< سامۇئىل 2 1 >
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى قىرغىن قىلىپ يېنىپ كەلگەندە، ئۇ زىكلاگدا ئىككى كۈن تۇردى. | 1 |
Saul ölgendin kéyin, Dawut Amaleklerni qirghin qilip yénip kelgende, u Ziklagda ikki kün turdi.
ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، مانا سائۇلنىڭ لەشكەرگاھىدىن كىيىمى يىرتىق ۋە بېشىغا توپا-چاڭ چاچقان بىر ئادەم كەلدى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەرگە يىقىلىپ باش ئۇردى. | 2 |
Üchinchi küni shundaq boldiki, mana Saulning leshkergahidin kiyimi yirtiq we béshigha topa-chang chachqan bir adem keldi. U Dawutning qéshigha kelgende, yerge yiqilip bash urdi.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: نەدىن كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىدىن قېچىپ كەلدىم ــ دېدى. | 3 |
Dawut uningdin: Nedin kelding? dep soridi. U jawap bérip: Israilning leshkergahidin qéchip keldim — dédi.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ئىش قانداق بولدى؟ ماڭا دەپ بەرگىن، دېدى. ئۇ: خەلق جەڭدىن قاچتى، خەلقتىن بەك جىق كىشى سوقۇشتا ئۆلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ئۆلدى، ــ دېدى. | 4 |
Dawut uningdin: Ish qandaq boldi? Manga dep bergin, dédi. U: Xelq jengdin qachti, xelqtin bek jiq kishi soqushta öldi. Saul bilen oghli Yonatanmu öldi, — dédi.
داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگىنىنى قانداق بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. | 5 |
Dawut xewer élip kelgen yigittin: Saul bilen oghli Yonatanning ölginini qandaq bilding? — dep soridi.
ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن يىگىت: مەن تاسادىپىي گىلبوئا تېغىغا چىققانىدىم، مانا سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ؛ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قوغلاۋاتاتتى. | 6 |
Uninggha xewer bergen yigit: Men tasadipiy Gilboa téghigha chiqqanidim, mana Saul neyzige yölinip turuptu; jeng harwiliri we atliqlar uninggha hujum qilip uni qoghlawatatti.
ئۇ كەينىگە قاراپ مېنى كۆرۈپ چاقىردى. مەن «مانا مەن»، دېدىم. | 7 |
U keynige qarap méni körüp chaqirdi. Men «Mana men», dédim.
ئۇ: ئۆزۈڭ كىم بولىسەن، دەپ مەندىن سورىۋىدى، مەن ئامالەكلەردىنمەن، دېدىم. | 8 |
U: Özüng kim bolisen, dep mendin soriwidi, men Amaleklerdinmen, dédim.
ئۇ يەنە ماڭا: ئۈستۈمدە تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ گەرچە جېنىم مەندە بولسىمۇ، مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ــ دېدى. | 9 |
U yene manga: Üstümde turup méni öltürüwetkin; gerche jénim mende bolsimu, men bek azaplinip kétiwatimen — dédi.
شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، چۈنكى، ئۇ شۇ ھالدا يىقىلسىلا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاندىن بېشىدىكى تاجنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكنى ئېلىپ مۇشۇ يەرگە غوجامغا ئېلىپ كەلدىم، ــ دېدى. | 10 |
Shunga men uning üstide turup, uni öltürdüm, chünki, u shu halda yiqilsila, tirik qalmaydighanliqini bilettim. Andin béshidiki tajni we bilikidiki bilezükni élip mushu yerge ghojamgha élip keldim, — dédi.
شۇئان داۋۇت ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، تىلما-تىلما قىلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئادەملەرمۇ ھەم شۇنداق قىلدى. | 11 |
Shuan Dawut öz kiyimlirini yirtip, tilma-tilma qiliwetti; uning bilen bolghan barliq ademlermu hem shundaq qildi.
ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئاھ-زار كۆتۈرۈپ كەچكىچە روزا تۇتتى؛ چۈنكى ئۇلار قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ قازا قىلغانىدى. | 12 |
Ular Saul bilen oghli Yonatan üchün, Perwerdigarning xelqi üchün, shundaqla Israilning jemeti üchün matem tutup ah-zar kötürüp kechkiche roza tutti; chünki ular qilich astida yiqilip qaza qilghanidi.
داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە خەۋەر بەرگەن يىگىتتىن: قەيەردىن سەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: مەن بىر ئامالەك مۇساپىرنىڭ ئوغلىمەن ــ دېدى. | 13 |
Dawut uning özige xewer bergen yigittin: Qeyerdin sen? — dep soridi. U: Men bir Amalek musapirning oghlimen — dédi.
داۋۇت ئۇنىڭغا: سەن قانداقمۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ھالاك قىلىشقا قولۇڭنى سوزۇشتىن قورقمىدىڭ؟ ــ دېدى. | 14 |
Dawut uninggha: Sen qandaqmu Perwerdigarning mesih qilghinini halak qilishqa qolungni sozushtin qorqmiding? — dédi.
