< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 20 >
توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس مۇخلىسلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيەگە قاراپ كەتتى. | 1 |
And after the noise had come to an end, Paul, having sent for the disciples and given them comfort, went away from them to Macedonia.
ئۇ شۇ ئەتراپتىكى يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى نۇرغۇن سۆز-تەلىملەر بىلەن رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يۇنانغا بېرىپ، | 2 |
And when he had gone through those parts and given them much teaching, he came into Greece.
ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇرىيەگە ماڭاي دەپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى بىلىنىپ قېلىپ، ماكېدونىيە ئارقىلىق [قۇرۇقلۇق بىلەن] قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. | 3 |
And when he had been there three months, because the Jews had made a secret design against him when he was about to take ship for Syria, he made a decision to go back through Macedonia.
ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلار بېرىيالىق پىررۇسنىڭ ئوغلى سوپاتېر، تېسالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىمۇسلار ئىدى. | 4 |
And Sopater of Beroea, the son of Pyrrhus, and Aristarchus and Secundus of Thessalonica, and Gaius of Derbe, and Timothy, and Tychicus and Trophimus of Asia, went with him as far as Asia.
ئۇلار ئاۋۋال تروئاس شەھىرىگە بېرىپ، بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى. | 5 |
But these had gone before, and were waiting for us at Troas.
بىز بولساق «پېتىر نان ھېيتى» كۈنلىرىدىن كېيىن، فىلىپپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە يەتتە كۈن تۇردۇق. | 6 |
And we went away from Philippi by ship after the days of unleavened bread, and came to them at Troas in five days; and we were there for seven days.
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز نان ئوشتۇشقا جەم بولغاندا، پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، جامائەتكە سۆز قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇ سۆزىنى تۈن يېرىمگىچە ئۇزارتتى. | 7 |
And on the first day of the week, when we had come together for the holy meal, Paul gave them a talk, for it was his purpose to go away on the day after; and he went on talking till after the middle of the night.
بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ئۆيدە نۇرغۇن قارا چىراغلار يېنىپ تۇراتتى. | 8 |
And there were a number of lights in the room where we had come together.
ئەۋتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇس سۆزلەپ خېلى بىر يەرگە بارغاندا، ئۇنى مۈگدەك بېسىۋاتقانىدى. ئاندىن ئۇ غەرق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۇ ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بولغانىدى. | 9 |
And a certain young man named Eutychus, who was seated in the window, went into a deep sleep; and while Paul went on talking, being overcome by sleep, he had a fall from the third floor, and was taken up dead.
پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئازابلانماڭلار، ئۇ تىرىككەن! ــ دېدى. | 10 |
And Paul went down and, falling on him, took him in his arms and said, Do not be troubled, for his life is in him.
قايتىدىن ئۆيگە چىقىپ، ناننى ئوشتۇپ يېگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇزۇن سۆزلەشتى ۋە ئۇ بۇ يەردىن يولغا چىقتى. | 11 |
And when he had gone up, and had taken the broken bread, he went on talking to them for a long time, even till dawn, and then he went away.
[تروئاستىكىلەر] بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار بۇنىڭدىن چەكسىز تەسەللى تاپتى. | 12 |
And they took the boy in, living, and were greatly comforted.
بىز بولساق پاۋلۇستىن بۇرۇن ئاسسوس شەھىرىگە كېمە بىلەن باردۇق. چۈنكى پاۋلۇس شۇ يەرگە پىيادە باراي، سىلەر مەندىن ئاۋۋال يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە مېنى كېمىگە ئېلىۋېلىشنى كۈتۈڭلار، دەپ ئورۇنلاشتۇرغانىدى. | 13 |
But we, going before him by ship, went to Assos with the purpose of taking Paul in there: for so he had given orders, because he himself was coming by land.
ئاسسوستا ئۇ بىز بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بىز ئۇنى كېمىگە ئېلىپ مىتۇلىن شەھىرىگە كەلدۇق. | 14 |
And when he came up with us at Assos, we took him in the ship and went on to Mitylene.
ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تۇردۇق. ئۈچىنچى كۈنى ساموس ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە تروگىللىئۇم شەھىرىدە قوندۇق؛ ئۇنىڭ ئەتىسى مىلېتۇس شەھىرىگە باردۇق. | 15 |
And going from there by sea, we came on the day after opposite Chios, and touching at Samos on the day after that, we came on the third day to Miletus.
چۈنكى پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، دېڭىز سەپىرىدە ئەفەسۇستا توختىماي ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى. سەۋەبى، ئۇ «ئورما ھېيتى» كۈنىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. | 16 |
For Paul's purpose was to go past Ephesus, so that he might not be kept in Asia; for he was going quickly, in order, if possible, to be at Jerusalem on the day of Pentecost.
ئەمدى مىلېتۇس شەھىرىدىن ئەفەسۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، جامائەتتىكى ئاقساقاللارنى چاقىردى. | 17 |
And from Miletus he sent to Ephesus for the rulers of the church.
ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم. | 18 |
And when they had come, he said to them, You yourselves have seen what my life has been like all the time from the day when I first came into Asia,
رەبنىڭ خىزمىتىدە ھەر تەرەپتە كەمتەر بولۇپ، كۆز ياشلىرىم تۆكۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن بېشىمدىن ئۆتكەن سىناقلاردا چىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر، | 19 |
Doing the Lord's work without pride, through all the sorrow and troubles which came on me because of the evil designs of the Jews:
ۋە يەنە مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆي-ئۆيلەردە بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگىنىمدە، سىلەرگە پايدىلىق بولسىلا ھېچنېمىنى ئايىماي جاكارلاپ، | 20 |
And how I kept back nothing which might be of profit to you, teaching you publicly and privately,
يەھۇدىيلار ھەم گرېكلەرگىمۇ خۇدا ئالدىدا توۋا قىلىش ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھگە ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ جېكىلىگەنلىكىم ھەممىڭلارغا مەلۇم. | 21 |
Preaching to Jews and to Greeks the need for a turning of the heart to God, and faith in the Lord Jesus Christ.
ھازىر مانا، روھتا باغلانغان ھالدا يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بېشىمغا چۈشىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن؛ | 22 |
And now, as you see, I am going to Jerusalem, a prisoner in spirit, having no knowledge of what will come to me there:
پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارغانلا شەھەرلەردە زىندان كىشەنلىرى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېنىق ئېيتىپ كەلمەكتە. | 23 |
Only that the Holy Spirit makes clear to me in every town that prison and pains are waiting for me.
لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن. | 24 |
But I put no value on my life, if only at the end of it I may see the work complete which was given to me by the Lord Jesus, to be a witness of the good news of the grace of God.
مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىڭلار ئارىسىدا يۈرۈپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىدىم؛ ئەمدى مانا ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن ھېچكىم يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. | 25 |
And now I am conscious that you, among whom I have gone about preaching the kingdom, will not see my face again.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە گۇۋاھلىق قىلىپ ئېيتىپ قويايكى، مەن ھېچبىرىنىڭ قېنىغا قەرزدار ئەمەسمەن. | 26 |
And so I say to you this day that I am clean from the blood of all men.
چۈنكى مەن خۇدانىڭ تولۇق مەقسەت-ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە بايان قىلىپ يەتكۈزۈشتىن باش تارتمىدىم. | 27 |
For I have not kept back from you anything of the purpose of God.
مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار! | 28 |
Give attention to yourselves, and to all the flock which the Holy Spirit has given into your care, to give food to the church of God, for which he gave his blood.
چۈنكى ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر ئاراڭلارغا كىرىپ، پادىنى ھېچ ئايىمايدۇ، | 29 |
I am conscious that after I am gone, evil wolves will come in among you, doing damage to the flock;
ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. | 30 |
And from among yourselves will come men who will give wrong teaching, turning away the disciples after them.
شۇڭا، سەگەك بولۇڭلار، مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، ھەربىرىڭلارغا كۆز ياشلىرىم بىلەن توختىماي نەسىھەت بېرىپ تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. | 31 |
So keep watch, having in mind that for three years without resting I was teaching every one of you, day and night, with weeping.
ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان سۆز-كالامىغا تاپشۇرىمەن. بۇ سۆز-كالام ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇشقا ھەم پاك-مۇقەددەس قىلىنغان بارلىق خەلقى ئارىسىدا ئىلتىپات قىلىنىدىغان مىراستىن سىلەرنى نېسىپ قىلىشقا قادىردۇر. | 32 |
And now, I give you into the care of God and the word of his grace, which is able to make you strong and to give you your heritage among all the saints.
مەن ھېچقاچان ھېچكىمدىن كىيىم-كېچەك ياكى ئالتۇن-كۈمۈش تاما قىلىپ باقمىغانمەن. | 33 |
I have had no desire for any man's silver or gold or clothing.
سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. | 34 |
You yourselves have seen that with these hands I got what was necessary for me and those who were with me.
بۇنداق قىلىپ ھەربىر ئىشلاردا مەن سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر-ئەمگەك ئارقىلىق ئاجىز-ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى، شۇنداقلا رەب ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ بەختلىكتۇر» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار كېرەكلىكىنى كۆرسەتتىم. | 35 |
In all things I was an example to you of how, in your lives, you are to give help to the feeble, and keep in memory the words of the Lord Jesus, how he himself said, There is a greater blessing in giving than in getting.
بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. | 36 |
And having said these words, he went down on his knees in prayer with them all.
ھەممەيلەن قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى؛ پاۋلۇسنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قۇچاقلاپ، قىزغىن سۆيۈشتى. | 37 |
And they were all weeping, falling on Paul's neck and kissing him,
ئۇلارنى ئەڭ ئازابلىغىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن يۈزۈمنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى. | 38 |
Being sad most of all because he had said that they would not see his face again. And so they went with him to the ship.