< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14 >

كونيا شەھىرىدە شۇنداق بولدىكى، پاۋلۇس بىلەن بارناباس يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرگەندە، جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى 1
Konya xǝⱨiridǝ xundaⱪ boldiki, Pawlus bilǝn Barnabas Yǝⱨudiylarning sinagogiƣa kirgǝndǝ, jamaǝtkǝ xundaⱪ sɵzlidiki, nǝtijidǝ Yǝⱨudiylar wǝ Greklǝrdinmu nurƣan kixilǝr etiⱪad ⱪildi
(ھالبۇكى، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار [يات] ئەللىكلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى). 2
(ⱨalbuki, ixǝnmigǝn Yǝⱨudiylar [yat] ǝlliklǝrning kɵngüllirini zǝⱨǝrlǝp, ularni ⱪerindaxlarƣa ⱪarxi turuxⱪa ⱪutratti).
شۇڭا [پاۋلۇس بىلەن بارناباس] ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەبگە تايىنىپ يۈرەكلىك ھالدا [خۇش خەۋەرنى] جاكارلىدى؛ رەب ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنىڭ سۆز-كالامىغا گۇۋاھلىق بەردى. 3
Xunga [Pawlus bilǝn Barnabas] u yǝrdǝ heli uzun turup, Rǝbgǝ tayinip yürǝklik ⱨalda [hux hǝwǝrni] jakarlidi; Rǝb ularning ⱪolliri bilǝn mɵjizilik alamǝtlǝr wǝ karamǝtlǝrni kɵrsitip ɵz meⱨir-xǝpⱪitining sɵz-kalamiƣa guwaⱨliⱪ bǝrdi.
بۇنىڭ بىلەن شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، بەزىلىرى يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا روسۇللار تەرەپتە تۇردى. 4
Buning bilǝn xǝⱨǝr hǝlⱪi ikkigǝ bɵlünüp ketip, bǝziliri Yǝⱨudiylar tǝrǝptǝ, bǝziliri bolsa rosullar tǝrǝptǝ turdi.
ئاخىردا، بىر قىسىم يات ئەللىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا (ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە) روسۇللارنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىش قۇتراتقۇلۇقى باش كۆتۈردى. 5
Ahirda, bir ⱪisim yat ǝlliklǝr bilǝn Yǝⱨudiylar arisida (ɵz baxliⱪliri bilǝn birliktǝ) rosullarni ⱪiynap, qalma-kesǝk ⱪilix ⱪutratⱪuluⱪi bax kɵtürdi.
لېكىن ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەردىن قېچىپ لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى يۇرتلارغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەرنى داۋاملىق جاكارلاۋەردى. 6
Lekin ular bu ixtin hǝwǝr tepip, xu yǝrdin ⱪeqip Likawunya rayonidiki Listra wǝ Dǝrbǝ xǝⱨǝrliri ⱨǝmdǝ ǝtraptiki yurtlarƣa ⱪarap mangdi. Ular xu yǝrlǝrdǝ hux hǝwǝrni dawamliⱪ jakarlawǝrdi.
7
شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە پۇتلىرىدا ماغدۇرى يوق، ھېچ مېڭىپ باقمىغان بىر تۇغما پالەچ ئولتۇراتتى. 8
Xu qaƣda, Listra xǝⱨiridǝ putlirida maƣduri yoⱪ, ⱨeq mengip baⱪmiƣan bir tuƣma palǝq olturatti.
پاۋلۇس سۆز قىلىۋاتقاندا، بۇ ئادەم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ ئۇنىڭ ساقايتىلىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، 9
Pawlus sɵz ⱪiliwatⱪanda, bu adǝm uningƣa ⱪulaⱪ selip olturatti. Pawlus uningƣa kɵz tikip uning saⱪaytilixiƣa ixǝnqi barliⱪini kɵrüp yetip,
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئورنۇڭدىن دەس تۇر! ــ دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. 10
yuⱪiri awaz bilǝn: — Ornungdin dǝs tur! — dedi. Ⱨeliⱪi adǝm xuan ornidin dǝs turup mengixⱪa baxlidi.
