< يۇھاننا 3 1 >
مەنكى ئاقساقال ئۆزۈم ھەقىقەتتە سۆيگەن سۆيۈملۈك گايۇسقا سالام! | 1 |
The eldere man to Gayus, most dere brother, whom Y loue in treuthe.
ئى سۆيۈمكۈك [دوستۇم]، جېنىڭ گۈللەنگەندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ گۈللىنىشىگە ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن. | 2 |
Most dere brothir, of alle thingis Y make preyer, that thou entre, and fare welefuly, as thi soule doith welefuli.
قېرىنداشلار كېلىپ، سەندە بولغان ھەقىقەت توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەرگەندە، مەن ئىنتايىن بەك خۇشاللاندىم؛ چۈنكى سەن ھەقىقەتتە داۋاملىق مېڭىۋاتىسەن. | 3 |
Y ioyede greetli, for britheren camen, and baren witnessing to thi treuthe, `as thou walkist in treuthe.
ماڭا نىسبەتەن، ئەزىز بالىلىرىمنىڭ ھەقىقەتتە مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر. | 4 |
Y haue not more grace of these thingis, than that Y here that my sones walke in treuthe.
سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يېنىڭغا بارغان قېرىنداشلارغا (گەرچە ئۇلار ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ) قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىدە ئىخلاسمەنلىكىڭ ئىسپاتلىنىدۇ. | 5 |
Most dere brother, thou doist feithfuli, what euer thou worchist in britheren, and that in to pilgrymys,
ئۇلار جامائەت ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى يەنە خۇدانىڭ يولىغا لايىق سەپىرىگە ئۇزىتىپ قويساڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن. | 6 |
which yeldiden witnessing to thi charite, in the siyt of the chirche; which thou leddist forth, and doist wel worthili to God.
چۈنكى ئۇلار [سەپەردە] يات ئەللىك [ئېتىقادسىزلاردىن] ھېچ نېمە ئالماي، شۇ مۇبارەك نام ئۈچۈن يولغا چىقتى. | 7 |
For thei wenten forth for his name, and token no thing of hethene men.
شۇڭا، ھەقىقەت بىلەن خىزمەتداش بولۇپ تەڭ ئىشلىگۈچى بولۇش ئۈچۈن بىز شۇنداقلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. | 8 |
Therfor we owen to resseyue siche, that we be euen worcheris of treuthe.
بۇ توغرۇلۇق جامائەتكە مەكتۈپ يازدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، جامائەتكە باش بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوترەپەس بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. | 9 |
I hadde write perauenture to the chirche, but this Diotrepes, that loueth to bere primacie in hem, resseyueth not vs.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن قىلغان رەزىل سۆزلىرى بىلەن غەيۋىتىنى يۈزىگە سالىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، يەنە [سەپەردىكى] قېرىنداشلارنى قوبۇل قىلمايلا قالماي، قوبۇل قىلماقچى بولغانلارنىمۇ توسىدۇ ۋە ھەتتا ئۇلارنى جامائەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ. | 10 |
For this thing, if Y schal come, Y schal moneste hise werkis, whiche he doith, chidinge ayens vs with yuel wordis. And as if these thingis suffisen not to hym, nether he resseyueth britheren, and forbedith hem that resseyuen, and puttith out of the chirche.
ئى سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئالغىن. ياخشىلىق قىلغۇچى خۇدادىندۇر. يامانلىق قىلغۇچى خۇدانى ھېچ كۆرمىگەندۇر. | 11 |
Moost dere brothir, nyle thou sue yuel thing, but that that is good thing. He that doith wel, is of God; he that doith yuel, seeth not God.
دېمىترىئۇسنى بولسا ھەممەيلەن، ھەتتا ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ياخشى گۇۋاھلىق بېرىپ تەرىپلەيدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز ۋە گۇۋاھلىقىمىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى سەنمۇ بىلىسەن. | 12 |
Witnessing is yoldun to Demetrie of alle men, and of treuthe it silf; but also we beren witnessing, and thou knowist, that oure witnessing is trewe.
ساڭا يازىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەلەم بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، | 13 |
Y hadde many thingis to wryte to thee, but Y wolde not write to thee bi enke and penne.
سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن؛ شۇ چاغدا دەرقەمدە سۆزلىشىمىز. ساڭا خاتىرجەملىك يار بولغاي! دوستلاردىن ساڭا سالام. سەنمۇ [ئۇ يەردىكى] دوستلارغا ئىسىم-فامىلىلىرى بويىچە مەندىن سالام ئېيتقايسەن. | 14 |
For Y hope soone to se thee, and we schulen speke mouth to mouth. Pees be to thee. Frendis greten thee wel. Greete thou wel frendis bi name.