< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 16 >
ئاندىن ئۇ دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ باردى. مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى. | 1 |
Pride pa v Derbo in Listro; in glej, neki učenec je bil tu po imenu Timotej, sin neke žene Judinje, ktera je verovala, očeta pa Grka;
لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. | 2 |
Za kterega so dobro pričali bratje, kteri so bili v Listri in Ikoniji.
پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى [تىموتىينىڭ] ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى. | 3 |
Tega je hotel Pavel, da bi šel ž njim, in vzemši, obreže ga za voljo Judov, kteri so bili v tistih krajih; kajti vedeli so vsi za očeta njegovega, da je Grk.
ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار [يات ئەللەرگە] بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇردى. | 4 |
Ko so pa hodili po mestih, priporočevali so jim, naj izpolnjujejo ustave, ktere so sklenili aposteljni in starešine v Jeruzalemu.
شۇنداق قىلىپ، جامائەتلەر ئېتىقادتا كۈچەيتىلىپ، سانلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. | 5 |
In cerkve so se utrjevale v veri, in množilo se je njih število vsak dan.
مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ، | 6 |
In ko so prehodili Frigijo in Galacijsko deželo, zabranil jim je sveti Duh govoriti besedo v Aziji.
مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى. | 7 |
In ko so prišli v Mižijo, izkušali so iti v Bitinijo: ali Duh jim ni pustil.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىيەدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە چۈشتى. | 8 |
A ko so prešli Mižijo, snidejo v Troado.
شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيەلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: ــ [دېڭىزدىن] ئۆتۈپ، ماكېدونىيەگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرگەيسەن! ــ دەپ ئۆتۈندى. | 9 |
In prikaže se Pavlu po noči prikazen. Neki mož Macedonec je stal, proseč ga in govoreč: Pridi v Macedonijo in pomagaj nam.
ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. | 10 |
Ko je bil pa prikazen videl, ogledali smo se precej, da izidemo v Macedonijo, prepričani, da nas je Gospod poklical, da jim oznanimo evangelj.
بىز كېمىگە چىقىپ، تروئاستىن يولغا چىقىپ، سامودراك ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق ۋە ئەتىسى [ماكېدونىيەدىكى] نېئاپولىس شەھىرىگە يېتىپ باردۇق. | 11 |
Ko smo se torej odpeljali iz Troade, prišli smo na ravnost v Samotracijo, in drugi dan v Neapolj.
ئۇ يەردىن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپپى دېگەن مۇھىم شەھىرىگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىمدىكى بىر مۇستەملىكە شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق. | 12 |
In odtod v Filipe, ktero je prvo mesto straní Macedonske, selišče. V tem mestu pa smo se nekoliko dnî mudili,
شابات كۈنى، [شەھەر] دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق؛ دەرۋەقە شۇنداق بولدى. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە يىغىلغان ئاياللارغا سۆزلەشكە باشلىدۇق. | 13 |
In v sobotni dan smo izšli iz mesta k vodi, kjer je bil navadni kraj molitve, in sedši, govorili smo ženam, ktere so so bile zbrale.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. رەب ئۇنىڭ قەلبىنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئاچتى. | 14 |
In neka žena po imenu Lidija, ktera je prodajala škrlat, iz mesto Tijatirskega, bogaboječa, poslušala je; in odprl jej je Bog srce, da je pazila na to, kar je Pavel govoril.
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ بىزدىن ئۆتۈنۈپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنى [ھەقىقەتەن] رەبگە ئېتىقاد قىلغۇچى دەپ بىلسەڭلەر، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇڭلار! ــ دەپ چىڭ تۇرۇپ بىزنى ماقۇللاتتى. | 15 |
Ko se je pa krstila, in hiša njena, prosila je, govoreč: Če mislite, da sem Gospodu verna, vnidite v hišo mojo in ostanite; in primorala nas je.
بىر كۈنى بىز شۇ دۇئا قىلىدىغان جايغا كېتىپ بارغىنىمىزدا، بىر دېدەك بىزگە يولۇقتى؛ بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى؛ دېدەك خوجايىنلىرىغا پال سېلىش يولى بىلەن نۇرغۇن پايدا تېپىپ بەرگەنىدى. | 16 |
Zgodí se pa, ko smo šli na molitev, sreča nas neka deklica, ktera je imela duha vedeža, in je veliko dobička dajala gospodarjem svojim z vedeževanjem.
ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ: ــ بۇ كىشىلەر ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ قۇللىرى، ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق بىر يولىنى جاكارلايدۇ! ــ دەپ ۋارقىراپ ماڭدى. | 17 |
Ta je bila šla za Pavlom in nami, in vpila je, govoreč: Ti ljudje so služabniki Boga najvišega, kteri vam oznanjujejo pot zveličanja.
ئۇ ئۇدا كۆپ كۈنلەر شۇنداق ۋارقىرىدى. بۇ ئىش پاۋلۇسنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ، ئۇ قىزغا بۇرۇلۇپ، جىنغا: ــ ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى. | 18 |
A to je delala veliko dnî. Pavla je pa bolelo, in obrnivši se, reče duhu: Ukazujem ti po imenu Jezusa Kristusa, da izidi iž nje. In izšel je še tisto uro.