لېكىن پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: ــ ئىلاھلار ئىنسان قىياپىتىگە كىرىپ ئارىمىزغا چۈشۈپتۇ! ــ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. 11
Lekin Pawlusning bu ixini kɵrgǝn top-top adǝmlǝr Likawunya tili bilǝn: — Ilaⱨlar insan ⱪiyapitigǝ kirip arimizƣa qüxüptu! — dǝp warⱪirixip kǝtti.
ئۇلار بارناباسنى «ئىلاھ زېئۇس» دەپ ئاتاشتى ۋە پاۋلۇسنى سۆزلەشتە باشلامچى بولغاچقا ئۇنى «ئىلاھ ھېرمىس» دەپ ئاتاشتى. 12
Ular Barnabasni «Ilaⱨ Zeus» dǝp ataxti wǝ Pawlusni sɵzlǝxtǝ baxlamqi bolƣaqⱪa uni «Ilaⱨ Ⱨermis» dǝp ataxti.
شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ [بۇتخانىدىكى] كاھىن شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، خەلق بىلەن بىللە روسۇللارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولدى. 13
Xǝⱨǝrning sirtida «Zeus Ilaⱨ»ning buthanisi bar idi. Xu [buthanidiki] kaⱨin xǝⱨǝr dǝrwazisiƣa ɵküz wǝ gül qǝmbirǝklǝrni elip kelip, hǝlⱪ bilǝn billǝ rosullarƣa atap ⱪurbanliⱪ ⱪilmaⱪqi boldi.
لېكىن روسۇللار بارناباس بىلەن پاۋلۇس بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقان ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: 14
Lekin rosullar Barnabas bilǝn Pawlus bu ixni anglap, kiyim-keqǝklirini yirtⱪan ⱨalda, kɵpqilikning arisiƣa yügürüp kirip, warⱪirap mundaⱪ dedi:
ــ خالايىق، بۇ ئىشلارنى نېمە دەپ قىلىۋاتىسىلەر؟! بىز سىلەرگە ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ئىنسانلارمىز! بىز سىلەرگە بۇ ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقۇچى ھايات خۇداغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك دەپ جاكارلاۋاتىمىز! 15
— Halayiⱪ, bu ixlarni nemǝ dǝp ⱪiliwatisilǝr?! Biz silǝrgǝ ohxax ⱨessiyattiki insanlarmiz! Biz silǝrgǝ bu ǝrzimǝs nǝrsilǝrni taxlap, asman-zemin, dengiz-okyan wǝ ulardiki barliⱪ mǝhluⱪlarni Yaratⱪuqi ⱨayat Hudaƣila ibadǝt ⱪilixinglar kerǝk dǝp jakarlawatimiz!
بۇرۇنقى دەۋرلەردە، ئۇ ھەرقايسى ئەللەرنى ئۆز يوللىرىدا مېڭىشقا يول قويغان. 16
Burunⱪi dǝwrlǝrdǝ, u ⱨǝrⱪaysi ǝllǝrni ɵz yollirida mengixⱪa yol ⱪoyƣan.
شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىقنى قالدۇرمىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەمىشە سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئەرشتىن ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل ئاتا قىلىپ، ئاش-تاماق بىلەن سىلەرنى تويغۇزۇپ، قەلبىڭلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ كەلدى. 17
Xundaⱪ bolsimu, U Ɵzini ispatlaydiƣan guwaⱨliⱪni ⱪaldurmiƣan ǝmǝs. Qünki U ⱨǝmixǝ silǝrgǝ xapaǝt kɵrsitip, yamƣurni ɵz waⱪtida ǝrxtin yaƣdurup mol ⱨosul ata ⱪilip, ax-tamaⱪ bilǝn silǝrni toyƣuzup, ⱪǝlbinglarni huxalliⱪⱪa qɵmdürüp kǝldi.
ھەتتا ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئارانلا توسۇۋالدى. 18
Ⱨǝtta ular bu sɵzlǝrni ⱪilƣan bolsimu, halayiⱪning ularƣa atap ⱪurbanliⱪ ⱪilixini aranla tosuwaldi.
