< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 17 >
ئۇلار سەپىرىنى داۋام قىلىپ ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، تېسالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگى بار ئىدى. | 1 |
In šla sta skozi Amfipolj in Apolonijo, in prišla sta v Solun, kjer je bilo shajališče Judovsko.
پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ شابات كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغانلار بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلەپ مۇنازىرىلىشىپ، | 2 |
In Pavel vnide po navadi k njim, in razgovarjal se je ž njimi tri sobote iz pisem,
ئۇلارغا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەر تارتقاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى مۇقەررەر دەپ چۈشەندۈردى ھەم ئىسپاتلىدى ۋە: ــ مەن سىلەرگە جاكارلىغان مۇشۇ ئەيسا دەل مەسىھنىڭ ئۆزى شۇ! ــ دېدى. | 3 |
Razkladajoč in dokazujoč, da je bilo treba, da je Kristus trpel in vstal od mrtvih, in da ta Jezus, kterega vam jaz oznanjujem, je Kristus.
[يەھۇدىيلارنىڭ] ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قوشۇلدى؛ شۇنداقلا خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەردىن زور بىر توپ ئادەملەر ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ شۇنداق ئىشەندى. | 4 |
In nekteri od njih so verovali, in pridružili so se Pavlu in Silu, in od pobožnih Grkov velika množica, in imenitnih žen ne malo.
بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق [كېڭەشمىسىگە] تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى. | 5 |
Ali trdovratni Judje so zavidali, in privzemši nekaj hudobnih móž izmed drhali, in zbravši trumo, nadražili so mesto; in obstopili so hišo Jazonovo, in iskali so ju, da bi ju izpeljali pred ljudstvo.
لېكىن ئۇلار ئىككىيلەننى تاپالماي ئۇلار ياسون ۋە باشقا بىرنەچچە قېرىشداشنى شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ: ــ ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر مۇشۇ يەرگىمۇ يېتىپ كەلدى؛ | 6 |
Ko ju pa niso našli, povlečejo Jazona in nektere brate pred starešine mestne, vpijoč: Ti, ki so ves svet razdražili, ti so tudi sèm prišli;
ياسون ئۇلارنى ئۆيىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ جاكارلاپ، قەيسەرنىڭ پەرمانلىرىغا قارشى چىقىۋاتىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى. | 7 |
Ktere je sprejel Jazon; in ti vsi delajo zoper cesarjeve zapovedi govoreč, da je nekdo drugi kralj, Jezus.
ئۇلار بۇ سۆزلەر بىلەن خالايىقنى ۋە شەھەر ئەمەلدارلىرىنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى. | 8 |
In razdražili so ljudstvo in starešine mestne, kteri so to poslušali.
ئەمەلدارلار ياسون ۋە باشقا تۇتۇپ كېلىنگەنلەردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قويۇۋەتتى. | 9 |
In ko so bili prejeli zadostenje od Jazona in drugih, pustili so jih.
قېرىنداشلار ھايال بولماي پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كېچىدە بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىردى. | 10 |
Bratje pa naglo po noči odpravijo Pavla in Sila v Berejo; in ko tje prideta, odideta v shajališče Judovsko.
ئۇ يەردىكى [سىناگوگدىكىلەر] تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى. | 11 |
Ti so bili pa blagosrčniji od Solunskih; ti so sprejeli besedo z vsem poželenjem, in vsak dan so preiskovali pisma, če je to tako.
نەتىجىدە، ئۇلاردىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئېسىلزادە گرېك ئاياللاردىن بىر قىسمى ۋە شۇنداقلا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ئېتىقاد قىلدى. | 12 |
In tako jih je veliko od njih verovalo, in poštenih Grških žen in móž ne malo.
لېكىن تېسالونىكادىكى يەھۇدىيلار خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ پاۋلۇس ئارقىلىق بېرىيادىمۇ جاكارلىنىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگىمۇ بېرىپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ئاممىنى قۇتراتتى. | 13 |
Ko so pa Judje Solunski zvedeli, da tudi v Bereji oznanjuje Pavel besedo Božjo, pridejo tudi tje, in vzdignejo ljudstvo.
شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى. | 14 |
Ali bratje so tedaj Pavla naglo odpravili, da je šel v primorje; a Sila in Timotej sta ostala tam.
پاۋلۇسنى ئۇزىتىپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ باردى. ئاندىن ئۇلار پاۋلۇسنىڭ: ــ «سىلەر سىلاس بىلەن تىموتىيغا مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزراق كەلسۇن دەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭلار» دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، [بېرىياغا] قايتىپ كەلدى. | 15 |
Ti pa, kteri so bili Pavla spremili, pripeljali so ga do Aten; in ko so prejeli sporočilo do Sila in Timoteja, naj bi kar najhitreje prišla k njemu, vrnili so se.
پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، پۈتكۈل شەھەردىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىككە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، روھى قاتتىق ئازابلاندى. | 16 |
Ko ju je pa Pavel v Atenah čakal, vname se duh njegov v njem, ko je videl, da je mesto malikovanju udano;
شۇڭا ئۇ سىناگوگدا يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورقىدىغانلار بىلەن ھەم شۇنىڭدەك ھەركۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشەتتى. | 17 |
In razgovarjal se je v shajališči z Judi in pobožnimi, in na trgu vsak dan s tistimi, na ktere je naletel.
