< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18 >
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن ئايرىلىپ كورىنت شەھىرىگە باردى. | 1 |
Shure kwaizvozvo, Pauro akabva paAtene akaenda kuKorinde.
ئۇ ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىللانى ئۇچراتتى. ئۇلار [رىم] [ئىمپېراتورى] كلاۋدىيۇسنىڭ بارلىق يەھۇدىيلار رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دېگەن يارلىقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيەدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ، | 2 |
Ikoko akandosangana nomuJudha ainzi Akwira chizvarwa chePondasi, akanga achangobva kuItari nomukadzi wake Pirisira, nokuti Kiraudhiyo akanga arayira kuti vaJudha vose vabve muRoma. Pauro akaenda kundomuona,
ئۇلار بىلەن كەسىپداش بولغاچقا، بىللە تۇرۇپ ئىشلىدى (چۈنكى ئۇلار چېدىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى). | 3 |
uye sezvo akanga ari mugadziri wamatende saivo, akagara navo achishanda pamwe chete navo.
ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى [خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا] قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى. | 4 |
Sabata rimwe nerimwe akanga achitaurirana navo musinagoge, achiedza kugombedzera vaJudha navaGiriki.
بىراق سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس سۆز-كالامنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى، جان كۆيدۈرۈپ يەھۇدىيلارغا: ــ ئەيسا ــ مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بەردى. | 5 |
Sirasi naTimoti vakati vasvika vachibva kuMasedhonia, Pauro akazvipira kuti aparidze chete, achipupura kuvaJudha kuti Jesu ndiye Kristu.
لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: ــ ئۆز قېنىڭلار ئۆز بېشىڭلارغا چۈشسۇن! مەن بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەسمەن! بۈگۈندىن باشلاپ، مەن [سىلەردىن بۇرۇلۇپ] يات ئەللىكلەرگە بارىمەن، ــ دېدى. | 6 |
Asi vaJudha vakati vapikisana naPauro uye vachimutuka, akazunza nguo dzake asingafari akati kwavari, “Ropa renyu ngarive pamisoro yenyu! Ini ndakachena pabasa rangu. Kubva zvino ndichaenda kune veDzimwe Ndudzi.”
بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك، خۇدادىن قورقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۆيى سىناگوگنىڭ يېنىدا ئىدى. | 7 |
Ipapo Pauro akabuda musinagoge akaenda kumba kwaTitiasi Jastasi munhu ainamata Mwari.
ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. | 8 |
Krispasi mukuru wesinagoge, neimba yake yose vakatenda kuna She; uye vazhinji vavaKorinde vakamunzwa vakatenda uye vakabhabhatidzwa.
رەب كېچىدە پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە، | 9 |
Humwe usiku Ishe akataura naPauro muchiratidzo akati, “Usatya; ramba uchingotaura, usanyarara.
چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە. ھېچكىم ساڭا قول سېلىپ زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى مېنىڭ بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار، ــ دېدى. | 10 |
Nokuti ndinewe, uye hakuna munhu achakurwisa akakukuvadza, nokuti ndina vanhu vazhinji muguta rino.”
شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يىل ئالتە ئاي تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۆگەتتى. | 11 |
Saka Pauro akagaramo kwegore nemwedzi mitanhatu, achivadzidzisa shoko raMwari.
ئەمما گاللىيو ئاخايا ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ گاللىيونىڭ «سوراق تەختى»نىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن: بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قايىل قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى. | 12 |
Panguva iyo Gario akanga ari mubati weAkaya, vaJudha vakabatana mukurwisa Pauro uye vakauya naye kudare redzimhosva.
Vakati, “Munhu uyu, ari kugombedzera vanhu kuti vanamate Mwari nenzira inopesana nomurayiro.”
پاۋلۇس ئاغزىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي گاللىيو يەھۇدىيلارغا: ــ دەرۋەقە، ئى يەھۇدىيلار، بۇ شىكايىتىڭلار بىرەر ناھەقلىق ياكى ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولغان بولسا، سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سالسام ئورۇنلۇق بولاتتى. | 14 |
Pauro akati oda kutaura, Gario akati kuvaJudha, “Kana imi vaJudha manga muchinyunyuta pamusoro pemhosva yezvisakarurama kana kutadza kwakaipisisa, zvainge zviri nyore kwandiri kuti ndikuteererei.
