< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15 >

شۇ چاغلاردا بەزىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، [ئانتاكيادىكى] قېرىنداشلارغا: ــ سىلەر مۇسا [پەيغەمبەرگە] تاپشۇرۇلغان يوسۇن بويىچە خەتنە قىلىنىشنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! ــ دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 1
But certain persons who had come down from Judaea tried to convince the brethren, saying, "Unless you are circumcised in accordance with the Mosaic custom, you cannot be saved."
بۇ ئىش توغرىسىدا چوڭ ماجىرا چىققان بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئىككىيلەن شۇ كىشىلەر بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشقاندىن كېيىن، [قېرىنداشلار] پاۋلۇسنى، بارناباسنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچەيلەننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا روسۇللار ۋە ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈشكە يېرۇسالېمغا بارسۇن دەپ بېكىتگەن. 2
Between these new comers and Paul and Barnabas there was no little disagreement and controversy, until at last it was decided that Paul and Barnabas and some other brethren should go up to consult the Apostles and Elders in Jerusalem on this matter.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ [ئېتىقاد] يولىغا كىرگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. بۇ خەۋەر بارلىق قېرىنداشلارنى زور شادلىققا چۆمگۈزدى. 3
So they set out, being accompanied for a short distance by some other members of the Church; and as they passed through Phoenicia and Samaria, they told the whole story of the conversion of the Gentiles and inspired all the brethren with great joy.
پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئۇلار جامائەتتىكىلەر، روسۇللار ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق بارلىق قىلغان ئەمەللىرىنى بايان قىلىپ بەردى. 4
Upon their arrival in Jerusalem they were cordially received by the Church, the Apostles, and the Elders; and they reported in detail all that God, working with them, had done.
لېكىن پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەردىن ئېتىقاد يولىغا كىرگەن بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: ــ مۇشۇ [يات ئەللىكلەرنى] خەتنە قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى جېكىلەش كېرەك! ــ دېدى. 5
But certain men who had belonged to the sect of the Pharisees but were now believers, stood up in the assembly, and said, "Yes, Gentile believers ought to be circumcised and be ordered to keep the Law of Moses."
شۇڭا روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. 6
Then the Apostles and Elders met to consider the matter;
ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، دەسلەپتىكى كۈنلەردە خۇدانىڭ ئىچىڭلاردىن مېنى تاللاپ مېنىڭ ئاغزىم ئارقىلىق خۇش خەۋەردىكى سۆز-كالامنى يات ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدا ۋاسىتە قىلىشقا بېكىتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بار. 7
and after there had been a long discussion Peter rose to his feet. "It is within your own knowledge," he said, "that God originally made choice among you that from my lips the Gentiles were to hear the Message of the Good News, and believe.
ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى خۇدا مۇقەددەس روھنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلدى. 8
And God, who knows all hearts, gave His testimony in their favour by bestowing the Holy Spirit on them just as He did on us;
شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن ھېچقانداق پەرقلەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئېتىقاد ئارقىلىق پاك قىلدى. 9
and He made no difference between us and them, in that He cleansed their hearts by their faith.
[ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن]، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن بىر بويۇنتۇرۇقنى مۇخلىسلارنىڭ بوينىغا ئارتماقچى بولۇپ، خۇدانى سىنىماقچى بولىسىلەر؟! 10
Now, therefore, why try an experiment upon God, by laying on the necks of these disciples a yoke which neither our forefathers nor we have been able to bear?
ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز. 11
On the contrary, we believe that it is by the grace of the Lord Jesus that we, as well as they, shall be saved."
[بۇ سۆزدىن كېيىن]، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى. 12
Then the whole assembly remained silent while they listened to the statement made by Paul and Barnabas as to all the signs and marvels that God had done among the Gentiles through their instrumentality.
ئۇلارنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! 13
When they had finished speaking, James said, "Brethren, listen to me.
باياتىن شىمېئون خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 14
Symeon has related how God first looked graciously on the Gentiles to take from among them a People to be called by His name.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەندەك: ــ 15
And this is in harmony with the language of the Prophets, which says:
ــ ««مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن، ئۇنىڭ خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. 16
"'"Afterwards I will return, and will rebuild David's fallen tent. Its ruins I will rebuild, and I will set it up again;
17
In order that the rest of mankind may earnestly seek the Lord--even all the nations which are called by My name,"
‏ شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ» دەيدۇ بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى ئەزەلدىن ئايان قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار!» (aiōn g165) 18
Says the Lord, who has been making these things known from ages long past.' (aiōn g165)
ــ شۇنىڭ ئۈچۈن خۇلاسەم شۇكى، يات ئەللىكلەر ئارىسىدىن توۋا قىلىپ خۇداغا ئېتىقاد باغلىغانلارغا ئاۋارە-ئېغىرچىلىك سېلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك؛ 19
"My judgement, therefore, is against inflicting unexpected annoyance on those of the Gentiles who are turning to God.
پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. 20
Yet let us send them written instructions to abstain from things polluted by connexion with idolatry, from fornication, from meat killed by strangling, and from blood.
