇسنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. | 39 |
パウロは答えた、「わたしはタルソ生れのユダヤ人で、キリキヤのれっきとした都市の市民です。お願いですが、民衆に話をさせて下さい」。
[مىڭبېشى] ئىجازەت بېرىۋىدى، پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. قاتتىق جىمجىتلىق باسقاندا، ئۇ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلاپ: ــ | 40 |
千卒長が許してくれたので、パウロは階段の上に立ち、民衆にむかって手を振った。すると、一同がすっかり静粛になったので、パウロはヘブル語で話し出した。