< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 14 >
كونيا شەھىرىدە شۇنداق بولدىكى، پاۋلۇس بىلەن بارناباس يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرگەندە، جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەردىنمۇ نۇرغان كىشىلەر ئېتىقاد قىلدى | 1 |
E aconteceu que em Iconio entraram juntos na synagoga dos judeos, e fallaram de tal modo, que creu uma grande multidão, não só de judeos mas de gregos.
(ھالبۇكى، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار [يات] ئەللىكلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى). | 2 |
Porém os judeos incredulos incitaram e irritaram, contra os irmãos, os animos dos gentios.
شۇڭا [پاۋلۇس بىلەن بارناباس] ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەبگە تايىنىپ يۈرەكلىك ھالدا [خۇش خەۋەرنى] جاكارلىدى؛ رەب ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆز مېھىر-شەپقىتىنىڭ سۆز-كالامىغا گۇۋاھلىق بەردى. | 3 |
Detiveram-se pois muito tempo, fallando ousadamente no Senhor, o qual dava testemunho á palavra da sua graça, permittindo que por suas mãos se fizessem signaes e prodigios.
بۇنىڭ بىلەن شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، بەزىلىرى يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا روسۇللار تەرەپتە تۇردى. | 4 |
E dividiu-se a multidão da cidade; e uns eram pelos judeos, e outros pelos apostolos.
ئاخىردا، بىر قىسىم يات ئەللىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا (ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە) روسۇللارنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىش قۇتراتقۇلۇقى باش كۆتۈردى. | 5 |
E, havendo um motim, tanto dos judeos como dos gentios, com os seus principaes, para os insultarem e apedrejarem,
لېكىن ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەردىن قېچىپ لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى يۇرتلارغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەرنى داۋاملىق جاكارلاۋەردى. | 6 |
Entendendo-o elles, acolheram-se a Lystra e Derbe, cidades de Lycaonia, e á provincia circumvisinha;
E ali prégavam o Evangelho.
شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە پۇتلىرىدا ماغدۇرى يوق، ھېچ مېڭىپ باقمىغان بىر تۇغما پالەچ ئولتۇراتتى. | 8 |
E estava assentado em Lystra um certo varão leso dos pés, côxo desde o ventre de sua mãe, o qual nunca tinha andado.
پاۋلۇس سۆز قىلىۋاتقاندا، بۇ ئادەم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. پاۋلۇس ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ ئۇنىڭ ساقايتىلىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، | 9 |
Este ouviu fallar Paulo, que, fixando n'elle os olhos, e vendo que tinha fé para ser curado,
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئورنۇڭدىن دەس تۇر! ــ دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. | 10 |
Disse em voz alta: Levanta-te direito sobre teus pés. E elle saltou e andou.
لېكىن پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىشىنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: ــ ئىلاھلار ئىنسان قىياپىتىگە كىرىپ ئارىمىزغا چۈشۈپتۇ! ــ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. | 11 |
E as multidões, vendo o que Paulo fizera, levantaram a sua voz, dizendo em lingua lycaonica: Fizeram-se os deuses similhantes aos homens, e desceram até nós.
ئۇلار بارناباسنى «ئىلاھ زېئۇس» دەپ ئاتاشتى ۋە پاۋلۇسنى سۆزلەشتە باشلامچى بولغاچقا ئۇنى «ئىلاھ ھېرمىس» دەپ ئاتاشتى. | 12 |
E chamavam Jupiter a Barnabé, e Mercurio a Paulo; porque este era o que fallava.
شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ [بۇتخانىدىكى] كاھىن شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ، خەلق بىلەن بىللە روسۇللارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولدى. | 13 |
E o sacerdote de Jupiter, que estava em frente da cidade, trazendo para a entrada da porta toiros e grinaldas, queria com a multidão sacrificar-lhes.