چۈنكى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھەر شەھەردە شابات كۈنىدە سىناگوگلاردا مۇسا [پەيغەمبەر]نىڭ ئېيتقانلىرى ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئۆگىتىلىپ كەلگەن. 21
For Moses from the earliest times has had his preachers in every town, being read, as he is, Sabbath after Sabbath, in the various synagogues."
شۇنىڭ بىلەن روسۇللار، ئاقساقاللار، شۇنداقلا يېرۇسالېمدىكى پۈتكۈل جامائەتتىكىلەر ئۆز ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارناباس بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى لايىق كۆردى. ئەسلىدە قېرىنداشلار ئىچىدە باشلامچى بولغان يەھۇدا (بارساباس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاسلار بۇنىڭغا تاللاندى. 22
Thereupon it was decided by the Apostles and Elders, with the approval of the whole Church, to choose suitable persons from among themselves and send them to Antioch, with Paul and Barnabas. Judas, called Bar-sabbas, and Silas, leading men among the brethren, were selected,
خەت بولسا ئۇلارغا تاپشۇرۇلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: ــ «ئى ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيەدە تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك قېرىنداشلار، ــ [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلىرىڭلاردىن، روسۇللار بىلەن ئاقساقاللاردىن سىلەرگە سالام! 23
and they took with them the following letter: "The Apostles and the elder brethren send greeting to the Gentile brethren throughout Antioch, Syria and Cilicia.
ئارىمىزدىن بەزى كىشىلەر چىقىپ يېنىڭلارغا بېرىپ، سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز-ئەمر قىلمىدۇق. 24
As we have been informed that certain persons who have gone out from among us have disturbed you by their teaching and have unsettled your minds, without having received any such instructions from us;
شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشتا ئويلىرىمىز بىر يەردىن چىققاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن تاللانغان بىرنەچچەيلەننى سۆيۈملۈك بارناباس ۋە پاۋلۇسىمىز بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 25
we have unanimously decided to select certain men and send them to you in company with our dear friends Barnabas and Paul,
بۇ ئىككىيلەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەردۇر. 26
who have endangered their very lives for the sake of our Lord Jesus Christ.
شۇڭا بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنى يازغانلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەنمۇ سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتتۇق. 27
We have therefore sent Judas and Silas, who are themselves bringing you the same message by word of mouth.
گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك: 28
For it has seemed good to the Holy Spirit and to us to lay upon you no burden heavier than these necessary requirements--
ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!» 29
You must abstain from things sacrificed to idols, from blood, from things strangled, and from fornication. Keep yourselves clear of these things, and it will be well with you. Farewell."
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار [قېرىنداشلار] تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن جامائەتتىكىلەرنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. 30
They, therefore, having been solemnly sent, came down to Antioch, where they called together the whole assembly and delivered the letter.
ئۇلار خەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بولغان رىغبەت-تەسەللىدىن زور شادلاندى. 31
The people read it, and were delighted with the comfort it brought them.
يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئۇلار قېرىنداشلارنى نۇرغۇن سۆز-نەسىھەتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 32
And Judas and Silas, being themselves also Prophets, gave them a long and encouraging talk, and strengthened them in the faith.
[يەھۇدا ۋە سىلاسلار] ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارنىڭ سەپىرىگە ئامانلىق تىلىگەن ھالدا ئۇزىتىشى بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن [يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ] قېشىغا قايتتى. 33
After spending some time there they received an affectionate farewell from the brethren to return to those who had sent them.
لېكىن پاۋلۇس ۋە بارناباس ئانتاكيادا قېلىپ، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەلىم بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىدىكى خۇش خەۋىرىنى جاكارلاپ تۇردى. 34
35
But Paul and Barnabas remained in Antioch, teaching and, in company with many others, telling the Good News of the Lord's Message.
لېكىن يەنە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن پاۋلۇس بارناباسقا: بىز بۇرۇن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھالىنى سوراپ كېلەيلى، ــ دېدى. 36
After a while Paul said to Barnabas, "Suppose we now revisit the brethren in the various towns in which we have made known the Lord's Message--to see whether they are prospering!"
بارناباس بولسا يۇھاننا (ماركۇسمۇ دېيىلىدۇ)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. 37
Barnabas, however, was bent on taking with them John, whose other name was Mark,
بىراق پاۋلۇس ئالدىنقى قېتىم پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە [داۋاملىق] سەپەر قىلمىغان ماركۇسنى يەنە ئېلىپ بېرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى. 38
while Paul deemed it undesirable to have as their companion one who had deserted them in Pamphylia and had not gone on with them to the work.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بەك كەسكىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئاخىر بېرىپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارناباس ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. 39
So there arose a serious disagreement between them, which resulted in their parting from one another, Barnabas taking Mark and setting sail for Cyprus.
پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللىدى؛ قېرىنداشلارنىڭ ئىككىيلەننى خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چىقتى. 40
But Paul chose Silas as his travelling companion; and set out, after being commended by the brethren to the grace of the Lord;
ئۇ ئەمدى سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، [ھەرقايسى جايلاردا] جامائەتلەرنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 41
and he passed through Syria and Cilicia, strengthening the Churches.

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15 >