< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2 >
ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. | 1 |
Καὶ ἐν τῷ συμπληροῦσθαι τὴν ἡμέραν τῆς πεντηκοστῆς ἦσαν ⸂πάντες ὁμοῦ ἐπὶ τὸ αὐτό,
ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. | 2 |
καὶ ἐγένετο ἄφνω ἐκ τοῦ οὐρανοῦ ἦχος ὥσπερ φερομένης πνοῆς βιαίας καὶ ἐπλήρωσεν ὅλον τὸν οἶκον οὗ ἦσαν καθήμενοι,
ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. | 3 |
καὶ ὤφθησαν αὐτοῖς διαμεριζόμεναι γλῶσσαι ὡσεὶ πυρός, ⸂καὶ ἐκάθισεν ἐφʼ ἕνα ἕκαστον αὐτῶν,
ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى. | 4 |
καὶ ἐπλήσθησαν ⸀πάντεςπνεύματος ἁγίου, καὶ ἤρξαντο λαλεῖν ἑτέραις γλώσσαις καθὼς τὸ πνεῦμα ἐδίδου ⸂ἀποφθέγγεσθαι αὐτοῖς.
ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى. | 5 |
Ἦσαν δὲ ⸀ἐνἸερουσαλὴμ κατοικοῦντες Ἰουδαῖοι, ἄνδρες εὐλαβεῖς ἀπὸ παντὸς ἔθνους τῶν ὑπὸ τὸν οὐρανόν·
ئەمدى [ئېتىقادچىلارنىڭ] بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە [ئېتىقادچىلارنىڭ] ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى. | 6 |
γενομένης δὲ τῆς φωνῆς ταύτης συνῆλθε τὸ πλῆθος καὶ συνεχύθη, ὅτι ⸀ἤκουονεἷς ἕκαστος τῇ ἰδίᾳ διαλέκτῳ λαλούντων αὐτῶν·
ئۇلار ھەيران بولۇپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گالىلىيەلىكلەرغۇ؟ | 7 |
ἐξίσταντο ⸀δὲκαὶ ἐθαύμαζον ⸀λέγοντες ⸀Οὐχἰδοὺ ⸀πάντεςοὗτοί εἰσιν οἱ λαλοῦντες Γαλιλαῖοι;
قانداقلارچە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى تىللىرىمىزدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندىمىز؟ | 8 |
καὶ πῶς ἡμεῖς ἀκούομεν ἕκαστος τῇ ἰδίᾳ διαλέκτῳ ἡμῶν ἐν ᾗ ἐγεννήθημεν;
ئارىمىزدا پارتىيالار، مېدىئالار، ئېلاملار، شۇنداقلا مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، | 9 |
Πάρθοι καὶ Μῆδοι καὶ Ἐλαμῖται, καὶ οἱ κατοικοῦντες τὴν Μεσοποταμίαν, Ἰουδαίαν τε καὶ Καππαδοκίαν, Πόντον καὶ τὴν Ἀσίαν,
فرىگىيە ھەم پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيەنىڭ كۇرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنىڭدەك مۇشۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان رىم شەھىرىدىن كەلگەنلەر ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەنلەر بولسۇن، كرېتلار ۋە ئەرەبلەر بولسۇن، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى بىزنىڭ ئانا تىللىرىمىزدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز! ــ دېيىشتى. | 10 |
Φρυγίαν τε καὶ Παμφυλίαν, Αἴγυπτον καὶ τὰ μέρη τῆς Λιβύης τῆς κατὰ Κυρήνην, καὶ οἱ ἐπιδημοῦντες Ῥωμαῖοι,
Ἰουδαῖοί τε καὶ προσήλυτοι, Κρῆτες καὶ Ἄραβες, ἀκούομεν λαλούντων αὐτῶν ταῖς ἡμετέραις γλώσσαις τὰ μεγαλεῖα τοῦ θεοῦ.
ئۇلار ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ ــ دېيىشتى. | 12 |
ἐξίσταντο δὲ πάντες καὶ ⸀διηπόρουν ἄλλος πρὸς ἄλλον λέγοντες· Τί ⸀θέλειτοῦτο εἶναι;
ئەمما بەزىلەر: ــ بۇلار يېڭى شاراب بىلەن ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشتى. | 13 |
ἕτεροι δὲ ⸀διαχλευάζοντεςἔλεγον ὅτι Γλεύκους μεμεστωμένοι εἰσίν.
ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ــ ئەي يەھۇدىيەدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار! بۇ ئىش سىلەرگە مەلۇم بولغايكى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! | 14 |
Σταθεὶς δὲ ⸀ὁΠέτρος σὺν τοῖς ἕνδεκα ἐπῆρεν τὴν φωνὴν αὐτοῦ καὶ ἀπεφθέγξατο αὐτοῖς· Ἄνδρες Ἰουδαῖοι καὶ οἱ κατοικοῦντες Ἰερουσαλὴμ ⸀πάντες τοῦτο ὑμῖν γνωστὸν ἔστω καὶ ἐνωτίσασθε τὰ ῥήματά μου.
بۇلار سىلەر ئويلىغاندەك مەست ئەمەس، چۈنكى ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. | 15 |
οὐ γὰρ ὡς ὑμεῖς ὑπολαμβάνετε οὗτοι μεθύουσιν, ἔστιν γὰρ ὥρα τρίτη τῆς ἡμέρας,
ئەمەلىيەتتە بۇ دەل يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان شۇ ئىشتۇر: | 16 |
ἀλλὰ τοῦτό ἐστιν τὸ εἰρημένον διὰ τοῦ προφήτου Ἰωήλ·
ــ «خۇدا مۇنداق دېدى: «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ | 17 |
Καὶ ἔσται ἐν ταῖς ἐσχάταις ἡμέραις, λέγει ὁ θεός, ἐκχεῶ ἀπὸ τοῦ πνεύματός μου ἐπὶ πᾶσαν σάρκα, καὶ προφητεύσουσιν οἱ υἱοὶ ὑμῶν καὶ αἱ θυγατέρες ὑμῶν, καὶ οἱ νεανίσκοι ὑμῶν ὁράσεις ὄψονται, καὶ οἱ πρεσβύτεροι ὑμῶν ⸀ἐνυπνίοιςἐνυπνιασθήσονται·
بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن، ئۇلار بېشارەت يەتكۈزىدۇ. | 18 |
καί γε ἐπὶ τοὺς δούλους μου καὶ ἐπὶ τὰς δούλας μου ἐν ταῖς ἡμέραις ἐκείναις ἐκχεῶ ἀπὸ τοῦ πνεύματός μου, καὶ προφητεύσουσιν.
مەن يۇقىرىدا ئاسمانلاردا كارامەت ئىشلار، تۆۋەندە، زېمىندا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. | 19 |
καὶ δώσω τέρατα ἐν τῷ οὐρανῷ ἄνω καὶ σημεῖα ἐπὶ τῆς γῆς κάτω, αἷμα καὶ πῦρ καὶ ἀτμίδα καπνοῦ·
رەبنىڭ ئۇلۇغ ھەم كارامەت-شەرەپلىك كۈنى بولمىغۇچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. | 20 |
ὁ ἥλιος μεταστραφήσεται εἰς σκότος καὶ ἡ σελήνη εἰς αἷμα πρὶν ⸀ἢ⸀ἐλθεῖνἡμέραν κυρίου τὴν μεγάλην καὶ ἐπιφανῆ.
ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ». | 21 |
καὶ ἔσται πᾶς ὃς ⸀ἐὰνἐπικαλέσηται τὸ ὄνομα κυρίου σωθήσεται.
ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات ــ بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ | 22 |
Ἄνδρες Ἰσραηλῖται, ἀκούσατε τοὺς λόγους τούτους. Ἰησοῦν τὸν Ναζωραῖον, ἄνδρα ⸂ἀποδεδειγμένον ἀπὸ τοῦ θεοῦ εἰς ὑμᾶς δυνάμεσι καὶ τέρασι καὶ σημείοις οἷς ἐποίησεν διʼ αὐτοῦ ὁ θεὸς ἐν μέσῳ ὑμῶν, ⸀καθὼςαὐτοὶ οἴδατε,
ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. | 23 |
τοῦτον τῇ ὡρισμένῃ βουλῇ καὶ προγνώσει τοῦ θεοῦ ⸀ἔκδοτονδιὰ ⸀χειρὸςἀνόμων προσπήξαντες ἀνείλατε,
لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. | 24 |
ὃν ὁ θεὸς ἀνέστησεν λύσας τὰς ὠδῖνας τοῦ θανάτου, καθότι οὐκ ἦν δυνατὸν κρατεῖσθαι αὐτὸν ὑπʼ αὐτοῦ·
داۋۇت [زەبۇردا] ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. | 25 |
Δαυὶδ γὰρ λέγει εἰς αὐτόν· Προορώμην τὸν κύριον ἐνώπιόν μου διὰ παντός, ὅτι ἐκ δεξιῶν μού ἐστιν ἵνα μὴ σαλευθῶ.
شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى، مېنىڭ تىلىم شادلىنىپ يايرىدى؛ مېنىڭ تېنىم ئۈمىد-ئارزۇ ئىچىدە تۇرىدۇ؛ | 26 |
διὰ τοῦτο ηὐφράνθη ⸂ἡ καρδία μου καὶ ἠγαλλιάσατο ἡ γλῶσσά μου, ἔτι δὲ καὶ ἡ σάρξ μου κατασκηνώσει ἐπʼ ἐλπίδι·
چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن. (Hadēs ) | 27 |
ὅτι οὐκ ἐγκαταλείψεις τὴν ψυχήν μου εἰς ⸀ᾅδην οὐδὲ δώσεις τὸν ὅσιόν σου ἰδεῖν διαφθοράν. (Hadēs )
سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن». | 28 |
ἐγνώρισάς μοι ὁδοὺς ζωῆς, πληρώσεις με εὐφροσύνης μετὰ τοῦ προσώπου σου.
قېرىنداشلار، مەن ئاتىمىز [پادىشاھ] داۋۇت توغرۇلۇق ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇ ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئارىمىزدا بار. | 29 |
Ἄνδρες ἀδελφοί, ἐξὸν εἰπεῖν μετὰ παρρησίας πρὸς ὑμᾶς περὶ τοῦ πατριάρχου Δαυίδ, ὅτι καὶ ἐτελεύτησεν καὶ ἐτάφη, καὶ τὸ μνῆμα αὐτοῦ ἔστιν ἐν ἡμῖν ἄχρι τῆς ἡμέρας ταύτης·
ئەمدى ئۇ پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەننى تۇرغۇزۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. | 30 |
προφήτης οὖν ὑπάρχων, καὶ εἰδὼς ὅτι ὅρκῳ ὤμοσεν αὐτῷ ὁ θεὸς ἐκ καρποῦ τῆς ὀσφύος ⸀αὐτοῦκαθίσαι ἐπὶ ⸂τὸν θρόνον αὐτοῦ,
ئۇ مەسىھنىڭ [ئۆلگەندىن كېيىن] تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان. (Hadēs ) | 31 |
προϊδὼν ἐλάλησεν περὶ τῆς ἀναστάσεως τοῦ χριστοῦ ὅτι ⸂οὔτε ἐγκατελείφθη εἰς ⸀ᾅδην⸀οὔτεἡ σὰρξ αὐτοῦ εἶδεν διαφθοράν. (Hadēs )
خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز. | 32 |
τοῦτον τὸν Ἰησοῦν ἀνέστησεν ὁ θεός, οὗ πάντες ἡμεῖς ἐσμεν μάρτυρες.
ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا شان-شەرەپ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى تۆكۈپ [بىزلەرگە] چۈشۈردى. | 33 |
τῇ δεξιᾷ οὖν τοῦ θεοῦ ὑψωθεὶς τήν τε ἐπαγγελίαν τοῦ ⸂πνεύματος τοῦ ἁγίου λαβὼν παρὰ τοῦ πατρὸς ἐξέχεεν τοῦτο ⸀ὃ⸀ὑμεῖςβλέπετε καὶ ἀκούετε.
چۈنكى داۋۇت ئۆزى ئەرشكە چىققان ئەمەس؛ لېكىن ئۇ مۇنۇ سەزلەرنى [زەبۇردا] ئېيتقان: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»». | 34 |
οὐ γὰρ Δαυὶδ ἀνέβη εἰς τοὺς οὐρανούς, λέγει δὲ αὐτός· Εἶπεν ⸀ὁκύριος τῷ κυρίῳ μου· Κάθου ἐκ δεξιῶν μου,
ἕως ἂν θῶ τοὺς ἐχθρούς σου ὑποπόδιον τῶν ποδῶν σου.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!». | 36 |
ἀσφαλῶς οὖν γινωσκέτω πᾶς οἶκος Ἰσραὴλ ὅτι καὶ κύριον ⸂αὐτὸν καὶ χριστὸν ⸂ἐποίησεν ὁ θεός, τοῦτον τὸν Ἰησοῦν ὃν ὑμεῖς ἐσταυρώσατε.
