< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 15 >
شۇ چاغلاردا بەزىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، [ئانتاكيادىكى] قېرىنداشلارغا: ــ سىلەر مۇسا [پەيغەمبەرگە] تاپشۇرۇلغان يوسۇن بويىچە خەتنە قىلىنىشنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! ــ دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. | 1 |
Přišedše pak někteří z Židovstva, učili bratří: Že nebudete-li se obřezovati podlé obyčeje Mojžíšova, nebudete moci spaseni býti.
بۇ ئىش توغرىسىدا چوڭ ماجىرا چىققان بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئىككىيلەن شۇ كىشىلەر بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشقاندىن كېيىن، [قېرىنداشلار] پاۋلۇسنى، بارناباسنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچەيلەننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا روسۇللار ۋە ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈشكە يېرۇسالېمغا بارسۇن دەپ بېكىتگەن. | 2 |
A když různici a nemalou hádku Pavel a Barnabáš s nimi měl, i zůstali na tom, aby Pavel a Barnabáš a někteří jiní z nich šli k apoštolům a starším do Jeruzaléma o tu otázku.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ [ئېتىقاد] يولىغا كىرگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. بۇ خەۋەر بارلىق قېرىنداشلارنى زور شادلىققا چۆمگۈزدى. | 3 |
Tedy oni jsouce vyprovozeni od církve, šli skrze Fenicen a Samaří, vypravujíce o obrácení pohanů, i způsobili radost velikou všechněm bratřím.
پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئۇلار جامائەتتىكىلەر، روسۇللار ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق بارلىق قىلغان ئەمەللىرىنى بايان قىلىپ بەردى. | 4 |
A když se dostali do Jeruzaléma, přijati jsou od církve a od apoštolů a starších. I zvěstovali, cožkoli činil skrze ně Bůh.
لېكىن پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەردىن ئېتىقاد يولىغا كىرگەن بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: ــ مۇشۇ [يات ئەللىكلەرنى] خەتنە قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى جېكىلەش كېرەك! ــ دېدى. | 5 |
Ale povstali někteří z sekty farizejské, kteříž byli uvěřili, pravíce, že musejí obřezováni býti, a aby jim bylo přikázáno zachovávati zákon Mojžíšův.
شۇڭا روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. | 6 |
Tedy sešli se apoštolé a starší, aby toho povážili.
ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، دەسلەپتىكى كۈنلەردە خۇدانىڭ ئىچىڭلاردىن مېنى تاللاپ مېنىڭ ئاغزىم ئارقىلىق خۇش خەۋەردىكى سۆز-كالامنى يات ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدا ۋاسىتە قىلىشقا بېكىتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بار. | 7 |
A když mnohé vyhledávání toho bylo, povstav Petr, řekl jim: Muži bratří, vy víte, že od dávních dnů mezi námi Bůh vyvolil, aby skrze ústa má slyšeli pohané slovo evangelium, a uvěřili.
ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى خۇدا مۇقەددەس روھنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلدى. | 8 |
A Bůh, zpytatel srdce, svědectví jim vydal, dav jim Ducha svatého, jako i nám.
شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن ھېچقانداق پەرقلەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئېتىقاد ئارقىلىق پاك قىلدى. | 9 |
A neučinil rozdílu mezi nimi a námi, věrou očistiv srdce jejich.
[ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن]، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن بىر بويۇنتۇرۇقنى مۇخلىسلارنىڭ بوينىغا ئارتماقچى بولۇپ، خۇدانى سىنىماقچى بولىسىلەر؟! | 10 |
Protož nyní, proč pokoušíte Boha, vzkládajíce na hrdlo učedlníků jho, kteréhož ani otcové naši, ani my nésti jsme nemohli?
ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز. | 11 |
Ale skrze milost Pána Ježíše Krista věříme, že spaseni budeme, rovně jako i oni.
