< تېسالونىكالىقلارغا 2 1 >

مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. 1
Paulus, et Sylvanus, et Timotheus, ecclesiæ Thessalonicensium in Deo Patre nostro, et Domino Jesu Christo.
خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! 2
Gratia vobis, et pax a Deo Patre nostro, et Domino Jesu Christo.
سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا. 3
Gratias agere debemus semper Deo pro vobis, fratres, ita ut dignum est, quoniam supercrescit fides vestra, et abundat caritas uniuscujusque vestrum in invicem:
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ 4
ita ut et nos ipsi in vobis gloriemur in ecclesiis Dei, pro patientia vestra, et fide, et in omnibus persecutionibus vestris, et tribulationibus, quas sustinetis
بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛ 5
in exemplum justi judicii Dei, ut digni habeamini in regno Dei, pro quo et patimini.
شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ 6
Si tamen justum est apud Deum retribuere tribulationem iis qui vos tribulant:
7
et vobis, qui tribulamini, requiem nobiscum in revelatione Domini Jesu de cælo cum angelis virtutis ejus,
شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ. 8
in flamma ignis dantis vindictam iis qui non noverunt Deum, et qui non obediunt Evangelio Domini nostri Jesu Christi,
بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. (aiōnios g166) 9
qui pœnas dabunt in interitu æternas a facie Domini, et a gloria virtutis ejus: (aiōnios g166)
ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ. 10
cum venerit glorificari in sanctis suis, et admirabilis fieri in omnibus, qui crediderunt, quia creditum est testimonium nostrum super vos in die illo.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز [ئۇلۇغ] چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي. 11
In quo etiam oramus semper pro vobis: ut dignetur vos vocatione sua Deus noster, et impleat omnem voluntatem bonitatis, et opus fidei in virtute,
شۇنىڭ بىلەن، خۇدايىمىزنىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى سىلەردە شان-شەرەپ بولۇپ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇنىڭدا شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. 12
ut clarificetur nomen Domini nostri Jesu Christi in vobis, et vos in illo secundum gratiam Dei nostri, et Domini Jesu Christi.

< تېسالونىكالىقلارغا 2 1 >