< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 10 >
قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ [رىم] قوشۇنىدىكى «ئىتالىيەلىكلەر» قىسمىنىڭ يۈزبېشى ئىدى. | 1 |
कैसरिया म कुरनेलियुस नाम को एक आदमी होतो, जो इतालियानी नाम को पलटन को सूबेदार होतो।
ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى. | 2 |
ऊ भक्त होतो, अऊर अपनो पूरो घरानों को संग परमेश्वर सी डरत होतो, अऊर यहूदी गरीब लोगों ख बहुत दान देत होतो, अऊर बराबर परमेश्वर सी प्रार्थना करत होतो।
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇ غايىبانە بىر كۆرۈنۈشتە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: ــ كورنىلىي! ــ دەپ چاقىردى. | 3 |
ओन दोपहर लगभग तीन बजे दर्शन म साफ तरह सी देख्यो कि परमेश्वर को एक स्वर्गदूत ओको जवर अन्दर आय क कह्य हय, “हे कुरनेलियुस!”
كورنىلىي ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ قاتتىق چۆچۈپ: ــ تەقسىر، نېمە ئىش؟ ــ دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك بېرىپ يەتتى. | 4 |
ओन ओख ध्यान सी देख्यो अऊर डर क कह्यो, “हे प्रभु, का आय?” स्वर्गदूत न ओको सी कह्यो, “तोरी प्रार्थनाये अऊर तोरो दान परमेश्वर को जवर याद लायी पहुंच्यो हंय;
ئەمدى سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. | 5 |
अऊर अब याफा म आदमी भेज क शिमोन ख, जो पतरस कहलावय हय, बुलाय लेवो।
ئۇ سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا، ــ دېدى. | 6 |
ऊ शिमोन, चमड़ा को धन्दा करन वालो को इत मेहमान हय, जेको घर समुन्दर को किनार पर हय।”
ئۇنىڭغا سۆزلىگەن پەرىشتە كەتكەندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆيدىكى خىزمەتچىلەردىن ئىككىنى ۋە دائىم يېنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى. | 7 |
जब ऊ स्वर्गदूत जेन ओको सी बाते करी होती चली गयो, त ओन दोय सेवक, अऊर जो ओको जवर मौजूद रहत होतो उन्म सी एक भक्त सिपाही ख बुलायो,
بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يوپپاغا ئەۋەتتى. | 8 |
अऊर उन्न सब बाते बताय क याफा ख भेज्यो।
ئەتىسى ئۇلار سەپەر قىلىپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. | 9 |
दूसरों दिन जब हि चलतो चलतो नगर को जवर पहुंच्यो, त दोपहर को समय पतरस छत पर प्रार्थना करन चढ़्यो।
ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، بىر نەرسە يەي دېدى. بىراق ئۇلار غىزا تەييارلاۋاتقاندا، غايىبانە بىر ئالامەت پېترۇسنى ئورۇۋالدى. | 10 |
ओख भूख लगी अऊर कुछ खानो चाहत होतो, पर जब हि तैयारी कर रह्यो होतो त ऊ बेहोश भय गयो;
ئۇ ئاسمان ئېچىلىپ، تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقان كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنى كۆردى. | 11 |
अऊर ओन देख्यो, कि आसमान खुल गयो; अऊर एक पात्र बड़ी चादर को जसो चारों कोना सी लटकतो हुयो, धरती को तरफ उतर रह्यो हय।
داستىخاندا ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىدى. | 12 |
जेको म धरती को सब तरह को चार पाय वालो जीव अऊर रेंगन वालो जन्तु अऊर आसमान को पक्षी होतो।
ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» | 13 |
ओख एक असो आवाज सुनायी दियो, “हे पतरस उठ, मार अऊर खा।”
ــ ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن! ــ دېدى پېترۇس. | 14 |
पर पतरस न कह्यो, “नहीं प्रभु, कभीच नहीं; कहालीकि मय न कभी कोयी अपवित्र या अशुद्ध चिज नहीं खायी हय।”
ئاۋاز ئىككىنچى قېتىم كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇدا ھالال دەپ پاكلىغاننى سەن ھارام دېمە! ــ دېيىلدى. | 15 |