[بۇ سۆزدىن كېيىن]، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى. | 12 |
I mlčelo všecko to množství, a poslouchali Barnabáše a Pavla, vypravujících, kteraké divy a zázraky činil Bůh skrze ně mezi pohany.
ئۇلارنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! | 13 |
A když oni umlkli, odpověděl Jakub, řka: Muži bratří, slyšte mne.
باياتىن شىمېئون خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. | 14 |
Šimon teď vypravoval, kterak Bůh nejprvé popatřil na pohany, aby přijal lid jménu svému.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەندەك: ــ | 15 |
A s tím se srovnávají i řeči prorocké, jakož psáno jest:
ــ ««مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن، ئۇنىڭ خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. | 16 |
Potom se navrátím, a vzdělám zase stánek Davidův, kterýž byl klesl, a zbořeniny jeho zase vzdělám, a vyzdvihnu jej,
Tak aby ti ostatkové toho lidu hledali Pána, i všickni pohané, nad kterýmiž jest vzýváno jméno mé, dí Pán, kterýž činí tyto všecky věci.
شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ» دەيدۇ بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى ئەزەلدىن ئايان قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار!» (aiōn ) | 18 |
Známáť jsou Bohu od věků všecka díla jeho. (aiōn )
ــ شۇنىڭ ئۈچۈن خۇلاسەم شۇكى، يات ئەللىكلەر ئارىسىدىن توۋا قىلىپ خۇداغا ئېتىقاد باغلىغانلارغا ئاۋارە-ئېغىرچىلىك سېلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك؛ | 19 |
Protož já tak soudím, aby nebyli kormouceni ti, kteříž se z pohanů obracejí k Bohu,
پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. | 20 |
Ale aby jim napsáno bylo, ať se zdržují od poškvrn modl, a smilstva, a toho, což jest udáveného, a od krve.
چۈنكى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھەر شەھەردە شابات كۈنىدە سىناگوگلاردا مۇسا [پەيغەمبەر]نىڭ ئېيتقانلىرى ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئۆگىتىلىپ كەلگەن. | 21 |
Nebo Mojžíš od dávních věků má po městech, kdo by jej kázal, poněvadž v školách na každou sobotu čítán bývá.
شۇنىڭ بىلەن روسۇللار، ئاقساقاللار، شۇنداقلا يېرۇسالېمدىكى پۈتكۈل جامائەتتىكىلەر ئۆز ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارناباس بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى لايىق كۆردى. ئەسلىدە قېرىنداشلار ئىچىدە باشلامچى بولغان يەھۇدا (بارساباس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاسلار بۇنىڭغا تاللاندى. | 22 |
Tehdy vidělo se apoštolům a starším se vší církví, aby vybrané z sebe muže poslali do Antiochie s Pavlem a Barnabášem, totiž Judu, kterýž sloul Barsabáš, a Sílu, muže znamenité mezi bratřími,
خەت بولسا ئۇلارغا تاپشۇرۇلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: ــ «ئى ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيەدە تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك قېرىنداشلار، ــ [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلىرىڭلاردىن، روسۇللار بىلەن ئاقساقاللاردىن سىلەرگە سالام! | 23 |
Napsavše po nich toto: Apoštolé a starší i bratří těm, kteříž jsou v Antiochii a v Sýrii a v Cilicii bratřím, kteříž jsou z pohanů, pozdravení vzkazují.
ئارىمىزدىن بەزى كىشىلەر چىقىپ يېنىڭلارغا بېرىپ، سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز-ئەمر قىلمىدۇق. | 24 |
Poněvadž jsme slyšeli, že někteří vyšedše od nás, zkormoutili vás, řečmi zemdlévajíce duše vaše, pravíce, že se musíte obřezovati a zákon zachovávati, jimž jsme toho neporučili:
شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشتا ئويلىرىمىز بىر يەردىن چىققاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن تاللانغان بىرنەچچەيلەننى سۆيۈملۈك بارناباس ۋە پاۋلۇسىمىز بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. | 25 |
I vidělo se nám shromážděným jednomyslně vybrané muže poslati k vám s těmito nejmilejšími svými, Barnabášem a Pavlem,
بۇ ئىككىيلەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەردۇر. | 26 |
Lidmi těmi, kteříž vydali duše své pro jméno Pána našeho Ježíše Krista.
