ئانتاكيادىكى جامائەت ئىچىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارناباس، «قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون، كۇرىنىلىك لۇكىئۇس، ھېرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مانائەن ۋە سائۇللار ئىدى. | 1 |
אלה האנשים שנמנו עם המורים והנביאים בקהילת אנטיוכיה: בר־נבא, שמעון (המכונה”כושי“), לוקיוס (מקוריניה), מנחם (אחיו החורג של הורדוס) ושאול (פולוס). |
ئۇلار رەبنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ روزا تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: ــ بارناباس بىلەن سائۇلنى مەن ئۇلارنى قىلىشقا چاقىرغان خىزمەت ئۈچۈن ماڭا ئايرىپ قويۇڭلار، ــ دېدى. | 2 |
יום אחד בשעה שהתפללו לאלוהים וצמו, אמר להם רוח הקודש:”הקדישו לי את בר־נבא ואת שאול לביצוע משימה מיוחדת!“ |
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى. | 3 |
הם הוסיפו להתפלל ולצום, ולאחר מכן סמכו את ידיהם על ראשיהם של שאול ובר־נבא, ברכו אותם ושלחו אותם לדרכם. |
ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى. | 4 |
בהדרכת רוח הקודש ירדו השניים לסלוקיא, ומשם הפליגו לקפריסין. |
سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگلىرىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. | 5 |
הם עגנו בעיר סלמיס, ובישרו את דבר אלוהים בבתי־הכנסת (יוחנן מרקוס היה העוזר שלהם). |
ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە باريەشۇئا ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بولۇپ، ساختا پەيغەمبەر بولغان بىر يەھۇدىي ئىدى. | 6 |
לאחר מכן המשיכו לבשר בכל רחבי האי, עד שהגיעו לעיר פפוס. בעיר זאת פגשו יהודי אחד, בר־ישוע שמו, שהיה נביא שקר ועסק בכישוף. |
ئۇ كىشى بۇ [ئارالنىڭ] رىملىق ۋالىيىسى سېرگىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ئىدى. ۋالىي ئۇقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولۇپ، بارناباس بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىماقچى بولدى. | 7 |
בר־ישוע היה ידיד למושל המקומי, סרגיוס פולוס. המושל, שהיה אדם נבון מאוד, הזמין את בר־נבא ופולוס לבקר אותו, משום שרצה לשמוע מפיהם את דבר האלוהים. |
لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى. | 8 |
אולם המכשף הזה, שנקרא”אלימס“, לא רצה שהמושל יגיע לאמונה, ולכן התערב בשיחה ודרש מהמושל לא לשים לב לדבריהם של שאול ובר־נבא. |
بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ | 9 |
אך שאול (הנקרא גם”פולוס“), אשר היה מלא ברוח הקודש, הביט בנביא השקר וקרא: |
ئۇنىڭغا: ــ ئەي، قەلبىڭ ھەرخىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان ئىبلىسنىڭ ئوغلى، ھەممە ھەققانىيلىقنىڭ دۈشمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ تۈز يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! | 10 |
”בן בלייעל שכמוך! אתה מלא מרמה ופשע, ואויב מושבע של כל דבר טוב! האם לעולם לא תפסיק לסלף את דרכי האלוהים הישרים? |
ئەمدى رەبنىڭ قولى ئۈستۈڭگە چۈشتى! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! ــ دېدى. شۇئان، بىر خىل تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنى باستى. ئۇ يولنى سىلاشتۇرۇپ، كىشىلەردىن مېنى قولۇمدىن يېتىلەڭلار، دەپ ئىلتىجا قىلاتتى. | 11 |
עתה שים לב כיצד יעניש אותך אלוהים: תוכה בעיוורון זמני, ולא תראה את אור השמש.“באותו רגע כיסה ערפל את עיניו, והוא החל לגשש סביבו ולחפש מישהו שיוביל אותו בידו. |
يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ۋالىي رەبنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. | 12 |
כשראה המושל את הנעשה, האמין באדון והשתומם על הכוח העצום של בשורת האלוהים. |
پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە چىقىپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. | 13 |
