< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20 >

توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس مۇخلىسلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە قاراپ كەتتى. 1
Now after the uproar had ended, Paul summoned the disciples, took leave of them, and set out for Macedonia.
ئۇ شۇ ئەتراپتىكى يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى نۇرغۇن سۆز-تەلىملەر بىلەن رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يۇنانغا بېرىپ، 2
When he had gone through those parts and encouraged them with many words, he came into Greece.
ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇرىيەگە ماڭاي دەپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى بىلىنىپ قېلىپ، ماكېدونىيە ئارقىلىق [قۇرۇقلۇق بىلەن] قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. 3
When he had stayed three months, as he was about to set sail for Syria, the Jews made a plot against him, so he decided to return through Macedonia.
ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلار بېرىيالىق پىررۇسنىڭ ئوغلى سوپاتېر، تېسالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىمۇسلار ئىدى. 4
Now Sopater of Berea, Aristarchus and Secundus of the Thessalonians, Gaius of Derbe, Timothy, and Tychicus and Trophimus of Asia were going to accompany him as far as Asia;
ئۇلار ئاۋۋال تروئاس شەھىرىگە بېرىپ، بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى. 5
so having gone on ahead, these men were waiting for us in Troas.
بىز بولساق «پېتىر نان ھېيتى» كۈنلىرىدىن كېيىن، فىلىپپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە يەتتە كۈن تۇردۇق. 6
But it was after the Days of Unleavened Bread that we sailed from Philippi, and in five days we joined them at Troas, where we stayed seven days.
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز نان ئوشتۇشقا جەم بولغاندا، پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، جامائەتكە سۆز قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇ سۆزىنى تۈن يېرىمگىچە ئۇزارتتى. 7
Now on the first day of the week, the disciples being assembled to break bread, Paul started addressing them, and because he intended to leave the next day he continued his message until midnight.
بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ئۆيدە نۇرغۇن قارا چىراغلار يېنىپ تۇراتتى. 8
There were many lamps in the upper room where we were assembled.
ئەۋتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇس سۆزلەپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا، ئۇنى مۈگدەك بېسىۋاتقانىدى. ئاندىن ئۇ غەرق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۇ ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بولغانىدى. 9
Well a certain young man named Eutychus sat in a window and was sinking into a deep sleep as Paul kept on talking; when he was overcome by the sleep he fell down from the third story and was picked up dead.
پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئازابلانماڭلار، ئۇ تىرىككەن! ــ دېدى. 10
So Paul went down, threw himself on him and embracing him said, “Do not be distressed, because his life is in him!”
قايتىدىن ئۆيگە چىقىپ، ناننى ئوشتۇپ يېگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇزۇن سۆزلەشتى ۋە ئۇ بۇ يەردىن يولغا چىقتى. 11
Then he went back up and broke bread, ate, and kept on speaking until daybreak—that is how he left!
[تروئاستىكىلەر] بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار بۇنىڭدىن چەكسىز تەسەللى تاپتى. 12
(On their part, they led the boy away alive, and were greatly comforted.)
بىز بولساق پاۋلۇستىن بۇرۇن ئاسسوس شەھىرىگە كېمە بىلەن باردۇق. چۈنكى پاۋلۇس شۇ يەرگە پىيادە باراي، سىلەر مەندىن ئاۋۋال يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە مېنى كېمىگە ئېلىۋېلىشنى كۈتۈڭلار، دەپ ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 13
As for us, we went to the ship and set sail for Assos, intending to take Paul on board there—so it had been arranged, he himself intending to go on foot.
ئاسسوستا ئۇ بىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بىز ئۇنى كېمىگە ئېلىپ مىتۇلىن شەھىرىگە كەلدۇق. 14
When he met us at Assos we took him aboard and went on to Mityline.
ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تۇردۇق. ئۈچىنچى كۈنى ساموس ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق؛ ئۇنىڭ ئەتىسى مىلېتۇس شەھىرىگە باردۇق. 15
Sailing from there, the next day we arrived opposite Chios, and the day after we crossed over to Samos and stopped in Trogylium; the following day we came to Miletus.
چۈنكى پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، دېڭىز سەپىرىدە ئەفەسۇستا توختىماي ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى. سەۋەبى، ئۇ «ئورما ھېيتى» كۈنىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. 16
(Paul had decided to sail past Ephesus, to avoid being detained in Asia, because he was hurrying to be in Jerusalem on the Day of Pentecost, if he possibly could.)