شۇڭا بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنى يازغانلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەنمۇ سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتتۇق. | 27 |
Protož poslali jsme Judu a Sílu, a tiť i ústně povědí totéž.
گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك: | 28 |
Vidělo se zajisté Duchu svatému i nám, žádného více na vás břemene nevzkládati, kromě těchto věcí potřebných,
ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!» | 29 |
Abyste se zdržovali od obětovaného modlám, a od krve, a od udáveného, a od smilstva. Od těch věcí budete-li se ostříhati, dobře budete činiti. Mějte se dobře.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار [قېرىنداشلار] تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن جامائەتتىكىلەرنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. | 30 |
Tedy oni propuštěni byvše, přišli do Antiochie, a shromáždivše množství, dodali toho listu.
ئۇلار خەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بولغان رىغبەت-تەسەللىدىن زور شادلاندى. | 31 |
Kterýžto čtouce, radovali se z toho potěšení.
يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئۇلار قېرىنداشلارنى نۇرغۇن سۆز-نەسىھەتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەندۈردى. | 32 |
Judas pak a Sílas, byvše i oni proroci, širokou řečí napomínali bratří a potvrzovali.
[يەھۇدا ۋە سىلاسلار] ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارنىڭ سەپىرىگە ئامانلىق تىلىگەن ھالدا ئۇزىتىشى بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن [يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ] قېشىغا قايتتى. | 33 |
A pobyvše tu za některý čas, propuštěni jsou od bratří v pokoji k apoštolům.
لېكىن پاۋلۇس ۋە بارناباس ئانتاكيادا قېلىپ، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەلىم بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىدىكى خۇش خەۋىرىنى جاكارلاپ تۇردى. | 34 |
Ale Sílovi se vidělo, aby tu zůstal.
Tolikéž Pavel i Barnabáš pobyli v Antiochii, učíce a zvěstujíce i s mnohými jinými slovo Páně.
لېكىن يەنە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن پاۋلۇس بارناباسقا: بىز بۇرۇن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھالىنى سوراپ كېلەيلى، ــ دېدى. | 36 |
Po několika pak dnech řekl Pavel Barnabášovi: Vracujíce se, navštěvme bratří své po všech městech, v kterýchž jsme kázali slovo Páně, kterak se mají.
بارناباس بولسا يۇھاننا (ماركۇسمۇ دېيىلىدۇ)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. | 37 |
Tedy Barnabáš radil, aby pojali s sebou i Jana kterýž přijmí měl Marek.
بىراق پاۋلۇس ئالدىنقى قېتىم پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە [داۋاملىق] سەپەر قىلمىغان ماركۇسنى يەنە ئېلىپ بېرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى. | 38 |
Ale Pavlovi se nezdálo pojíti toho s sebou, kterýž byl odšel od nich z Pamfylie, aniž šel s nimi ku práci.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بەك كەسكىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئاخىر بېرىپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارناباس ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. | 39 |
I vznikl mezi nimi tuhý odpor, tak že se rozešli různo. Barnabáš pak pojav s sebou Marka, plavil se do Cypru.
پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللىدى؛ قېرىنداشلارنىڭ ئىككىيلەننى خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چىقتى. | 40 |
A Pavel přivzav Sílu, odšel, poručen byv milosti Boží od bratří.
ئۇ ئەمدى سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، [ھەرقايسى جايلاردا] جامائەتلەرنى قۇۋۋەتلەندۈردى. | 41 |
I procházel Syrii a Cilicii, potvrzuje církví.