< تىموتىيغا 2 1 >

مەسىھ ئەيسادا ۋەدە قىلىنغان ھاياتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام: خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 1
Παῦλος ἀπόστολος Χριστοῦ Ἰησοῦ διὰ θελήματος Θεοῦ κατ’ ἐπαγγελίαν ζωῆς τῆς ἐν Χριστῷ Ἰησοῦ
2
Τιμοθέῳ ἀγαπητῷ τέκνῳ· χάρις, ἔλεος, εἰρήνη ἀπὸ Θεοῦ Πατρὸς καὶ Χριστοῦ Ἰησοῦ τοῦ Κυρίου ἡμῶν.
مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛ 3
Χάριν ἔχω τῷ Θεῷ, ᾧ λατρεύω ἀπὸ προγόνων ἐν καθαρᾷ συνειδήσει, ὡς ἀδιάλειπτον ἔχω τὴν περὶ σοῦ μνείαν ἐν ταῖς δεήσεσίν μου νυκτὸς καὶ ἡμέρας,
كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، شادلىققا چۆمۈشۈم ئۈچۈن سەن بىلەن يەنە دىدارلىشىشقا قاتتىق تەلپۈنۈپ يۈرمەكتىمەن؛ 4
ἐπιποθῶν σε ἰδεῖν, μεμνημένος σου τῶν δακρύων, ἵνα χαρᾶς πληρωθῶ,
چۈنكى سېنىڭدە بولغان ساختىلىقسىز ئېتىقاد ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىستا، ئاندىن ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان، ئەمدى ھازىر سەندىمۇ بار ئىكەن دەپ خاتىرجەمدۇرمەن. 5
ὑπόμνησιν λαβὼν τῆς ἐν σοὶ ἀνυποκρίτου πίστεως, ἥτις ἐνῴκησεν πρῶτον ἐν τῇ μάμμῃ σου Λωΐδι καὶ τῇ μητρί σου Εὐνίκῃ, πέπεισμαι δὲ ὅτι καὶ ἐν σοί.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىمەنكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويۇشۇم بىلەن سەندە بولغان، [خۇدا] ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپاتنى قايتىدىن يالقۇنلىتىپ جارى قىلغىن. 6
Δι’ ἣν αἰτίαν ἀναμιμνῄσκω σε ἀναζωπυρεῖν τὸ χάρισμα τοῦ Θεοῦ, ὅ ἐστιν ἐν σοὶ διὰ τῆς ἐπιθέσεως τῶν χειρῶν μου.
چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى. 7
οὐ γὰρ ἔδωκεν ἡμῖν ὁ Θεὸς πνεῦμα δειλίας, ἀλλὰ δυνάμεως καὶ ἀγάπης καὶ σωφρονισμοῦ.
شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛ 8
Μὴ οὖν ἐπαισχυνθῇς τὸ μαρτύριον τοῦ Κυρίου ἡμῶν μηδὲ ἐμὲ τὸν δέσμιον αὐτοῦ, ἀλλὰ συνκακοπάθησον τῷ εὐαγγελίῳ κατὰ δύναμιν Θεοῦ,
خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ (aiōnios g166) 9
τοῦ σώσαντος ἡμᾶς καὶ καλέσαντος κλήσει ἁγίᾳ, οὐ κατὰ τὰ ἔργα ἡμῶν ἀλλὰ κατὰ ἰδίαν πρόθεσιν καὶ χάριν, τὴν δοθεῖσαν ἡμῖν ἐν Χριστῷ Ἰησοῦ πρὸ χρόνων αἰωνίων, (aiōnios g166)
لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى. 10
φανερωθεῖσαν δὲ νῦν διὰ τῆς ἐπιφανείας τοῦ Σωτῆρος ἡμῶν Χριστοῦ Ἰησοῦ, καταργήσαντος μὲν τὸν θάνατον φωτίσαντος δὲ ζωὴν καὶ ἀφθαρσίαν διὰ τοῦ εὐαγγελίου,
مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 11
εἰς ὃ ἐτέθην ἐγὼ κήρυξ καὶ ἀπόστολος καὶ διδάσκαλος·
مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم. 12
δι’ ἣν αἰτίαν καὶ ταῦτα πάσχω, ἀλλ’ οὐκ ἐπαισχύνομαι, οἶδα γὰρ ᾧ πεπίστευκα, καὶ πέπεισμαι ὅτι δυνατός ἐστιν τὴν παραθήκην μου φυλάξαι εἰς ἐκείνην τὴν ἡμέραν.
مەندىن ئاڭلىغان ساغلام تەلىم سۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك بىر ئۈزۈندىسىنى ساقلاپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد بىلەن چىڭ تۇتقىن؛ 13
ὑποτύπωσιν ἔχε ὑγιαινόντων λόγων ὧν παρ’ ἐμοῦ ἤκουσας ἐν πίστει καὶ ἀγάπῃ τῇ ἐν Χριστῷ Ἰησοῦ·
بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا. 14
τὴν καλὴν παραθήκην φύλαξον διὰ Πνεύματος Ἁγίου τοῦ ἐνοικοῦντος ἐν ἡμῖν.
سەن بىلگىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى [ئېتىقادچىلارنىڭ] ھەممىسى [دېگۈدەك] مەندىن يۈز ئۆرىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېلۇس ۋە خېرموگېنېسمۇ بار. 15
Οἶδας τοῦτο, ὅτι ἀπεστράφησάν με πάντες οἱ ἐν τῇ Ἀσίᾳ, ὧν ἐστιν Φύγελος καὶ Ἑρμογένης.
رەب ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەي. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى. 16
δῴη ἔλεος ὁ Κύριος τῷ Ὀνησιφόρου οἴκῳ, ὅτι πολλάκις με ἀνέψυξεν, καὶ τὴν ἅλυσίν μου οὐκ ἐπαισχύνθη,
ئۇ رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە مېنى تاپقۇچە كۆپ ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپتۇ. 17
ἀλλὰ γενόμενος ἐν Ῥώμῃ σπουδαίως ἐζήτησέν με καὶ εὗρεν·—
رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي؛ ئۇنىڭ ئەفەسۇس شەھىرىدە ماڭا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. 18
δῴη αὐτῷ ὁ Κύριος εὑρεῖν ἔλεος παρὰ Κυρίου ἐν ἐκείνῃ τῇ ἡμέρᾳ·— καὶ ὅσα ἐν Ἐφέσῳ διηκόνησεν, βέλτιον σὺ γινώσκεις.

< تىموتىيغا 2 1 >