«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ ئاتالغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلەر: ــ بۇ بىلەرمەن پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ئەيسا ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىغانلىقىدىن: ــ ئۇ يات ئىلاھلارنىڭ تەرغىباتچىسى ئوخشايدۇ! ــ دېيىشتى. | 18 |
Nekteri od Epikurejskih in Stojskih modrijanov so so pa prepirali ž njim; in eni so govorili: Kaj hoče ta kvasé povedati? a drugi: Zdi se, da je oznanjevalec tujih bogov: ker jim je Jezusa in vstajanje oznanjeval.
شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى ئېلىپ «ئارېئوپاگۇس» دېگەن [كېڭەش] مەيدانىغا ئاپىرىپ: ــ سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىمىڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىزمۇ بىلسەك قانداق؟ | 19 |
In vzemó ga in odpeljejo na Areopag, govoreč: Moremo li zvedeti, kakošen je ta novi nauk, kterega ti oznanjuješ?
چۈنكى سەن بەزى غەيرىي ئىشلارنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈۋاتىسەن، بىز ئۇلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈمىز بار، ــ دېيىشتى | 20 |
Kajti nekaj novega nam nosiš v ušesa; za to hočemo zvedeti, kaj če to biti.
(ئەمدى ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقتىنى بىرەر يېڭىلىقنى يەتكۈزۈش ياكى ئاڭلاشتىن باشقا ئىشقا سەرپ قىلمايتتى). | 21 |
(Vsi Atenjani pa in tujci, kteri so prihajali, niso imeli drugega opraviti, nego kaj novega pripovedovati ali poslušati.)
شۇڭا پاۋلۇس ئارېئوپاگۇس مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن جىن-ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا قاتتاق بېرىلگەنلىكىڭلارنى كۆردۇم. | 22 |
Pavel pa, vstopivši se sredi Areopaga, reče: Možjé Atenjani! po vsem vas vidim, da ste nekako preverni.
چۈنكى ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ تاۋاپگاھلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، ئۈستىگە «نامەلۇم بىر خۇداغا ئاتالغان» دەپ پۈتۈلگەن بېغىشلىمىسى بار يەنە بىر قۇربانگاھنى كۆردۈم. ئەمدى مەن سىلەر تونۇماي تۇرۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان شۇ [خۇدانى] مانا ھازىر سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ جاكارلاي. | 23 |
Ko sem namreč prehajal in ogledoval svetišča vaša, našel sem tudi oltar, na kterem je bilo napisano: Nepoznanemu bogu. Kogar torej častite, da si ravno ga ne poznate, tega vam jaz oznanjujem.
پۈتكۈل ئالەمنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا ئاسمان-زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ، | 24 |
Bog, kteri je ustvaril svet in vse, kar je v njem, ta, ki je gospodar neba in zemlje, ne prebiva v tempeljnih, kteri so z rokami narejeni;
ياكى بىرەر نەرسىگە ھاجىتى چۈشكەندەك ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرىگە موھتاج ئەمەستۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزى ھەممە جانىۋارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا [ئېھتىياجلىق بولغان] ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ. | 25 |
In ne streže mu se s človeškimi rokami, kakor da bi česa potreboval, ko sam daje vsem življenje in dihanje in vse;
ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەر ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ پاسىللىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. | 26 |
In je ustvaril iz ene krví ves rod človeški, da prebiva po vsem licu zemlje, in je odločil odmenjene čase in meje njih prebivanja:
بۇلارنىڭ مەقسىتى «ئىنسانلار مېنى ئىزدىسۇن، بەلكىم سىلاشتۇرۇپ تاپسۇن» دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھېچقايسىمىزدىن يىراق ئەمەس. | 27 |
Da bi iskali Gospoda, ne bi li ga kako otipali ali našli; da si ravno ni daleč od nobenega od nas.
چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ۋۇجۇدىمىز باردۇر؛ ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك: «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!». | 28 |
Kajti v njem živimo in se gibljemo in smo; kakor so tudi nekteri pesnikov vaših rekli: "Kajti tudi rodú njegovega smo."
شۇڭا، خۇدانىڭ نەسلى بولغاچقا، بىز تەڭرى بولغۇچىنى ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاشتىن ياسالغان، ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن ئويۇلغان بىرەر نەرسىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. | 29 |
Ker smo torej Božjega rodú, ne smemo misliti, da je božanstvo enako zlatu ali srebru ali kamenu, izrezanemu po umetnosti in izmišljenji človekovem.
شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا! | 30 |
Bog torej, ne gledajoč na čase nevednosti, oznanjuje sedaj vsem ljudém povsodi, naj delajo pokoro;
چۈنكى ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىنسان ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانى ھەققانىيلىق بىلەن سوراق قىلىدىغان بىر كۈنىنى بەلگىلىدى؛ ئۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەنىدى. | 31 |
Zato, ker je postavil dan, ko bo sodil ves svet po pravici, po možu, kterega je odločil, podavši vero vsem s tem, da ga je obudil od mrtvih.
[پاۋلۇسنىڭ] «ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى» ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغاندا بەزىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: ــ بۇ ئىش ھەققىدە سەندىن يەنە ئاڭلايلى، ــ دېدى. | 32 |
Ko so pa slišali vstajanje mrtvih, nekteri so se posmehovati, a drugi so rekli: O tem te bomo drugoč slišali.
بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس مەيداندىن چىقىپ كەتتى. | 33 |
In tako je odšel Pavel izmed njih.
بىراق بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئېتىقاد قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئارېئوپاگۇس» كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيونىسىيۇس ۋە دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال، شۇنىڭدەك باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى. | 34 |
A nekteri možjé so mu se pridružili in so verovali; med kterimi je bil Dionizij Areopagitski, in žena po imenu Damara, in drugi ž njima.