< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19 >
ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە بەزى مۇخلىسلار بىلەن ئۇچرىشىپ، | 1 |
And it came to pass, that, while Apollos was at Corinth, Paul having passed through the upper country came to Ephesus, and found certain disciples:
ئۇلاردىن: ــ سىلەر ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردا، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ياق، بىز ھەتتا مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. | 2 |
and he said unto them, Did ye receive the Holy Ghost when ye believed? And they [said] unto him, Nay, we did not so much as hear whether the Holy Ghost was [given].
پاۋلۇس يەنە: ــ ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ بىز يەھيا [پەيغەمبەر] يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق، ــ دېدى ئۇلار. | 3 |
And he said, Into what then were ye baptized? And they said, Into John’s baptism.
پاۋلۇس: ــ يەھيا [پەيغەمبەر] خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، ــ دېدى. | 4 |
And Paul said, John baptized with the baptism of repentance, saying unto the people, that they should believe on him which should come after him, that is, on Jesus.
ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، رەب ئەيسانىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدى. | 5 |
And when they heard this, they were baptized into the name of the Lord Jesus.
پاۋلۇس قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. | 6 |
And when Paul had laid his hands upon them, the Holy Ghost came on them; and they spake with tongues, and prophesied.
ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى ئەركەك كىشى ئىدى. | 7 |
And they were in all about twelve men.
پاۋلۇس ئۈچ ئاي داۋامىدا [ئەفەسۇس شەھىرىدىكى] سىناگوگقا كىرىپ، يۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇلار بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى. | 8 |
And he entered into the synagogue, and spake boldly for the space of three months, reasoning and persuading [as to] the things concerning the kingdom of God.
لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشىنىشنى رەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا [رەبنىڭ] يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە، پاۋلۇس ئۇلاردىن چىقىپ، مۇخلىسلارنىمۇ ئايرىپ چىقتى. ئۇ ھەركۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى. | 9 |
But when some were hardened and disobedient, speaking evil of the Way before the multitude, he departed from them, and separated the disciples, reasoning daily in the school of Tyrannus.
بۇ ئىش ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممەيلەن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىدى. | 10 |
And this continued for the space of two years; so that all they which dwelt in Asia heard the word of the Lord, both Jews and Greeks.
خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى. | 11 |
And God wrought special miracles by the hands of Paul:
كىشىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە پەرتۇقلارنى پاۋلۇسنىڭ تېنىگە تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپاتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، يامان روھلار ئۇلاردىن چىقىپ كېتەتتى. | 12 |
insomuch that unto the sick were carried away from his body handkerchiefs or aprons, and the diseases departed from them, and the evil spirits went out.
لېكىن شۇ ئەتراپتا يۈرىدىغان، «جىنكەش» يەھۇدىيلارىن بەزىلىرىمۇ رەب ئەيسانىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىپ، جىن چاپلاشقانلار ئۈستىدە تۇرۇپ جىنلارغا: «پاۋلۇس جاكارلاۋاتقان ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» دەيدىغان بولدى. | 13 |
But certain also of the strolling Jews, exorcists, took upon them to name over them which had the evil spirits the name of the Lord Jesus, saying, I adjure you by Jesus whom Paul preacheth.
بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. | 14 |
And there were seven sons of one Sceva, a Jew, a chief priest, which did this.
لېكىن [ئۇلار قوغلىۋەتمەكچى بولغان] يامان روھ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇستىن خەۋىرىم بار، بىراق ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟! ــ دېۋىدى، | 15 |
And the evil spirit answered and said unto them, Jesus I know, and Paul I know; but who are ye?
يامان روھ چاپلىشىۋالغان كىشى ئۇلارغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ شاما قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئۇلار يالىڭاچ ۋە يارىلانغان ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. | 16 |
And the man in whom the evil spirit was leaped on them, and mastered both of them, and prevailed against them, so that they fled out of that house naked and wounded.
بۇ ئىش ئەفەسۇس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەرگىمۇ مەلۇم بولۇپ، قورقۇنچ ھەممىسىنى باستى ۋە رەب ئەيسانىڭ نامى ئۇلۇغلاندى. | 17 |
And this became known to all, both Jews and Greeks, that dwelt at Ephesus; and fear fell upon them all, and the name of the Lord Jesus was magnified.
نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇنقى قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئالدىغا چىقتى. | 18 |
Many also of them that had believed came, confessing, and declaring their deeds.
سېھىرگەرلىك قىلغانلاردىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك كىتاب-پالنامىلىرىنى ئەكېلىپ [بىر يەرگە دۆۋىلەپ]، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى. | 19 |
And not a few of them that practised curious arts brought their books together, and burned them in the sight of all: and they counted the price of them, and found it fifty thousand pieces of silver.
شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى كۈچگە ئىگە بولۇپ، بەرق ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. | 20 |
So mightily grew the word of the Lord and prevailed.
بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاۋلۇس كۆڭلىدە، ماكېدونىيە ۋە ئاخايا ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ يېرۇسالېمغا بېرىشقا نىيەت باغلىدى. ئۇ: ــ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىنى كۆرۈپ كېلىشىم كېرەك، ــ دېدى. | 21 |
Now after these things were ended, Paul purposed in the spirit, when he had passed through Macedonia and Achaia, to go to Jerusalem, saying, After I have been there, I must also see Rome.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە تۇردى. | 22 |
And having sent into Macedonia two of them that ministered unto him, Timothy and Erastus, he himself stayed in Asia for a while.