तब दूसरी बार ओख आवाज सुनायी दियो, “जो कुछ परमेश्वर न शुद्ध ठहरायो हय, ओख तय अशुद्ध मत कह्य।”
بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بېرىپ، ئاندىن داستىخاندەك بولغان شۇ نەرسە دەرھال ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. | 16 |
तीन बार असोच भयो; तब तुरतच ऊ पात्र आसमान पर उठाय लियो गयो।
پېترۇس كۆرگەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قايمۇقۇپ تۇرغاندا، مانا كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر سىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى. | 17 |
जब पतरस अपनो मन म संका म होतो, कि यो दर्शन जो मय न देख्यो ऊ का होय सकय हय, त देखो, हि आदमी जिन्ख कुरनेलियुस न भेज्यो होतो, शिमोन को घर को पता लगाय क द्वार पर आय खड़ो भयो,
ئۇلار بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 18 |
अऊर बुलाय क पूछन लग्यो, “का शिमोन जो पतरस कहलावय हय, इतच मेहमान हय?”
پېترۇس تېخىچە شۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، روھ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى. | 19 |
पतरस त ऊ दर्शन पर सोचत रह्यो होतो, कि आत्मा न ओको सी कह्यो, “देख, तीन आदमी तोरी खोज म हंय।
ئورنۇڭدىن تۇر، پەسكە چۈش، ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى مەن! ــ دېدى. | 20 |
येकोलायी उठ क खल्लो जा, अऊर बिन शक सी उन्को संग होय जा; कहालीकि मय नच उन्ख भेज्यो हय।”
پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە: ــ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مانا مەن بولىمەن. بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىڭلار نېمىكىن؟ ــ دېدى. | 21 |
तब पतरस न उतर क उन आदमियों सी कह्यो, “देखो, जेकी खोज तुम कर रह्यो हय, ऊ मयच आय। तुम्हरो आवन को का वजह हय?”
ئۇلار جاۋابەن: ــ ھەققانىي بىر ئادەم، خۇدادىن قورقىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى تەرىپلىگەن كورنىلىي ئىسىملىك رىملىق يۈزبېشى مۇقەددەس بىر پەرىشتە تەرىپىدىن سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، سىزدىن سۆز-كالام ئاڭلاشقا ئەمر قىلىنغان! ــ دېدى. | 22 |
उन्न कह्यो, “कुरनेलियुस सूबेदार जो सच्चो अऊर परमेश्वर सी डरन वालो अऊर पूरी यहूदी जाति म सुनाम आदमी हय, ओन एक पवित्र स्वर्गदूत सी यो निर्देश पायो हय कि तोख अपनो घर बुलाय क तोरो सी वचन सुने।”
شۇڭا پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. يوپپادىكى قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. | 23 |
तब ओन उन्ख अन्दर बुलाय क उन्की मेहमानी करी। दूसरों दिन ऊ उन्को संग गयो, अऊर याफा नगर को भाऊ म सी कुछ ओको संग भय गयो।
ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيەگە يېتىپ باردى. ئەمدى كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، پېترۇسلارنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. | 24 |
दूसरों दिन हि कैसरिया पहुंच्यो, अऊर कुरनेलियुस अपनो कुटुम्बियों अऊर प्रिय संगियों ख जमा कर क् उन्की रस्ता देख रह्यो होतो।
پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى. | 25 |
जब पतरस अन्दर आय रह्यो होतो, त कुरनेलियुस न ओको सी भेंट करी, अऊर ओको घुटना को बल पर गिर क ओख नमस्कार करयो;
لېكىن پېترۇس [دەرھال] ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇرغىن! مەنمۇ بىر ئىنسان، خالاس! ــ دېدى. | 26 |
पर पतरस न ओख उठाय क कह्यो, “खड़ो हो, मय भी त आदमी आय।”
