< تىموتىيغا 2 4 >
مەن خۇدا ھەمدە تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ قايتا ئايان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن ساڭا شۇنداق ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، | 1 |
Pamenso a Lesa ne Klistu Yesu, uyo lakesanga kombolosha bayumi ne bafwa, pakwinga lakesanga kali Mwami, ndakwambilinga mwangofu ndeti,
[خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى جاكارلا؛ ۋاقىت-پۇرسەت يار بەرسۇن-بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا جىددىي قارا. تولۇق سەۋر-تاقەت ۋە تەلىم-ئەقىدە بىلەن نەسىھەت قىلغىن، تەنبىھ بەرگىن، رىغبەتلەندۈرگىن. | 2 |
kambauka Mulumbe wa Lesa pa cindi bantu ncebalayandanga kukutika, ne pa cindi ncebatasuni kukutika. Balulamike nekubakalalila kayi ne kubayuminisha pakubeisha ca moyonteka.
چۈنكى شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئىنسانلار ساغلام تەلىمنى ئاڭلاشقا چىدىماي، بەلكى قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئۆز شەھۋەت-ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن تەلىم بەرگۈچىلەرنى توپلايدۇ. | 3 |
Cilakashikinga cindi nceti bakatatike kukana kwiyisha kwa ncine ncine, neco nibakayande beshikwiyisha bintu byelana ne mbyobalandanga kunyumfwa.
ئۇلار ھەقىقەتكە قۇلاق سالماي، ئەپسانىلەرنى تىڭشاشقا بۇرمىلىنىپ كېتىدۇ. | 4 |
Nibakakonkelengo'wa tulabi ne kukana kunyumfwa ca ncine ncine,
لېكىن سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئويغاق تۇر، خارلىق-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەر، خۇش خەۋەرچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندا، تاپشۇرۇلغان خىزمىتىڭنى ھەر تەرەپتىن تولۇق ئادا قىلغىن. | 5 |
obe kolilama mu bintu byonse, kotalefuka mumakatasho, sebensa ncito ya kukambauka Mulumbe Waina, kwanilisha ncito yakobe.
چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى. | 6 |
Ame ndili pepi kufwa. Buyumi bwakame bulyeti mulumbo uletilwanga pa nteme.
گۈزەل كۈرەشنى مەن قىلىپ بولدۇم، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، بىردىنبىر ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ كەلدىم. | 7 |
Ndalwana nkondo yaina, ndapwishi kufwamba lubilo kayi ndashomeke mpaka kumapwililisho.
ھازىر ھەققانىيلىقنىڭ [غەلىبە] تاجى مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنى، ھەققانىي سوراقچى بولغان رەب شۇ كۈنىدە ماڭا، شۇنداقلا يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىپ ئايان بولۇشىغا تەلپۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنئام قىلىپ كىيگۈزىدۇ. | 8 |
Pa cino cindi munshini wa bululami ulampembelelenga uwo Mwami Lesa momboloshi walulama ngoshakampe pa busuba busa, nomba nteti akapo'wa ame ndenka, nsombi nakape bonse balapembelelenga kwisa kwakendi.
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كەل. | 9 |
Fwambana kwisa kuno,
چۈنكى دېماس بۇ ھازىرقى دۇنيانى تاما قىلغانلىقى ئۈچۈن مېنى تاشلاپ تېسالونىكا شەھىرىگە كەتتى. كرىسكىس گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. (aiōn ) | 10 |
Dema layandishishi bintu bya mucishi lanshiyi waya ku Tesalonika. Kelesike waya ku Galatiya, neye Tito waya ku Dalamatiya, (aiōn )
يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەل، چۈنكى ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا كۆپ ئەسقاتىدۇ. | 11 |
Kuno ndili ne Luka enka. Pakwisa ukese pamo ne Maliko kwambeti akese akanyamfweko ncito.
تىكىكۇسنى بولسا ئەفەسۇس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم. | 12 |
Tukiko ndamutuma ku Efenso.
كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە كارپۇسنىڭ يېنىغا قالدۇرۇپ قويغان يېپىنچام بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن. | 13 |
Pakwisa ukandeteleleko munganjo ngondalashiya kuli Kalipo ku Tulowa, kayi ukaletelele asa mabuku akame abipaya.
مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا تولا ئەسكىلىك قىلدى. رەب ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق ياندۇرماي قالمايدۇ. | 14 |
Alekisandulo shatwela usa walanjinshila bintu byaipa, nsombi Mwami Lesa nakamubweshele byaipa.
سەن ھەم ئۇنىڭدىن ھوشيار بول؛ چۈنكى ئۇ بىز يەتكۈزگەن سۆزلىرىمىزگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. | 15 |
Alekisandulo walikutoteka mulumbe ngotwali kukambauka, ne njobe ucenjele nendi.
تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي! | 16 |
Mpondali kulitabilisha pakomboloshewa pa cindi cakutanguna paliya walanyamfwa, bonse balamwaika. Nomba Lesa katabapa mulandu sobwe.
لېكىن رەب مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەن ئارقىلىق ئىنجىل جاكارى تولۇق قىلىنىپ، بۇ يەردىكى بارلىق يات ئەللىكلەردىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مېنى كۈچلەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم. | 17 |
Nomba Lesa walikuba ne njame, walampa ngofu sha kukambauka mulumbe kwambeti bantu batamwishi Lesa, kayi ndalapuluka kulufu.
رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) | 18 |
Lesa nakamfune mu byaipa byonse ne kuntwala mu Bwami bwakendi bwa kwilu. Kulyendiye kube bulemu butapu! Ameni. (aiōn )
پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيت. | 19 |
Umpeleko mitende Pulisika ne Akula ne ba mung'anda ya Onesifolo.
ئېراستۇس كورىنت شەھىرىدە قالدى. لېكىن تروفىمۇس كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېتۇس شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم. | 20 |
Elasito washalila ku Kolinto, neye Tolofimo ndalamushiya kakolwa pa nsumbu ya Mileto.
قىش چۈشۈپ كەتكۈچە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ يەرگە كەلگىن. يۇبۇلۇس، پۇدىس، لىنوس، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام. | 21 |
Ufwambane kwisa kuno kacitana cishika cindi ca mupewo. Yubulu, ne Puludensi, ne Linosi ne Kolodiyasi kayi ne banse bonse bashoma muli Mwami Klistu balamupanga mitende.
رەب ئەيسا مەسىھ روھىڭ بىلەن بىللە بولغاي! مېھىر-شەپقەت سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! | 22 |
Mwami abe nenjobe kayi kwina moyo kwakendi Lesa kube nenjamwe.