ئەمدى مىلېتۇس شەھىرىدىن ئەفەسۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، جامائەتتىكى ئاقساقاللارنى چاقىردى. 17
From Miletus he sent to Ephesus and summoned the elders of the congregation.
ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم. 18
So when they had come to him he said to them: “You yourselves know, from the first day that I arrived in Asia, how I lived the whole time I was with you,
رەبنىڭ خىزمىتىدە ھەر تەرەپتە كەمتەر بولۇپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن بېشىمدىن ئۆتكەن سىناقلاردا چىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر، 19
serving the Lord with all humility, and with many tears and trials, the ones that happened to me by the plots of the Jews;
ۋە يەنە مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي-ئۆيلەردە بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرگە پايدىلىق بولسىلا ھېچنېمىنى ئايىماي جاكارلاپ، 20
how I did not shrink from declaring to you anything that was profitable, teaching you publicly and from house to house,
يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم. 21
solemnly proclaiming to both Jews and Greeks the repentance toward God and the faith into our Lord Jesus.
ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛ 22
Now then, I am going to Jerusalem bound in my spirit, not knowing the things that will happen to me there,
پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە. 23
except that the Holy Spirit keeps warning me in every city, saying that fetters and afflictions are just waiting for me.
لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن. 24
However none of this moves me, nor do I regard my life as valuable to myself, just so that I may complete my course with joy, even the ministry that I received from the Lord Jesus, to solemnly proclaim the Good News of the grace of God.
مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىڭلار ئارىسىدا يۈرۈپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىدىم؛ ئەمدى مانا ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن ھېچكىم يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. 25
“Furthermore, I know that none of you among whom I have gone about proclaiming the Kingdom of God will ever see my face again.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە گۇۋاھلىق قىلىپ ئېيتىپ قويايكى، مەن ھېچبىرىنىڭ قېنىغا قەرزدار ئەمەسمەن. 26
Therefore I testify to you this day that I am innocent of the blood of all;
چۈنكى مەن خۇدانىڭ تولۇق مەقسەت-ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە بايان قىلىپ يەتكۈزۈشتىن باش تارتمىدىم. 27
because I did not shrink from declaring to you the whole counsel of God.
مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار! 28
So take heed to yourselves and to all the flock, in which the Holy Spirit has placed you as overseers, to shepherd the congregation of the Lord and God which He purchased with His own blood.
چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ، 29
Because I know this, that after my departure savage wolves will come in among you, not sparing the flock.
ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. 30
Yes, men will rise up from among you yourselves, speaking distorted things, to draw away the disciples after them.
شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 31
Therefore be alert, remembering that during three years, night and day, I never stopped admonishing each one, with tears.
ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان سۆز-كالامىغا تاپشۇرىمەن. بۇ سۆز-كالام ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇشقا ھەم پاك-مۇقەددەس قىلىنغان بارلىق خەلقى ئارىسىدا ئىلتىپات قىلىنىدىغان مىراستىن سىلەرنى نېسىپ قىلىشقا قادىردۇر. 32
“And so now, brothers, I entrust you to God and to the Word of His grace, which is able to build you up and to give you an inheritance among all those who have been sanctified.
مەن ھېچقاچان ھېچكىمدىن كىيىم-كېچەك ياكى ئالتۇن-كۈمۈش تاما قىلىپ باقمىغانمەن. 33
I have not coveted anyone's silver or gold or clothing.
سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. 34
You yourselves know that these hands have supplied my own needs, and of those who were with me.
بۇنداق قىلىپ ھەربىر ئىشلاردا مەن سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر-ئەمگەك ئارقىلىق ئاجىز-ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا رەب ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ بەختلىكتۇر» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسەتتىم. 35
In every way I showed you that working hard like this it is necessary to help the weak, and to remember the word of the Lord Jesus, that He Himself said, ‘It is more blessed to give than to receive.’”
بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. 36
When he had said these things, he knelt down and prayed with them all.
ھەممەيلەن قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى؛ پاۋلۇسنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قۇچاقلاپ، قىزغىن سۆيۈشتى. 37
Then they all wept freely, and falling on Paul's neck kept kissing him,
ئۇلارنى ئەڭ ئازابلىغىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى. 38
sorrowing most of all because of the word that he had spoken, that they would see his face no more. And they accompanied him to the ship.

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20 >