ئۇ كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىرىۋىدى، ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان توپ-توپ ئادەملەرنى كۆردى. | 27 |
अऊर ओको संग बातचीत करतो हुयो अन्दर गयो, अऊर बहुत सो लोगों ख जमा देख क
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يات ئەللىكلەردىن بىرسى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشى ياكى ئۆيلىرىگە كىرىشى تەۋرات قانۇن-ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ. لېكىن خۇدا ماڭا ھېچقانداق ئادەمنى ناپاك ياكى ھارام دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى ئايان قىلدى. | 28 |
ओन कह्यो, “तुम जानय हय कि गैरयहूदी की संगति करनो यां ओको इत जानो यहूदी लायी अधर्म हय, पर परमेश्वर न मोख बतायो हय कि कोयी आदमी ख अपवित्र या अशुद्ध नहीं कहूं।
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ھېچ رەت قىلماي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى سوراي، مېنى نېمە دەپ چاقىردىڭلار؟ ــ دېدى. | 29 |
येकोलायी मय जब बुलायो गयो त बिना कुछ कह्यो चली आयो। अब मय पूछू हय कि मोख कौन्सो काम लायी बुलायो गयो?”
كورنىلىي مۇنداق دېدى: ــ تۆت كۈننىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە روزا تۇتقانىدىم؛ سائەت ئۈچلەردە مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى: | 30 |
कुरनेलियुस न कह्यो, “योच घड़ी, पूरो चार दिन भयो, मय अपनो घर म दोपहर तीन बजे को लगभग प्रार्थना कर रह्यो होतो; त देखो, एक पुरुष चमकदार कपड़ा पहिन्यो हुयो, मोरो आगु आय खड़ो भयो
«كورنىلىي! دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىندى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك يەتتى. | 31 |
अऊर कहन लग्यो, ‘हे कुरनेलियुस, तोरी प्रार्थना सुन ली गयी हय अऊर तोरो दान परमेश्वर को आगु याद करयो गयो हंय।
شۇڭا يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلۇق سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. | 32 |
येकोलायी कोयी ख याफा नगर भेज क शिमोन ख जो पतरस कहलावय हय, बुलाव। ऊ समुन्दर को किनार शिमोन, चमड़ा को धन्दा करन वालो को घर म मेहमान हय।’
شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرى كۈلبەمگە كېلىپ ياخشى قىلدىلا! ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىمىز. | 33 |
तब मय न तुरतच तोरो जवर लोग भेज्यो, अऊर तय न अच्छो करयो जो आय गयो। अब हम सब इत परमेश्वर को आगु हंय, ताकि जो कुछ परमेश्वर न तोरो सी कह्यो हय ओख सुनबो।”
پېترۇس ئاغزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن خۇدانى ھېچقانداق ئادەمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، دەپ چۈشىنىپ يەتتىم؛ بەلكى ھەر ئەلدىن بولغانلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزىدىغان كىشى بولسىلا، ئۇنىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر. | 34 |
तब पतरस न कह्यो, “अब मोख निश्चय भयो कि परमेश्वर कोयी को पक्षपात नहीं करय,
बल्की हर जाति म जो ओको सी डरय अऊर सच्चायी को काम करय हय, ऊ ओख भावय हय।
خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-جاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛ | 36 |
जो वचन ओन इस्राएलियों को जवर भेज्यो, जब ओन यीशु मसीह को द्वारा जो सब को प्रभु हय शान्ति को सुसमाचार सुनायो,