פולוס ומלוויו עזבו את פפוס, והפליגו בספינה לעיר פרגי שבמדינת פמפוליה. יוחנן מרקוס עזב אותם שם וחזר לירושלים, |
پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن چىقىپ، داۋاملىق مېڭىپ پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، شابات كۈنى سىناگوگقا كىردى. | 14 |
ואילו פולוס ובר־נבא המשיכו לאנטיוכיה אשר בפיסידיה. בשבת הלכו השניים לבית־הכנסת וישבו בין המתפללים. |
تەۋرات قىسىملىرىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىناگوگنىڭ چوڭلىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: ــ قېرىنداشلار، ئەگەر خالايىققا بىرەر نەسىھەت سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، ــ دېدى. | 15 |
לאחר קריאת פרשת השבוע מן התורה, וההפטרה מהנביאים, שלחו אליהם ראשי בית־הכנסת הודעה:”אחים, אם יש לכם דבר עידוד והדרכה בשבילנו, אתם מוזמנים לדבר!“ |
پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ئىشىرىتى قىلىپ، خالايىققا مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىسرائىللار ۋە خۇدادىن قورققانلار، قۇلاق سېلىڭلار! | 16 |
פולוס קם על רגליו, סימן לקהל שהוא עומד לדבר, ואמר:”אנשי ישראל, וכל הבוטחים בה׳ והמכבדים אותו, הרשו לי לפתוח בסקירה היסטורית קצרה. |
بۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇداسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تاللىدى؛ ئۇلار مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ئۇلۇغ قىلدى، ئۆزىنىڭ ئېگىز كۆتۈرگەن بىلىكى بىلەن ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. | 17 |
אלוהי העם הזה – אלוהי ישראל – בחר באבותינו וברך אותם מאוד בתקופת שהותם במצרים. ביד חזקה ובזרוע נטויה הוא הוציא אותם מעבדות לחירות, |
ئۇ چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى | 18 |
וטיפל בהם במשך ארבעים שנות נדודיהם במדבר. |
ئاندىن قانائان زېمىنىدىكى يەتتە ئەلنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى. | 19 |
לאחר שהשמיד שבעה עמים בארץ כנען, הוא נתן לעם ישראל את הארץ לנחלה. כל זה ארך כ־450 שנה. |
بۇ ئىشلارغا ئالدى-كەينى بولۇپ تەخمىنەن تۆت يۈز ئەللىك يىل كەتتى. كېيىن، تاكى سامۇئىل پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىققىچە، ئۇ ئۇلارغا باتۇر ھاكىملارنى تىكلەپ بەردى. | 20 |
”לאחר מכן מינה עליהם אלוהים שופטים עד ימיו של שמואל הנביא. |
ئاندىن ئۇلار بىزگە بىر پادىشاھنى بەرسىكەن، دەپ [سامۇئىل پەيغەمبەردىن] تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تىكلەپ بەردى. ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈردى. | 21 |
”בימיו של שמואל ביקש העם מלך, וה׳ נתן לו את שאול בן־קיש משבט בנימין, שמלך ארבעים שנה. |
بىراق [خۇدا] سائۇلنى سەلتەنىتىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇپ بەردى. خۇدا ئۇنىڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ: «كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئادەمنى، يەنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنى تاپتىم. ئۇ مېنىڭ تولۇق ئىرادەمگە ئەمەل قىلىدۇ»، ــ دېدى. | 22 |
אולם ה׳ הוריד אותו מכסא מלכותו, והמליך תחתיו את דוד המלך, זה שה׳ אמר עליו:’דוד בן־ישי הוא איש כלבבי, והוא יעשה את רצוני‘. |
ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك خۇدا بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل خەلقىگە بىر قۇتقۇزغۇچى تىكلەپ بەردى ــ ئۇ بولسا ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر! | 23 |
ומזרעו של דוד הקים ה׳ לישראל את המושיע המובטח, את ישוע המשיח! |
ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىشتىن ئالۋۋال، يەھيا [پەيغەمبەر] چىقىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشنى [بىلدۈرىدىغان] چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار، دەپ جاكارلىدى. | 24 |