دېدەكنىڭ خوجايىنلىرى ئۇنىڭغا باغلىغان پۇل تېپىش ئۈمىدىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قول سېلىپ، ئۇلارنى بازار مەيدانىغا سۆرەپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. | 19 |
Ko so pa videli gospodarji njeni, da je izšlo upanje njih dobička, primejo Pavla in Sila, in odvlečejo ju na trg k poglavarjem.
ئۇلار ئىككىيلەننى سوراقچى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ: ــ بۇ ئادەملەر يەھۇدىيلار بولۇپ، شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەكتە. | 20 |
In pripeljavši ju k poglavarjem, rekó: Ti ljudjé motijo naše mesto, ker so Judje;
بىز بولساق رىملىقلارمىز، ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ بولغان ۋە قوبۇل قىلىشقا ياكى يۈرگۈزۈشكە بولمايدىغان قائىدە-يوسۇنلارنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى. | 21 |
In oznanjujejo šege, kterih mi ne smemo sprejemati ne izpolnjevati, ker smo Rimljani.
توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى. | 22 |
In ljudstvo vstane zoper nju; in poglavarji jima raztrgajo oblačila, in veleli so ju šibati.
ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى. | 23 |
In ko so ju zeló pretepli, vržejo ju v ječo, naročivši varuhu ječe, naj ju skrbno varuje.
ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى. | 24 |
In on, prejemši takošno zapoved, vrže ju v najnotranjo ječo, in dene jima noge v klado.
تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. | 25 |
A o polnoči sta Pavel in Sila molila in hvalila Boga; in jetniki so ju poslušali.
تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى. | 26 |
Kar vstane potres velik, tako, da se je temelj ječe zganil; in pri tej priči so se odprla vsa vrata, in vsem je odpadlo železje.
گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى. | 27 |
Ko se je pa varuh ječe prebudil, in je videl vrata ječe odprta, izdere meč in hotel se je umoriti, misleč, da so jetniki pobegnili.
لېكىن پاۋلۇس قاتتىق ئاۋازدا: ــ ئۆزۈڭگە زەرەر يەتكۈزمە، ھەممىمىز بار! ــ دەپ ۋارقىرىدى. | 28 |
Pavel pa zakliče z močnim glasom, govoreč: Ne storí si nič žalega; saj smo vsi tu.
گۇندىپاي: چىراغلارنى كەلتۈرۈڭلار دەپ توۋلاپ ئىچكىرىگە ئېتىلىپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. | 29 |
On pa, izprosivši luč, poletí noter, in pade drhtajoč Pavlu in Silu pred noge.
ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. | 30 |
In izpeljavši ju ven, reče: Gospoda! kaj mi je treba storiti, da se zveličam?
رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! ــ دېدى ئۇلار. | 31 |
Ona pa rečeta: Veruj v Gospoda Jezusa Kristusa, in zveličal se boš ti in hiša tvoja.
شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزدى. | 32 |
In govorila sta mu besedo Gospodovo, in vsem, kteri so bili v hiši njegovej.
كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا [گۇندىپاي] ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛ | 33 |
In vzel ju je še tisto uro nočí, in izmil od ran, in krstil se je on in vsi njegovi precej.
ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى. | 34 |
In odpeljavši ju v hišo svojo, postavil je mizo, in veselil se je, da je z vso hišo veroval v Boga.
ئەتىسى ئەتىگەندە، سوراقچى ئەمەلدارلار ياساۋۇللارنى زىندانغا ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى. | 35 |
Ko se je pa zdanilo, pošljejo poglavarji beriče, govoreč: Izpusti te ljudí.
گۇندىپاي بۇ سۆزنى پاۋلۇسقا يەتكۈزۈپ: ــ سوراقچى ئەمەلدارلار ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش يارلىقىنى چۈشۈردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقىپ، تىنچ-ئامان يولۇڭلارغا چىقىڭلار، ــ دېدى. | 36 |
In varuh ječe sporočí te besede Pavlu: Poslali so poglavarji, da se imata izpustiti; sedaj torej izidita, in pojdita v miru.
بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: ــ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار ھازىر بىزنى يوشۇرۇنچە قوغلىماقچىمۇ؟ ياق، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ! ئەمەلدارلار ئۆزلىرى كېلىپ بىزنى چىقارسۇن! ــ دېدى. | 37 |
Ali Pavel jim reče: Šibali so naju očitno, neobsojena, človeka Rimljana, in vrgli v ječo: in sedaj naju skrivaj izpuščajo? Ne tako; nego sami naj pridejo in naju izpeljejo.
ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى سوراقچى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزدى. ئۇلار ئىككىيلەننىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى؛ | 38 |
In beriči sporočé te besede poglavarjem; in uplašijo se, slišavši, da sta Rimljana.
ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا [زىندانغا] بېرىپ، ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى قايتا-قايتا ئۆتۈندى. | 39 |
Ter pridejo in ju zaprosijo: in izpeljavši ju, prosili so, naj izideta iz mesta.
ئىككىيلەن زىنداندىن چىقىشى بىلەن لىديانىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئاندىن ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يولغا چىقىپ كەتتى. | 40 |
In ko sta bila izšla iz ječe, prišla sta k Lidiji; in videvši brate, utolažila sta jih, in izšla sta.