سىلەرنىڭمۇ يەھيا [پەيغەمبەر] چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، گالىلىيەدىن باشلاپ پۈتكۈل يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن ــ يەنى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن مەسىھلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئىبلىسنىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتقانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇر. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. | 37 |
ऊ वचन तुम जानय हय, जो यूहन्ना को बपतिस्मा को प्रचार को बाद गलील सी सुरूवात होय क पूरो यहूदिया प्रदेश म फैल गयो:
परमेश्वर न कौन्सो रीति सी यीशु नासरी ख पवित्र आत्मा अऊर सामर्थ सी अभिषेक करयो; ऊ भलायी करतो अऊर सब ख जो शैतान को सतायो हुयो होतो, अच्छो करतो फिरयो, कहालीकि परमेश्वर ओको संग होतो।
بىزمۇ ئۇنىڭ ھەم يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمدا قىلغان پۈتۈن ئەمەللىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىشى بىلەنمۇ ئۆلتۈردى. | 39 |
हम उन सब कामों को गवाह हंय; जो ओन यहूदियों को देश अऊर यरूशलेम म भी करयो, अऊर उन्न ओख क्रूस पर लटकाय क मार डाल्यो।
بىراق ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ نامايان قىلدى. بىراق ھەممە كىشىلەرگە ئەمەس، پەقەت خۇدا ئۆزى ئالدى بىلەن تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا نامايان قىلدى. | 40 |
ओख परमेश्वर न तीसरो दिन जीन्दो करयो, अऊर प्रगट भी कर दियो हय;
सब लोगों पर नहीं बल्की उन गवाहों पर जिन्ख परमेश्वर न पहिले सी चुन लियो होतो, यानेकि हम पर जिन्न ओको मरयो हुयो म सी जीन्दो होन को बाद ओको संग खायो-पीयो;
ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى. | 42 |
अऊर ओन हम्ख आज्ञा दियो कि लोगों म प्रचार करो अऊर गवाही दे, कि यो उच आय जेक परमेश्वर न जीन्दो अऊर मरयो हुयो को न्यायकर्ता ठहरायो हय।
بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. | 43 |
ओकी सब भविष्यवक्ता गवाही देवय हंय कि जो कोयी ओको पर विश्वास करेंन, ओख ओको नाम को द्वारा पापों की माफी मिलेंन।”
پېترۇس تېخى بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، مۇقەددەس روھ سۆز-كالامنى ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىگە چۈشتى. | 44 |
पतरस या बाते कहतच रह्यो होतो कि पवित्र आत्मा वचन को सब सुनन वालो पर उतर आयो।
پېترۇس بىلەن بىللە كەلگەن خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرى مۇقەددەس روھنىڭ يات ئەللەردىكىلەرگىمۇ ئاتا قىلىنىپ تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. | 45 |
अऊर जितनो खतना करयो हुयो विश्वासी पतरस को संग आयो होतो, हि सब अचम्भित हुयो कि गैरयहूदियों पर भी पवित्र आत्मा को दान कुड़ायो गयो हय।
چۈنكى ئۇلارنىڭ [كارامەت نامەلۇم] تىللاردا سۆزلىشىپ خۇدانى ئۇلۇغلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا پېترۇس: | 46 |
कहालीकि उन्न उन्ख अलग-अलग तरह की भाषा बोलत अऊर परमेश्वर की बड़ायी करतो सुन्यो। येको पर पतरस न कह्यो,
ــ مۇشۇ كىشىلەر بىزگە ئوخشاش مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغۇچى بولغان بولسا، كىم ئۇلارنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىنى توسالىسۇن؟! ــ دېدى. | 47 |
“का कोयी उन्ख रोक सकय हय कि हि बपतिस्मा नहीं पाये, जिन्न हमरो जसो पवित्र आत्मा पायो हय?”
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ رەبنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلار پېترۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىرنەچچە كۈن تۇرۇشىنى ئۆتۈندى. | 48 |
अऊर ओन आज्ञा दियो कि उन्ख यीशु मसीह को नाम म बपतिस्मा दियो जाये। तब उन्न ओको सी बिनती करी कि ऊ कुछ दिन अऊर उन्को संग रहे।