< تىموتىيغا 2 1 >
مەسىھ ئەيسادا ۋەدە قىلىنغان ھاياتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام: خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! | 1 |
Mǝsiⱨ Əysada wǝdǝ ⱪilinƣan ⱨayatni elip berix üqün, Hudaning iradisi bilǝn Əysa Mǝsiⱨning rosuli bolƣan mǝnki Pawlustin sɵyümlük balam Timotiyƣa salam: Huda’Atimizdin wǝ Rǝbbimiz Mǝsiⱨ Əysadin sanga meⱨir-xǝpⱪǝt, rǝⱨimdillik wǝ hatirjǝmlik bolƣay!
مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛ | 3 |
Mǝn ata-bowilirimning izini besip sap wijdanim bilǝn hizmitini ⱪiliwatⱪan Hudaƣa tǝxǝkkür eytimǝn, qünki keqǝ-kündüz dualirimda seni tohtawsiz ǝslǝp turimǝn;
كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، شادلىققا چۆمۈشۈم ئۈچۈن سەن بىلەن يەنە دىدارلىشىشقا قاتتىق تەلپۈنۈپ يۈرمەكتىمەن؛ | 4 |
kɵz yaxliringni ǝsliginimdǝ, xadliⱪⱪa qɵmüxüm üqün sǝn bilǝn yǝnǝ didarlixixⱪa ⱪattiⱪ tǝlpünüp yürmǝktimǝn;
چۈنكى سېنىڭدە بولغان ساختىلىقسىز ئېتىقاد ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىستا، ئاندىن ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان، ئەمدى ھازىر سەندىمۇ بار ئىكەن دەپ خاتىرجەمدۇرمەن. | 5 |
qünki seningdǝ bolƣan sahtiliⱪsiz etiⱪad esimdin qiⱪmaydu. Bu etiⱪad ǝng awwal momang Loista, andin anang Ewnikidǝ bar bolƣan, ǝmdi ⱨazir sǝndimu bar ikǝn dǝp hatirjǝmdurmǝn.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىمەنكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويۇشۇم بىلەن سەندە بولغان، [خۇدا] ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپاتنى قايتىدىن يالقۇنلىتىپ جارى قىلغىن. | 6 |
Xuning üqün mǝn xuni ⱪaytidin sanga ǝslitimǝnki, ⱪollirimni uqangƣa ⱪoyuxum bilǝn sǝndǝ bolƣan, [Huda] sanga tǝⱪdim ⱪilƣan iltipatni ⱪaytidin yalⱪunlitip jari ⱪilƣin.
چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى. | 7 |
Qünki Huda bizgǝ ⱪorⱪunqaⱪliⱪning roⱨini ǝmǝs, bǝlki bizgǝ küq-ⱪudrǝtning, meⱨri-muⱨǝbbǝtning wǝ salmaⱪliⱪning Roⱨini tǝⱪdim ⱪildi.
شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛ | 8 |
Xunga Rǝbbimiz ⱨǝⱪⱪidiki hǝwǝr-guwaⱨliⱪtin, yaki Uning mǝⱨbusi bolƣan mǝndin nomus ⱪilma. Əksiqǝ, Hudaning küq-ⱪudriti bilǝn hux hǝwǝrni jakarlax yolidiki harliⱪ-muxǝⱪⱪǝtni ɵz ⱨǝssǝng boyiqǝ ortaⱪ tartⱪin;
خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ (aiōnios ) | 9 |
Huda bizni ɵz ǝmǝllirimizgǝ asasǝn ǝmǝs, bǝlki ɵz muddiasi wǝ meⱨir-xǝpⱪitigǝ asasǝn ⱪutⱪuzup, pak-muⱪǝddǝs qaⱪiriⱪi bilǝn qaⱪirdi; Uning bu meⱨir-xǝpⱪiti ⱨǝmmǝ dǝwr-zamanlardin ilgirila Mǝsiⱨ Əysada bizgǝ beƣixlanƣandur; (aiōnios )
لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى. | 10 |
lekin bu meⱨir-xǝpⱪǝt Ⱪutⱪuzƣuqimiz Əysa Mǝsiⱨning kelixi bilǝn ⱨazir ayan boldi; U ɵlümni bikar ⱪiliwetip, hux hǝwǝr arⱪiliⱪ ⱨayatliⱪ wǝ qirimasliⱪni yoruⱪluⱪta ayan ⱪildi.
مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. | 11 |
Mǝn bolsam ǝllǝrgǝ bu hux hǝwǝrning jakarqisi, rosuli wǝ tǝlim bǝrgüqisi bolup tǝyinlǝngǝn.
مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم. | 12 |
Mǝn xu sǝwǝbtin ⱨazirⱪi bu harliⱪ-muxǝⱪⱪǝtlǝrni tartmaⱪtimǝn. Lekin buningdin nomus ⱪilmaymǝn; qünki mǝn kimgǝ etiⱪad ⱪilƣanliⱪimni bilimǝn ⱨǝmdǝ Uning manga tapxurƣan amanitini xu küngiqǝ saⱪliyalaydiƣanliⱪiƣa ⱪadir ikǝnlikigǝ ixǝndürüldum.
مەندىن ئاڭلىغان ساغلام تەلىم سۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك بىر ئۈزۈندىسىنى ساقلاپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد بىلەن چىڭ تۇتقىن؛ | 13 |
Mǝndin angliƣan saƣlam tǝlim sɵzlirining nǝmunilik bir üzündisini saⱪlap, Mǝsiⱨ Əysada bolƣan muⱨǝbbǝt wǝ etiⱪad bilǝn qing tutⱪin;
بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا. | 14 |
bizdǝ makanlaxⱪan Muⱪǝddǝs Roⱨⱪa tayinip sanga tapxurulƣan xu güzǝl amanǝtni saⱪla.
سەن بىلگىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى [ئېتىقادچىلارنىڭ] ھەممىسى [دېگۈدەك] مەندىن يۈز ئۆرىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېلۇس ۋە خېرموگېنېسمۇ بار. | 15 |
Sǝn bilginingdǝk, Asiya ɵlkisidiki [etiⱪadqilarning] ⱨǝmmisi [degüdǝk] mǝndin yüz ɵridi. Ularning arisida Figelus wǝ Hermogenesmu bar.
رەب ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەي. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى. | 16 |
Rǝb Onesiforning ailisidikilirigǝ rǝⱨim-xǝpⱪǝt kɵrsǝtkǝy. Qünki u mening mǝⱨbus bolƣanliⱪimdin ⱨeq nomus ⱪilmay kɵp ⱪetim meni yoⱪlap sɵyündürdi.
ئۇ رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە مېنى تاپقۇچە كۆپ ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپتۇ. | 17 |
U Rim xǝⱨirigǝ kǝlginidǝ meni tapⱪuqǝ kɵp izdǝp awarǝ boluptu.
رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي؛ ئۇنىڭ ئەفەسۇس شەھىرىدە ماڭا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. | 18 |
Rǝb xu künidǝ uni Ɵzidin rǝⱨim-xǝpⱪǝtkǝ muyǝssǝr ⱪilƣay; uning Əfǝsus xǝⱨiridǝ manga kɵrsǝtkǝn hizmǝtlirining ⱪanqilik ikǝnlikini obdan bilisǝn.