< تېسالونىكالىقلارغا 2 3 >

ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، [ھەرقانداق يەردە] تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن؛ 1
Enfin, frères, priez pour nous, afin que la parole du Seigneur se répande rapidement et soit glorifiée, comme aussi chez vous,
شۇنىڭدەك بىزنىڭ قەبىھ ۋە رەزىل ئادەملەردىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ھەممىلا ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادلىق بولۇۋەرمەيدۇ. 2
et que nous soyons délivrés des hommes déraisonnables et méchants; car tous n'ont pas la foi.
ئەمما رەب ئۆزى ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ. 3
Mais le Seigneur est fidèle, il vous affermira et vous protégera du malin.
ئەمما رەبدە، سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداقلا داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ، دەپ خاتىرجەممىز. 4
Nous avons confiance dans le Seigneur à votre égard, car vous faites et ferez ce que nous vous ordonnons.
ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي. 5
Que le Seigneur dirige vos cœurs dans l'amour de Dieu et dans la persévérance du Christ.
ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار. 6
Or nous vous ordonnons, frères, au nom de notre Seigneur Jésus-Christ, de vous retirer de tout frère qui marche dans la rébellion et non selon la tradition qu'ils ont reçue de nous.
بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر؛ چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا تەرتىپسىز يۈرمىگەنىدۇق. 7
Car vous savez comment vous devez nous imiter. Car nous ne nous sommes pas conduits au milieu de vous de manière rebelle,
ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمەيتتۇق؛ بەلكى بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈزلەپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق ئىشلەيتتۇق. 8
et nous n'avons pas mangé le pain de la main de quelqu'un sans le payer, mais nous avons travaillé nuit et jour à force de travail et de peines, afin de n'être à la charge d'aucun de vous.
بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم كۈتۈشكە ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى سىلەرگە بىزدىن ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇپ، سىلەرنىڭ بىزگە ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. 9
Ce n'est pas que nous n'en ayons pas le droit, mais c'est pour vous servir d'exemple, afin que vous nous imitiez.
چۈنكى بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرگە: «بىرسى ئىشلىمەيمەن دېسە، ئۇ يېمىسۇن!» دەپ تاپىلىغانىدۇق. 10
En effet, lorsque nous étions avec vous, nous vous avions déjà donné cet ordre: « Si quelqu'un ne veut pas travailler, qu'il ne mange pas ».
چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. 11
Car nous avons entendu parler de quelques-uns qui marchent parmi vous en révoltés, qui ne travaillent pas du tout, mais qui s'occupent.
بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن ئۆز نېنىڭلارنى تېپىپ يەڭلار. 12
Or, nous ordonnons et exhortons dans le Seigneur Jésus-Christ ceux qui sont dans cette voie, afin qu'ils travaillent tranquillement et mangent leur propre pain.
لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئېرىنمەڭلار. 13
Mais vous, frères, ne vous lassez pas de faire ce qui est juste.
ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار. 14
Si quelqu'un n'obéit pas à ce que nous avons dit dans cette lettre, notez-le et ne le fréquentez pas, afin qu'il ait honte.
بىراق، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار. 15
Ne le considère pas comme un ennemi, mais exhorte-le comme un frère.
خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي. رەب ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! 16
Maintenant, que le Seigneur de la paix lui-même vous donne la paix en tout temps et de toutes les manières. Le Seigneur soit avec vous tous.
مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم؛ بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر. 17
Moi, Paul, j'écris cette salutation de ma propre main, qui est le signe dans chaque lettre. C'est ainsi que j'écris.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! 18
Que la grâce de notre Seigneur Jésus-Christ soit avec vous tous. Amen.

< تېسالونىكالىقلارغا 2 3 >