< يۇھاننا 3 1 >

مەنكى ئاقساقال ئۆزۈم ھەقىقەتتە سۆيگەن سۆيۈملۈك گايۇسقا سالام! 1
Starszy Gajowi miłemu, którego ja miłuję w prawdzie.
ئى سۆيۈمكۈك [دوستۇم]، جېنىڭ گۈللەنگەندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ گۈللىنىشىگە ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن. 2
Najmilszy! najprzód żądam, aby ci się dobrze powodziło i abyś był zdrów, tak jako się dobrze powodzi duszy twojej.
قېرىنداشلار كېلىپ، سەندە بولغان ھەقىقەت توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەرگەندە، مەن ئىنتايىن بەك خۇشاللاندىم؛ چۈنكى سەن ھەقىقەتتە داۋاملىق مېڭىۋاتىسەن. 3
Albowiem wielcem się uradował, gdy przyszli bracia, i dali świadectwo o twojej prawdzie, jako ty w prawdzie chodzisz.
ماڭا نىسبەتەن، ئەزىز بالىلىرىمنىڭ ھەقىقەتتە مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر. 4
Większej nad tę radości nie mam, jako gdy słyszę, iż dziatki moje chodzą w szczerości.
سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يېنىڭغا بارغان قېرىنداشلارغا (گەرچە ئۇلار ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ) قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىدە ئىخلاسمەنلىكىڭ ئىسپاتلىنىدۇ. 5
Najmilszy! Wiernie czynisz, cokolwiek czynisz przeciwko braciom i przeciw gościom,
ئۇلار جامائەت ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى يەنە خۇدانىڭ يولىغا لايىق سەپىرىگە ئۇزىتىپ قويساڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن. 6
Którzy świadectwo wydali o miłości twojej przed zborem; i dobrze uczynisz, jeźli ich odprowadzisz, jako przystoi przed Bogiem.
چۈنكى ئۇلار [سەپەردە] يات ئەللىك [ئېتىقادسىزلاردىن] ھېچ نېمە ئالماي، شۇ مۇبارەك نام ئۈچۈن يولغا چىقتى. 7
Albowiem dla imienia jego wyszli, nic nie wziąwszy od pogan.
شۇڭا، ھەقىقەت بىلەن خىزمەتداش بولۇپ تەڭ ئىشلىگۈچى بولۇش ئۈچۈن بىز شۇنداقلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. 8
My tedy takowych powinniśmy przyjmować, abyśmy byli pomocnikami prawdzie.
بۇ توغرۇلۇق جامائەتكە مەكتۈپ يازدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، جامائەتكە باش بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوترەپەس بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. 9
Pisałem do zboru waszego; ale Dyjotrefes, który chce być przedniejszy między nimi, nie przyjmuje nas.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن قىلغان رەزىل سۆزلىرى بىلەن غەيۋىتىنى يۈزىگە سالىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، يەنە [سەپەردىكى] قېرىنداشلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي، قوبۇل قىلماقچى بولغانلارنىمۇ توسىدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى جامائەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ. 10
Przeto jeźli przyjdę, przypomnę uczynki jego, które czyni, słowami złemi obmawiając nas, a nie mając dosyć na tem, i sam braci nie przyjmuje, i tym, co by przyjąć chcieli, zabrania i ze zboru ich wyłącza.
ئى سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئالغىن. ياخشىلىق قىلغۇچى خۇدادىندۇر. يامانلىق قىلغۇچى خۇدانى ھېچ كۆرمىگەندۇر. 11
Najmilszy! nie naśladuj złego, ale dobrego. Kto dobrze czyni, z Boga jest; ale kto źle czyni, nie widział Boga.
دېمىترىئۇسنى بولسا ھەممەيلەن، ھەتتا ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ياخشى گۇۋاھلىق بېرىپ تەرىپلەيدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز ۋە گۇۋاھلىقىمىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى سەنمۇ بىلىسەن. 12
Demetryjuszowi świadectwo jest dane od wszystkich, i od samej prawdy; lecz i my świadectwo o nim dajemy, a wiecie, iż świadectwo nasze prawdziwe jest.
ساڭا يازىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەلەم بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، 13
Wielem miał pisać; lecz nie chcę pisać inkaustem i piórem;
سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن؛ شۇ چاغدا دەرقەمدە سۆزلىشىمىز. ساڭا خاتىرجەملىك يار بولغاي! دوستلاردىن ساڭا سالام. سەنمۇ [ئۇ يەردىكى] دوستلارغا ئىسىم-فامىلىلىرى بويىچە مەندىن سالام ئېيتقايسەن. 14
Bo mam nadzieję, że cię w rychle ujrzę, a tedy ustnie mówić będziemy. Pokój tobie. Pozdrawiają cię przyjaciele. Pozdrów i ty przyjaciół z imienia.

< يۇھاننا 3 1 >