”עוד לפני בואו של ישוע קרא יוחנן לעם ישראל לשוב מחטאיו, לפנות אל ה׳ ולהיטבל במים. |
يەھيا [پەيغەمبەر] ۋەزىپىنى تاماملىغاندا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن. بىراق مانا، مەندىن كېيىن بىرسى كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئاياغ كەشلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!» | 25 |
כשסיים יוחנן את תפקידו, שאל את העם:’האם אתם חושבים שאני המשיח? לא, אינני המשיח! אבל הוא עומד לבוא, ואיני ראוי אף להתיר את שרוכי נעליו!‘ |
ئەي قېرىنداشلار، ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار، بۇ نىجاتلىقنىڭ سۆز-كالامى سىلەرگە ئەۋەتىلدى! | 26 |
”אחי בני אברהם, ואחי הגויים היראים את האלוהים: ישועה זאת נועדה לכולנו! |
يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى [ئەيسانى] تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. | 27 |
תושבי ירושלים ומנהיגיהם לא הכירו את המשיח, ולא הבינו את דברי הנביאים אשר נקראו מדי שבת בבית־הכנסת. אף־על־פי־כן, כשהרגו אותו הם קיימו למעשה את דברי הנביאים. |
گەرچە ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى ئۆتۈندى. | 28 |
למרות שלא הייתה להם כל סיבה מוצדקת להוציא את ישוע להורג, דרשו מפילטוס לצלוב אותו. |
ئۇلار [بۇ] [ئىشلارنى قىلىپ] مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى [ئۆزلىرى بىلمىگەن ھالدا] ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، بىر قەبرىگە قويدى. | 29 |
לאחר שקיימו את כל הנבואות הקשורות במותו, בלי שידעו זאת, הורידו אותו מעל הצלב וקברוהו. |
لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! | 30 |
”אולם אלוהים הקים את ישוע מן המתים, |
تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇن ئۆزى بىلەن گالىلىيەدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ كۈنلەر ئىچىدە [نەچچە قېتىم] كۆرۈنۈپ تۇردى. بۇ كىشىلەر ھازىر [ئىسرائىل] خەلقىگە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇۋاتىدۇ. | 31 |
ובימים שלאחר מכן הוא נראה פעמים רבות לעיני האנשים שליוו אותו מן הגליל לירושלים. מאז ועד היום לא פסקו האנשים האלה להעיד על כך בפומבי. |
بىزمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلىنغان ۋەدىنىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھازىر جاكارلايمىز ــ خۇدا ئەيسانى [ئارىمىزدا] تىكلەپ، بۇ ۋەدىنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرگە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ ئىككىنچى كۈيىدە ئالدىنئالا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم». | 32 |
”בר־נבא ואני מבשרים לכם עתה את הבשורה הטובה הזאת: את אשר הבטיח אלוהים לאבותינו, |
33 |
הוא הגשים לנו, צאציהם, על ידי תקומת ישוע. לכך מתכוון המזמור השני בתהלים:’בני אתה, אני היום ילדתיך‘. |
ئەمدىلىكتە خۇدانىڭ ئەيساغا چىرىشنى قايتا كۆرگۈزمەي ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!» | 34 |
”אלוהים הבטיח להחזירו לחיים, כדי שלא ימות עוד לעולם. אלוהים ייתן לכם את הבטחותיו הנפלאים לדוד כמו שכתוב בישעיה. |
شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە يەنە بىر ئايەتتە: ــ «[ئى خۇدا]، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن». | 35 |
במזמור טז כתוב:’לא תיתן חסידך לראות שחת‘. |
چۈنكى داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ ئۆلۈمدە ئۇخلاپ ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى. | 36 |
פסוק זה אינו מתייחס לדוד, שהרי לאחר שדוד שרת את בני דורו לפי רצון ה׳, הוא מת, נקבר וגופו נרקב. |
لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى. | 37 |
פסוק זה מתייחס למישהו אחר – למישהו שאלוהים החזירו לחיים ושגופו כלל לא ניזוק מריקבון המוות. |
ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ. | 38 |
”אחים, הקשיבו! באמצעות ישוע זה אתם יכולים לקבל סליחת חטאים. |
مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇ ئارقىلىق خالاس قىلىنىپ ھەققانىي قىلىنىدۇ! | 39 |
כל מי שמאמין ובוטח בו משתחרר מכל אשמה, ואלוהים מצדיק אותו. התורה מעולם לא יכלה לשחרר אתכם מחטא ולהצדיקכם בעיני אלוהים. |
شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان شۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىڭلار! ــ | 40 |
היזהרו! אל תתנו לדברי הנביאים להתגשם בכם: |
«قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!» | 41 |
’ראו בוגדים והביטו, והתמהו תמהו, כי פֹעַל פֹּעֵל בימיכם, לא תאמינו כי יסופר‘.”כלומר, ראו והתפלאו, אתם הבזים לאמת! כי אלוהים עומד לעשות משהו בימיכם, אשר לא תאמינו בו כשיספרו לכם על כך.“ |
پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى. | 42 |
כשיצאו פולוס ובר־נבא מבית־הכנסת, הזמינו אותם האנשים לשוב ולדבר אליהם בשבת הבאה. |
سىناگوگتىكى جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورققان تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا ئەگەشتى. ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. | 43 |
בתום האסיפה בבית־הכנסת הלכו אחרי פולוס ובר־נבא הרבה יהודים וגויים יראי אלוהים. השניים שוחחו איתם ועודדו אותם לבטוח בחסדו של אלוהים. |
كېيىنكى شابات كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. | 44 |
בשבת שלאחר מכן התקהלה כמעט כל העיר בבית־הכנסת, כדי לשמוע את דבר ה׳ מפי פולוס ובר־נבא. |
بىراق بۇنداق توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ھەسەتكە چۆمۈپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قارشى تەتۈر گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى. | 45 |
אולם כשראו מנהיגי היהודים את ההמון, נמלאו קנאה והכחישו את דבריו של פולוס בקללות ובגידופים. |
ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئالدى بىلەن سىلەر [يەھۇدىي خەلقىگە] يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. لېكىن سىلەر ئۇنى چەتكە قېقىپ ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا لايىق كۆرمىگەندىن كېيىن، مانا بىز [سىلەردىن] بۇرۇلۇپ ئەللەرگە يۈزلىنىمىز! (aiōnios g166) | 46 |
אך פולוס ובר־נבא דיברו באומץ והצהירו:”הרגשנו שמחובתנו לבשר את דבר ה׳ קודם כל לכם – היהודים, אולם מכיוון שדחיתם אותו והוכחתם שאינכם ראויים לחיי נצח, נציע אותו לגויים! (aiōnios g166) |
چۈنكى پەرۋەردىگار [مۇقەددەس يازمىلاردا] بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: ــ «مەن سېنى [يات] ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتلىق بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم». | 47 |
כי כך ציווה עלינו אלוהים:’ונתתיך לאור גוים, להיות ישועתי עד קצה הארץ‘. “ |
ئەللەردىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشۇپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلاشتى؛ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلدى. (aiōnios g166) | 48 |
הגויים שמחו מאוד לשמוע את בשורת ה׳ מפי פולוס, וכל מי שנבחר לחיי נצח האמין. (aiōnios g166) |
شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى. | 49 |
וכך התפשט דבר ה׳ בכל הארץ. |
بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. | 50 |
אולם מנהיגי היהודים קוממו את הנשים המכובדות ואצילות נגד פולוס ובר־נבא. הם עוררו את ההמון לרדוף את פולוס ובר־נבא ולגרשם מן העיר. |
ئەمما پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. | 51 |
השניים ניערו את אבק העיר מעל רגליהם והלכו לעיר איקניון, |
[ئانتاكيادىكى] مۇخلىسلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلدى. | 52 |
ותלמידיהם באנטיוכיה נמלאו שמחה ורוח הקודש. |