لېكىن روسۇللار بارناباس بىلەن پاۋلۇس بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقان ھالدا، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: | 14 |
Ouvindo, porém, isto os apostolos Barnabé e Paulo, rasgaram os seus vestidos, e saltaram entre a multidão, clamando,
ــ خالايىق، بۇ ئىشلارنى نېمە دەپ قىلىۋاتىسىلەر؟! بىز سىلەرگە ئوخشاش ھېسسىياتتىكى ئىنسانلارمىز! بىز سىلەرگە بۇ ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقۇچى ھايات خۇداغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك دەپ جاكارلاۋاتىمىز! | 15 |
E dizendo: Varões, porque fazeis essas coisas? Nós tambem somos homens como vós, sujeitos ás mesmas paixões, e vos annunciamos que vos convertaes d'essas vaidades ao Deus vivo, que fez o céu, e a terra, e o mar, e tudo quanto ha n'elles;
بۇرۇنقى دەۋرلەردە، ئۇ ھەرقايسى ئەللەرنى ئۆز يوللىرىدا مېڭىشقا يول قويغان. | 16 |
O qual nos tempos passados deixou andar todas as gentes em seus caminhos.
شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىقنى قالدۇرمىغان ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھەمىشە سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئەرشتىن ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل ئاتا قىلىپ، ئاش-تاماق بىلەن سىلەرنى تويغۇزۇپ، قەلبىڭلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ كەلدى. | 17 |
Ainda que, apezar d'isso, nunca se deixou a si mesmo sem testemunho, beneficiando lá do céu, dando-nos chuvas e tempos fructiferos, enchendo de mantimento e de alegria os nossos corações.
ھەتتا ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئارانلا توسۇۋالدى. | 18 |
E, dizendo isto, com difficuldade impediram que as multidões lhes sacrificassem.
لېكىن ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن بەزى يەھۇدىيلار كېلىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قايىل قىلىشى بىلەن، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى، ئاندىن ئۇنى ئۆلدى دەپ قاراپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى. | 19 |
Sobrevieram, porém, alguns judeos de Antiochia e de Iconio, e, persuadindo a multidão, apedrejaram a Paulo, e o arrastaram para fóra da cidade, cuidando que estava morto.
لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارناباس بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى. | 20 |
Mas, rodeando-o os discipulos, levantou-se, e entrou na cidade, e no dia seguinte saiu com Barnabé para Derbe.
ئەمدى ئۇلار دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر جاكارلاپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى [مەسىھگە] مۇخلىس بولۇشقا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. | 21 |
E, tendo annunciado o evangelho áquella cidade, e feito muitos discipulos, voltaram para Lystra, e Iconio, e Antiochia,
ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: ــ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، ــ دەپ نەسىھەت قىلدى. | 22 |
Confirmando os animos dos discipulos, exhortando-os a permanecer na fé, e dizendo que por muitas tribulações nos importa entrar no reino de Deus.
ئۇلار يەنە ھەرقايسى جامائەت ئىچىدە ئاقساقاللارنى تاللاپ بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد باغلىغان رەبگە تاپشۇردى. | 23 |
E, havendo-lhes, por commum consentimento, eleito anciãos em cada egreja, orando com jejuns, os encommendaram ao Senhor em quem haviam crido.
ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. | 24 |
Passando depois por Pisidia, dirigiram-se a Pamphylia.
ئۇلار پەرگە شەھىرىدە سۆز-كالامنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئاتتاليا شەھىرىگە باردى. | 25 |
E, tendo annunciado a palavra em Perge, desceram a Attalia.
ئاندىن ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ، [سۇرىيەدىكى] ئانتاكياغا قاراپ كەتتى. ئۇلار ئەسلىدە شۇ يەردە ئۆزلىرى ھازىر تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا [جامائەتتىكىلەر تەرىپىدىن] خۇدانىڭ مېھرى-شەپقىتىگە تاپشۇرۇلغانىدى. | 26 |
E d'ali navegaram para Antiochia, d'onde tinham sido encommendados á graça de Deus para a obra que já haviam cumprido.
قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. | 27 |
E, quando chegaram e reuniram a egreja, relataram quão grandes coisas Deus fizera por elles, e como abrira aos gentios a porta da fé.
ئۇلار ئۇ يەردە مۇخلىسلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى. | 28 |
E ficaram ali não pouco tempo com os discipulos.