< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 11 >
روسۇللار ۋە پۈتكۈل يەھۇدىيەدىكى باشقا قېرىنداشلار [يات] ئەللىكلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. | 1 |
Rosullar we pütkül Yehudiyediki bashqa qérindashlar [yat] elliklerningmu Xudaning söz-kalamini qobul qilghanliqini anglidi.
شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، خەتنىلىك بولغان [ئىشەنگۈچىلەر] ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇپ: | 2 |
Shunga, Pétrus Yérusalémgha qaytqanda, xetnilik bolghan [ishen’güchiler] uni eyibke buyrup:
ــ سەن خەتنە قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدۇڭ؟! ــ دېدى. | 3 |
— Sen xetne qilinmighan ademlerning öyide méhman bolup, ular bilen hemdastixan boldung?! — dédi.
بىراق پېترۇس پۈتۈن ئىشنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ | 4 |
Biraq Pétrus pütün ishni bashtin-axirighiche ulargha bir-birlep chüshendürüp
مۇنداق دېدى: ــ يوپپا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورىۋېلىپ، بىر ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى. | 5 |
mundaq dédi: — Yoppa shehiride dua qiliwatqinimda, ghayibane körünüsh méni oriwélip, bir alametni kördüm. Keng dastixandek bir nerse töt burjikidin baghlan’ghan halda asmandin chüshüp, méning yénimda toxtidi.
ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىكەن. | 6 |
Uninggha köz tikip qarisam, ichide herxil töt putluq haywanlar, yawayi haywanatlar, yer béghirlighuchilar, asmandiki uchar-qanatlarmu bar iken.
ئاندىن: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. | 7 |
Andin: «Ornungdin tur Pétrus, ulardin soyup ye!» dégen bir awazni anglidim.
مەن: «ياق رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم. | 8 |
Men: «Yaq Reb, hergiz bolmaydu! Men héchqachan herqandaq napak yaki haram nersini aghzimgha alghan emesmen!» dédim.
بىراق ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دەپ پاكلىغان نەرسىنى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. | 9 |
Biraq manga yene: «Xuda halal dep paklighan nersini sen haram déme!» dégen awaz anglandi.
بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قايتىدىن تارتىپ كېتىلدى. | 10 |
Bu ish üch qétim shundaq tekrarlinip, axir bularning hemmisi asman’gha qaytidin tartip kétildi.
مانا دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيەدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. | 11 |
Mana del shu chaghda, Qeyseriyedin méni chaqirishqa ewetilgen üch kishi men turghan öyning aldigha keldi.
مۇقەددەس روھ مېنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. مۇشۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. [قەيسەرىيەگە يېتىپ كېلىپ]، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. | 12 |
Muqeddes Roh méni héch ikkilenmey ular bilen bille bérishqa buyrudi. Mushu alte qérindashmu men bilen bille bardi. [Qeyseriyege yétip kélip], héliqi ademning öyige kirduq.
بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولۇپ تۇرغان بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل، | 13 |
Bu kishi bizge özining öyide payda bolup turghan bir perishtini qandaq körgenlikini éytti. Perishte uninggha: «sen Yoppagha adem ewetip, Pétrus depmu atilidighan Simon isimlik bir ademni chaqirtip kel,
ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن. | 14 |
u sanga séni we pütkül ailengge nijatliq yetküzidighan bir xewerni éytip béridu» dégeniken.
مەن گەپنى باشلىغىنىمدا، مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى. | 15 |
Men gepni bashlighinimda, Muqeddes Roh xuddi bashta bizning üstimizge chüshkinidek, ularghimu chüshti.
شۇ چاغدا، رەبنىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى: «يەھيا كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. | 16 |
Shu chaghda, Rebning söz-kalamini, yeni: «Yehya kishilerni sugha chömüldürgen, lékin siler bolsanglar Muqeddes Rohqa chömüldürülisiler» déginini ésimge aldim.
شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟ | 17 |
Shunga, eger Xuda emdi mushulargha biz Reb Eysa Mesihke étiqad qilghinimizdin kéyin bizge bergen iltipatqa oxshash iltipat ata qilghan bolsa, Xudani tosalghudek men zadi kim idim?
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: ــ بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! ــ دېيىشتى. | 18 |
Ular bu sözlerni anglighanda, eyibleshtin toxtap, Xudagha medhiye oqup: — Berheq, Xuda ellergimu hayatliqqa élip baridighan towa qilishni nésip qiliptu! — déyishti.
ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز-كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى. | 19 |
U chaghda, Istipanning ishi bilen ziyankeshlikke uchrap herqaysi jaylargha tarqilip ketkenler Fenikiye rayoni, Siprus arili we Antakya shehiri qatarliq jaylarghiche yétip bérip, bu jaylarda söz-kalamni peqet Yehudiylarghila yetküzetti.
لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى. | 20 |
Lékin ulardin Siprus arili we Kurini shehiridin kelgen beziler Antakya shehirige barghanda, Reb Eysaning xush xewirini Gréklergimu yetküzdi.
رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى. | 21 |
Rebning qoli ular bilen bille bolup, tolimu nurghun kishiler ishinip towa qilip Rebge baghlandi.
بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى. | 22 |
Bu xewer Yérusalémdiki jamaetning quliqigha yétip keldi. Shuning bilen ular Barnabasni Antakyaghiche arilap ötüshke ewetti.
بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى. | 23 |
Barnabas yétip bérip, Xudaning méhir-shepqitini körüp, xushal boldi. U ularning hemmisini jan-dilidin qet’iylik bilen Rebge ching baghlinishqa righbetlendürdi.
چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان-ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى. | 24 |
Chünki u Muqeddes Rohqa we iman-ishenchke toldurulghan bolup, yaxshi bir adem idi. Shuning bilen zor bir top ademler Rebge qoshuldi.
شۇنىڭ بىلەن بارناباس تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ باردى. | 25 |
Shuning bilen Barnabas Tarsus shehirige Saulni izdep bardi.
ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى. | 26 |
Uni tépip Antakyagha élip keldi; shundaq boldiki, ikkiylen jamaet bilen bille saq bir yil yighilip, nurghun ademge telim berdi. Muxlislarning «Xristianlar» dep tunji atilishi Antakyadin bashlandi.
ئۇ كۈنلەردە بەزى پەيغەمبەرلەر يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا چۈشۈپ كەلدى. | 27 |
U künlerde bezi peyghemberler Yérusalémdin Antakyagha chüshüp keldi.
بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، روھنىڭ ۋەھىيىنى يەتكۈزۈپ، قاتتىق بىر ئاچارچىلىقنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باسىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە «كلاۋدىيۇس قەيسەر» ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى). | 28 |
Bulardin Agabus isimlik bireylen otturigha chiqip, Rohning wehiyini yetküzüp, qattiq bir acharchiliqning pütkül dunyani basidighanliqini aldin éytti (bu acharchiliq derweqe «Klawdiyus Qeyser» höküm sürgen waqitta yüz berdi).
بۇنىڭ بىلەن [ئانتاكيادىكى] مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. | 29 |
Buning bilen [Antakyadiki] muxlislarning herbiri öz qurbigha qarap pul yighip, Yehudiyede turuwatqan qérindashlargha yardem bérishni qarar qildi.
ئۇلار بۇ قارارنى ئادا قىلىپ، ئىئانىنى بارناباس ۋە سائۇلنىڭ قولى ئارقىلىق [يەھۇدىيەدىكى جامائەت] ئاقساقاللىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى. | 30 |
Ular bu qararni ada qilip, ianini Barnabas we Saulning qoli arqiliq [Yehudiyediki jamaet] aqsaqallirigha yetküzüp berdi.