< تېسالونىكالىقلارغا 2 2 >
ئى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىنىشىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈمىزكى، | 1 |
Now we beseech you, brethren, by the comming of our Lord Iesus Christ, and by our assembling vnto him,
ئەگەر سىلەر «مەلۇم روھتىن كەلگەن ۋەھىي»دىن بولسۇن، بىرسىنىڭ سۆز-تەلىمىدىن بولسۇن ياكى «بىزنىڭ نامىمىزدا» يېزىلغان مەلۇم خەتلەردىن بولسۇن «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار! | 2 |
That ye be not suddenly mooued from your minde, nor troubled neither by spirit, nor by worde, nor by letter, as it were from vs, as though the day of Christ were at hand.
بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «[چوڭ] يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ. | 3 |
Let no man deceiue you by any meanes: for that day shall not come, except there come a departing first, and that that man of sinne be disclosed, euen the sonne of perdition,
شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ. | 4 |
Which is an aduersarie, and exalteth him selfe against all that is called God, or that is worshipped: so that he doeth sit as God in the Temple of God, shewing him selfe that he is God.
مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتقىنىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟ | 5 |
Remember ye not, that when I was yet with you, I tolde you these things?
ۋە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈن، نېمىنىڭ ئۇنى توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىلەرگە مەلۇم. | 6 |
And nowe ye knowe what withholdeth that he might be reueiled in his time.
چۈنكى «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلماقتا؛ لېكىن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە توسۇپ كېلىۋاتقان بىرسى باردۇر؛ ئۇ ئوتتۇرىدىن چىققۇچە شۇنداق توسۇقلۇق پېتى تۇرىدۇ؛ | 7 |
For the mysterie of iniquitie doeth already worke: onely he which nowe withholdeth, shall let till he be taken out of the way.
ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ. | 8 |
And then shall that wicked man be reueiled, whome the Lord shall consume with the Spirit of his mouth, and shall abolish with the brightnes of his comming,
«قانۇننى يوقاتقۇچى»نىڭ مەيدانغا چىقىشى شەيتاننىڭ پەنتلىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇدرەت، مۆجىزە ۋە يالغان كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، | 9 |
Euen him whose comming is by the effectuall working of Satan, with all power, and signes, and lying wonders,
ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر. | 10 |
And in al deceiuablenes of vnrighteousnes, among them that perish, because they receiued not the loue of the trueth, that they might be saued.
شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا يالغانچىلىققا ئىشەنسۇن دەپ ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. | 11 |
And therefore God shall send them strong delusion, that they should beleeue lies,
نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. | 12 |
That all they might be damned which beleeued not the trueth, but had pleasure in vnrighteousnes.
لېكىن، ئەي، رەب سۆيگەن قېرىنداشلار، بىز سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇكى، خۇدا روھنىڭ ۋاسىتىسىدە پاك-مۇقەددەس قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق سىلەرنى نىجاتقا ئېرىشىشكە مۇقەددەمدىلا تاللىۋالدى. | 13 |
But we ought to giue thankes alway to God for you, brethren beloued of the Lord, because that God hath from the beginning chosen you to saluation, through sanctification of the Spirit, and the faith of trueth,
ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى شۇ نىجاتقا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشكە چاقىردى. | 14 |
Whereunto he called you by our Gospel, to obtaine the glory of our Lord Iesus Christ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمنى چىڭ تۇتۇڭلار! | 15 |
Therefore, brethren, stand fast and keepe the instructions, which ye haue bene taught, either by worde, or by our Epistle.
ئەمدى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى ۋە بىزنى سۆيگەن، مېھىر-شەپقەت بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت-تەسەللى ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز قەلبىڭلارنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرنى ھەربىر گۈزەل ئىش قىلىشتا، ھەربىر ياخشى سۆزلەرنى يەتكۈزۈشتە كۈچلەندۈرگەي! (aiōnios ) | 16 |
Now the same Iesus Christ our Lord; and our God euen the Father which hath loued vs, and hath giuen vs euerlasting consolation and good hope through grace, (aiōnios )
Comfort your hearts, and stablish you in euery word and good worke.