بۇ سۆزلەر ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك قاتتىق تەگكەن بولۇپ ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا روسۇللاردىن: ــ ئى قېرىنداشلار، ئۇنداقتا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. | 37 |
Ἀκούσαντες δὲ κατενύγησαν ⸂τὴν καρδίαν, εἶπόν τε πρὸς τὸν Πέτρον καὶ τοὺς λοιποὺς ἀποστόλους· Τί ⸀ποιήσωμεν ἄνδρες ἀδελφοί;
پېترۇس ئۇلارغا: ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. | 38 |
Πέτρος δὲ ⸂πρὸς αὐτούς· Μετανοήσατε, καὶ βαπτισθήτω ἕκαστος ὑμῶν ⸀ἐπὶτῷ ὀνόματι Ἰησοῦ Χριστοῦ εἰς ἄφεσιν ⸀τῶνἁμαρτιῶν ⸀ὑμῶν καὶ λήμψεσθε τὴν δωρεὰν τοῦ ἁγίου πνεύματος·
چۈنكى بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ. | 39 |
ὑμῖν γάρ ἐστιν ἡ ἐπαγγελία καὶ τοῖς τέκνοις ὑμῶν καὶ πᾶσι τοῖς εἰς μακρὰν ὅσους ἂν προσκαλέσηται κύριος ὁ θεὸς ἡμῶν.
پېترۇس يەنە نۇرغۇن باشقا سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇ ئىپلاس دەۋردىن قۇتقۇزۇڭلار! ــ دەپ جېكىلىدى. | 40 |
ἑτέροις τε λόγοις πλείοσιν διεμαρτύρατο, καὶ παρεκάλει ⸀αὐτοὺςλέγων· Σώθητε ἀπὸ τῆς γενεᾶς τῆς σκολιᾶς ταύτης.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى [جامائەتكە] قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى. | 41 |
οἱ μὲν ⸀οὖνἀποδεξάμενοι τὸν λόγον αὐτοῦ ἐβαπτίσθησαν, καὶ προσετέθησαν ⸀ἐντῇ ἡμέρᾳ ἐκείνῃ ψυχαὶ ὡσεὶ τρισχίλιαι.
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، [ئېتىقادچىلارنىڭ] بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى. | 42 |
ἦσαν δὲ προσκαρτεροῦντες τῇ διδαχῇ τῶν ἀποστόλων καὶ τῇ ⸀κοινωνίᾳ τῇ κλάσει τοῦ ἄρτου καὶ ταῖς προσευχαῖς.
ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى. | 43 |
⸀Ἐγίνετοδὲ πάσῃ ψυχῇ φόβος, πολλά ⸀τετέρατα καὶ σημεῖα διὰ τῶν ἀποστόλων ἐγίνετο.
پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى. | 44 |
πάντες δὲ οἱ ⸀πιστεύοντες⸂ἦσαν ἐπὶ τὸ αὐτὸ καὶ εἶχον ἅπαντα κοινά,
ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىشاتتى. | 45 |
καὶ τὰ κτήματα καὶ τὰς ὑπάρξεις ἐπίπρασκον καὶ διεμέριζον αὐτὰ πᾶσιν καθότι ἄν τις χρείαν εἶχεν·
ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ، | 46 |
καθʼ ἡμέραν τε προσκαρτεροῦντες ὁμοθυμαδὸν ἐν τῷ ἱερῷ, κλῶντές τε κατʼ οἶκον ἄρτον, μετελάμβανον τροφῆς ἐν ἀγαλλιάσει καὶ ἀφελότητι καρδίας,
خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشاتتى؛ ئۇلار پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئىززىتىگە سازاۋەر بولدى. رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى. | 47 |
αἰνοῦντες τὸν θεὸν καὶ ἔχοντες χάριν πρὸς ὅλον τὸν λαόν. ὁ δὲ κύριος προσετίθει τοὺς σῳζομένους καθʼ ἡμέραν ⸂ἐπὶ τὸ αὐτό.