< تىموتىيغا 2 3 >
ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. | 1 |
Toto pak věz, že v posledních dnech nastanou časové nebezpeční.
ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، | 2 |
Nebo nastanou lidé sami sebe milující, peníze milující, chlubní, pyšní, zlolejci, rodičů neposlušní, nevděční, bezbožní,
كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، | 3 |
Nelítostiví, smluv nezdrželiví, utrhači, nestředmí, plaší, kterýmž nic dobrého milo není,
ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، | 4 |
Zrádci, přívažčiví, nadutí, rozkoší milovníci více nežli Boha,
سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. | 5 |
Mající způsob pobožnosti, ale moci její zapírajíce, a od takových se odvracuj.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ. | 6 |
Nebo z těch jsou i ti, kteříž nacházejí do domů, a jímajíce, vodí ženky obtížené hříchy, jenž vedeny bývají rozličnými žádostmi,
بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. | 7 |
Kteréž vždycky se učí, ale nikdy ku poznání pravdy přijíti nemohou.
ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ [ئازدۇرغۇچىلارمۇ] ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر. | 8 |
Jakož zajisté Jannes a Jambres zprotivili se Mojžíšovi, tak i tito protiví se pravdě, lidé na mysli porušení a při víře spletení.
لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى [ياننىس بىلەن يامبرىس]نىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ. | 9 |
Ale nebudouť více prospívati. Nebo nemoudrost jejich zjevná bude všechněm, jako i oněchno byla.
لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. | 10 |
Ale ty jsi došel mého učení, způsobu života mého, úmyslu, víry, snášelivosti, lásky, trpělivosti,
Protivenství, utrpení, kteráž na mne přišla v Antiochii, v Ikonii, a v Lystře; kterážto protivenství snášel jsem, ale ze všech vysvobodil mne Pán.
دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. | 12 |
A takž i všickni, kteříž chtějí zbožně živi býti v Kristu Ježíši, protivenství míti budou.
لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ. | 13 |
Zlí pak lidé a svůdcové prospívati budou ze zlého v horší, i jiné v blud uvodíce, i sami bludem pojati jsouce.
لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، | 14 |
Ale ty zůstávej v tom, čemužs se naučil a cožť jest svěřeno, věda, od kohos se naučil.
ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن. | 15 |
A že hned od dětinství svatá Písma znáš, kteráž tě mohou moudrého učiniti k spasení skrze víru, kteráž jest v Kristu Ježíši.
پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. | 16 |
Všeliké zajisté Písmo od Boha jest vdechnuté, a užitečné k učení, k trestání, k napravování, k správě, kteráž náleží k spravedlnosti,
بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ. | 17 |
Aby byl dokonalý člověk Boží, ke všelikému skutku dobrému hotový.