بىراق بۇ ئىش [پەقەت] بەزى نام-ئىسىملار، سۆزلەر ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ [تەۋرات] قانۇنىڭلار ئۈستىدە تالاش-تارتىشلارغا چېتىشلىق ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار! مەن بۇنداق ئىشلارغا سوراقچى بولمايمەن! ــ دېدى. | 15 |
Asi sezvo ichingova mibvunzo pamusoro pamashoko namazita uye nezvomurayiro wenyu, gadzirisanai pachenyu. Ini handidi kutonga nyaya dzakadai.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى سوراق تەختى ئالدىدىن ھەيدەپ چىقاردى. | 16 |
Saka akaita kuti vadzingwe kubva mudare remhosva.
خالايىق سىناگوگنىڭ چوڭى سوستېنىسنى تۇتۇۋېلىپ، سوراق تەختىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى. بىراق [ۋالىي] گاللىيو بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. | 17 |
Ipapo vose vakatendeukira kuna Sosteni mukuru wesinagoge vakamurova pamberi pedare. Asi Gario haana kumbova nehanya nazvo.
پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە يەنە كۆپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قېرىنداشلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلالارنىڭ ھەمراھلىقىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيەگە قاراپ كەتتى. [يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى] ئۇ كەنقرىيا شەھىرىدە خۇداغا ئىچكەن بىر قەسىمىدىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى. | 18 |
Pauro akaramba ari muKorinde kwamazuva mazhinji. Ipapo akabva pahama ndokuenda nechikepe kuSiria, achiperekedzwa naPirisira naAkwira. Asati akwira chikepe, akaveura bvudzi rake paKenikireya nokuda kwemhiko yaakanga aita.
ئۇلار ئەفەسۇس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلانى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى [شۇ يەردىكى] سىناگوگقا كىرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. | 19 |
Vakasvika paEfeso, Pauro akasiya Pirisira naAkwira ipapo. Iye pachake akapinda musinagoge akataurirana navaJudha.
ئۇلار ئۇنى ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ قوشۇلماي، | 20 |
Vakati vamukumbira kuti agare navo nguva refu, iye akaramba.
«مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن؛ ئاندىن خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى. | 21 |
Asi paakabva, akavimbisa achiti, “Ndichadzokazve kana Mwari achida.” Ipapo akakwira chikepe kubva kuEfeso.
ئۇ قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، [يېرۇسالېمغا] چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە چۈشۈپ كەتتى. | 22 |
Akati aburuka paKesaria, akakwidza akandokwazisa kereke ipapo ndokubva aburuka oenda kuAndioki.
ئانتاكيادا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يولغا چىقىپ گالاتىيا ۋە فرىگىيە يۇرتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە بارلىق مۇخلىسلارنىڭ ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلىدى. | 23 |
Shure kwokunge ambogara muAndioki kwechinguva, Pauro akabvapo akaenda achishanya munzvimbo nenzvimbo, akapinda nomumatunhu eGaratia neFirigia, achisimbisa vadzidzi vose.
بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ناتىق ئادەم بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى. | 24 |
Zvichakadaro, mumwe muJudha ainzi Aporosi, chizvarwa cheArekizandiria, akasvika kuEfeso. Akanga ari murume akadzidza, aino ruzivo rwaMagwaro chaizvo.
ئۇ رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان بولۇپ، ئوتلۇق روھ بىلەن ئەيسا ھەققىدە ئەينەن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. بىراق ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا [پەيغەمبەر]نىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى. | 25 |
Akanga akadzidziswa nzira yaShe, uye aitaura nesimba guru achinyatsodzidzisa nezvaJesu, kunyange zvake aingoziva nezvorubhabhatidzo rwaJohani.
ئۇ سىناگوگدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردى. | 26 |
Akatanga kutaura musinagoge asingatyi. Pirisira naAkwira vakati vamunzwa, vakamukoka kumba kwavo vakamutsanangurira nzira yaMwari zvizere.
كېيىن، ئاپوللوس ئاخايا ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، [ئەفەسۇسلۇق] قېرىنداشلار [ئاخايادىكى] مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى بەكمۇ تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغانلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارغا زور ياردەمدە بولدى. | 27 |
Aporosi akati oda kuenda kuAkaya, hama dzakamukurudzira ndokumunyorera tsamba yokuti vadzidzi vaikoko vamugamuchire. Paakasvika akabatsira kwazvo avo vakanga vatenda nenyasha.
چۈنكى ئۇ خەلق-ئالەم ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلىشى بىلەن مەسىھنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. | 28 |
Nokuti pakutaurirana, akapikisa vaJudha zvine simba pamberi pavanhu, achiratidza kubva muMagwaro kuti Jesu ndiye Kristu.