لېكىن ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن بەزى يەھۇدىيلار كېلىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قايىل قىلىشى بىلەن، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى، ئاندىن ئۇنى ئۆلدى دەپ قاراپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى. 19
Lekin Antakya wǝ Konya xǝⱨǝrliridin bǝzi Yǝⱨudiylar kelip, kixilǝrni ɵzlirigǝ ⱪayil ⱪilixi bilǝn, hǝlⱪ Pawlusni qalma-kesǝk ⱪildi, andin uni ɵldi dǝp ⱪarap, xǝⱨǝr sirtiƣa sɵrǝp aqiⱪip taxliwǝtti.
لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارناباس بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى. 20
Lekin muhlislar uning ǝtrapiƣa olaxⱪanda, Pawlus ornidin turup, xǝⱨǝrgǝ ⱪaytip kirdi. Ətisi, u Barnabas bilǝn billǝ Dǝrbǝ xǝⱨirigǝ kǝtti.
ئەمدى ئۇلار دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر جاكارلاپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى [مەسىھگە] مۇخلىس بولۇشقا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. 21
Əmdi ular Dǝrbǝ xǝⱨiridǝ hux hǝwǝr jakarlap, nurƣun adǝmlǝrni [Mǝsiⱨgǝ] muhlis boluxⱪa kirgüzgǝndin keyin, ikkiylǝn Listra, Konya wǝ Antakya xǝⱨǝrlirigǝ ⱪaytip bardi.
ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: ــ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، ــ دەپ نەسىھەت قىلدى. 22
Ular u yǝrlǝrdǝ muhlislarning ⱪǝlblirini küqǝytip, ularni etiⱪadta qing turuxⱪa riƣbǝtlǝndürüp, xundaⱪla: — Biz Hudaning padixaⱨliⱪiƣa kirixtǝ nurƣun japa-muxǝⱪⱪǝtlǝrni beximizdin ɵtküzüximiz muⱪǝrrǝr bolidu, — dǝp nǝsiⱨǝt ⱪildi.
ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى. 23
Ular yǝnǝ ⱨǝrⱪaysi jamaǝt iqidǝ aⱪsaⱪallarni tallap bǝlgilǝp, dua ⱪilix wǝ roza tutux arⱪiliⱪ ularni ɵzliri etiⱪad baƣliƣan Rǝbgǝ tapxurdi.
ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. 24
Ikkiylǝn Pisidiyǝ rayonidin ɵtüp Pamfiliyǝ ɵlkisigǝ kǝldi.
ئۇلار پەرگە شەھىرىدە سۆز-كالامنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتتاليا شەھىرىگە باردى. 25
Ular Pǝrgǝ xǝⱨiridǝ sɵz-kalamni yǝtküzgǝndin keyin, Attalya xǝⱨirigǝ bardi.
ئاندىن ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ، [سۇرىيەدىكى] ئانتاكياغا قاراپ كەتتى. ئۇلار ئەسلىدە شۇ يەردە ئۆزلىرى ھازىر تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا [جامائەتتىكىلەر تەرىپىدىن] خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە تاپشۇرۇلغانىدى. 26
Andin u yǝrdin kemigǝ qiⱪip, [Suriyǝdiki] Antakyaƣa ⱪarap kǝtti. Ular ǝslidǝ xu yǝrdǝ ɵzliri ⱨazir tamamliƣan bu wǝzipini ada ⱪilixⱪa [jamaǝttikilǝr tǝripidin] Hudaning meⱨri-xǝpⱪitigǝ tapxurulƣanidi.
قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 27
Ⱪaytip kǝlgǝndǝ, ular jamaǝtni bir yǝrgǝ jǝm ⱪilƣanda, ularƣa Hudaning ɵzliri arⱪiliⱪ ⱪilƣan barliⱪ ǝmǝllirini, xundaⱪla Hudaning ⱪandaⱪ ⱪilip ǝllǝrgǝ etiⱪadning bir ixikini aqⱪanliⱪini sɵzlǝp bǝrdi.
ئۇلار ئۇ يەردە مۇخلىسلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى. 28
Ular u yǝrdǝ muhlislar bilǝn billǝ uzun mǝzgil turdi.

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14 >