دەل شۇ چاغدا، [ئەفەسۇس شەھىرىدە] [رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى. | 23 |
And about that time there arose no small stir concerning the Way.
ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنى سۈرەتلەپ كۈمۈش تەكچە-ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھۈنەرۋەنلەرگە كۆپ پايدا تاپقۇزاتتى. | 24 |
For a certain man named Demetrius, a silversmith, which made silver shrines of Diana, brought no little business unto the craftsmen;
دىمىترىي ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا: ــ بۇرادەرلەر، بىزنىڭ گۈللىنىشىمىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ | 25 |
whom he gathered together, with the workmen of like occupation, and said, Sirs, ye know that by this business we have our wealth.
ھازىر ھېلىقى پاۋلۇسنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ: «قول بىلەن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىلاھلار ئەمەس» دېيىش بىلەن، پەقەت ئەفەسۇستا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا ئۆلكىسىدە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، ئازدۇرۇپ بۇراۋاتىدۇ. | 26 |
And ye see and hear, that not alone at Ephesus, but almost throughout all Asia, this Paul hath persuaded and turned away much people, saying that they be no gods, which are made with hands:
ئەمدى ھازىر بىزنىڭ بۇ سودىمىزغا بەتنام چاپلاش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۈيۈك ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ ئەرزىمەس دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل جاھان ئىبادەت قىلىدىغان [بۇ ئايال ئىلاھىمىزنىڭ] شان-شەرىپىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ! ــ دېدى. | 27 |
and not only is there danger that this our trade come into disrepute; but also that the temple of the great goddess Diana be made of no account, and that she should even be deposed from her magnificence, whom all Asia and the world worshippeth.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك غەزەپكە چۆمۈپ، قايتا-قايتا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى. | 28 |
And when they heard this, they were filled with wrath, and cried out, saying, Great [is] Diana of the Ephesians.
بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەھەرمالىماتاڭ بولۇپ كەتتى. خالايىق پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيەلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇپ سۆرەپ، سېرك مەيدانىغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ماڭدى. | 29 |
And the city was filled with the confusion: and they rushed with one accord into the theatre, having seized Gaius and Aristarchus, men of Macedonia, Paul’s companions in travel.
پاۋلۇس خالايىق ئارىسىغا كىرمەكچى بولغانىدى، لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدى. | 30 |
And when Paul was minded to enter in unto the people, the disciples suffered him not.
ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان ئۆلكە ئەمەلدارلىرىدىن بەزىلىرىمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى سېرك مەيدانىغا بېرىشقا تەۋەككۈل قىلماسلىققا جېكىلىدى. | 31 |
And certain also of the chief officers of Asia, being his friends, sent unto him, and besought him not to adventure himself into the theatre.
ئەمدى بەزىلەر بۇنى دەپ ۋارقىرىسا، بەزىلەر ئۇنى دەپ ۋارقىرىشىپ، پۈتۈن سورۇن ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى؛ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. | 32 |
Some therefore cried one thing, and some another: for the assembly was in confusion; and the more part knew not wherefore they were come together.
يەھۇدىيلار ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئالدىغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، [يەھۇدىيلارنى] ئاقلىماقچى بولدى. | 33 |
And they brought Alexander out of the multitude, the Jews putting him forward. And Alexander beckoned with the hand, and would have made a defence unto the people.
بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ھەممىسى تەڭلا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان كۆتۈرۈپ تۇرۇشتى. | 34 |
But when they perceived that he was a Jew, all with one voice about the space of two hours cried out, Great [is] Diana of the Ephesians.
ئاخىردا، شەھەرنىڭ باش مىرزىسى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئەفەسۇسلۇقلار! بىز ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ شەھىرىنىڭ بۈيۈك ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن سۈرىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىم بار! | 35 |
And when the townclerk had quieted the multitude, he saith, Ye men of Ephesus, what man is there who knoweth not how that the city of the Ephesians is temple-keeper of the great Diana, and of the [image] which fell down from Jupiter?
بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلالمىغانىكەن، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، باشباشتاقلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك. | 36 |
Seeing then that these things cannot be gainsaid, ye ought to be quiet, and to do nothing rash.
چۈنكى سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە [سوراققا تارتىشقا] ئېلىپ كەلدىڭلار؛ لېكىن ئۇلار يا بۇتخانىلارنى بۇلغۇچىلار يا بىزنىڭ ئايال ئىلاھىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئەمەس. | 37 |
For ye have brought [hither] these men, which are neither robbers of temples nor blasphemers of our goddess.
ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق تۇرماقتا ۋە سوراقچى ۋالىيلارمۇ بار. ئۇلار شۇ يەرلەردە بىر-بىرى بىلەن دەۋالاشسۇن؛ | 38 |
If therefore Demetrius, and the craftsmen that are with him, have a matter against any man, the courts are open, and there are proconsuls: let them accuse one another.
ۋە باشقا بىرەر مەسىلىلىرىڭلار بولسا، رەسمىي سورۇندا بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. | 39 |
But if ye seek anything about other matters, it shall be settled in the regular assembly.
بىز ئەمدى يەنە بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ ئەرز قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىمىز؛ چۈنكى بۇ مالىمانچلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەچكە، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە! | 40 |
For indeed we are in danger to be accused concerning this day’s riot, there being no cause [for it]: and as touching it we shall not be able to give account of this concourse.
بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ يىغىلغان خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. | 41 |
And when he had thus spoken, he dismissed the assembly.