ئاندىن داۋۇت ئۆز غۇلاملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: بۇياققا كەل، ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگىن ــ دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئۇرۇۋىدى، [ئامالەك] ئۆلدى. | 15 |
Andin Dawut öz ghulamliridin birini chaqirip uninggha: Buyaqqa kel, uninggha étilip bérip, uni öltürgin — dep buyrudi. Shuning bilen u uni uruwidi, [Amalek] öldi.
داۋۇت ئۇنىڭغا: قان قەرزىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! چۈنكى ئۆز ئاغزىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ئۆلتۈرگىنىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئەيىبلىدى، ــ دېدى. | 16 |
Dawut uninggha: Qan qerzing béshinggha chüshsun! Chünki öz aghzing Perwerdigarning mesih qilghinini öltürginingge guwahliq bérip eyiblidi, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ مۇنداق بىر نەزمە ئوقۇدى | 17 |
Shuning bilen Dawut Saul bilen oghli Yonatan üchün matem tutup mundaq bir nezme oqudi
(ئۇ «ئوقيا» دەپ ئاتالغان بۇ نەزمىنى پۈتكۈل يەھۇدا خەلقىگە ئۆگىتىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى): ــ | 18 |
(u «Oqya» dep atalghan bu nezmini pütkül Yehuda xelqige ögitinglar, dep buyrudi. Derweqe u «Yashar» dégen kitabta pütülgenidi): —
ــ ئى ئىسرائىل، سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ | 19 |
— I Israil, séning güzel ezizing yuqiri jayliringda qirghin bolup yatidu! Palwanlar shundaq dehshetlik yiqildighu!?
گات شەھىرىدە بۇ خەۋەرنى بەرمەڭلار، ئاشكېلوننىڭ كوچىلىرىدا ئۇنى ئېلان قىلماڭلار، فىلىستىيىنىڭ قىزلىرى شادلانمىسۇن، خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى تەنتەنە قىلمىسۇن! | 20 |
Gat shehiride bu xewerni bermenglar, Ashkélonning kochilirida uni élan qilmanglar, Filistiyining qizliri shadlanmisun, Xetnisizlerning qizliri tentene qilmisun!
ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن، نە سىلەردە كۆتۈرۈلمە ھەدىيەلەر ئۈچۈن ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار يەنە كۆرۈنمىسۇن! چۈنكى ئۇ يەردە پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى؛ سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمەيدىغان بولدى. | 21 |
I Gilboa taghliri, üstünglargha ne shebnem bolmisun, ne yamghur chüshmisun, Ne silerde kötürülme hediyeler üchün hosul béridighan étizlar yene körünmisun! Chünki u yerde palwanlarning qalqini bulghandi; Saulning qalqini yagh bilen sürülmeydighan boldi.
قىرىلىدىغانلارنىڭ قېنىنى تۆكمەي، پالۋانلارنىڭ تېنىدىكى يېغىنى چاپماي، يوناتاننىڭ ئوقياسى ھېچقاچان [جەڭدىن] يانغان ئەمەس، سائۇلنىڭ قىلىچى ھېچقاچان قىنىغا قايتقان ئەمەس. | 22 |
Qirilidighanlarning qénini tökmey, Palwanlarning ténidiki yéghini chapmay, Yonatanning oqyasi héchqachan [jengdin] yan’ghan emes, Saulning qilichi héchqachan qinigha qaytqan emes.
سائۇل بىلەن يوناتان ھايات ۋاقتىدا سۆيۈملۈك ھەم يېقىملىق ئىدى، ئۇلار ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى؛ ئۇلار بۈركۈتلەردىن چاققان، شىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى. | 23 |
Saul bilen Yonatan hayat waqtida söyümlük hem yéqimliq idi, Ular ölümidimu bir-biridin ayrilmidi; Ular bürkütlerdin chaqqan, shirlardin küchlük idi.
ئى ئىسرائىل قىزلىرى، سائۇل ئۈچۈن يىغلاڭلار، ئۇ سىلەرنى بېزەپ قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، كىيىملىرىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بىلەن زىننەتلىگەنىدى. | 24 |
I Israil qizliri, Saul üchün yighlanglar, U silerni bézep qizghuch kiyimlerni kiydürüp, Kiyimliringlarni altun zibu-zinnet bilen zinnetligenidi.
پالۋانلار كەسكىن جەڭدە شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ يوناتان يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! | 25 |
Palwanlar keskin jengde shundaq dehshetlik yiqildighu!? Yonatan yuqiri jayliringda qirghin bolup yatidu!
سەن ئۈچۈن ھەسرەتتە قالدىم، ئى ئىنىم يوناتان! ماڭا شۇنچە سۆيۈملۈك ئىدىڭ! ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قالتىس ئىدى، ھەتتا قىز-ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئارتۇق ئىدى. | 26 |
Sen üchün hesrette qaldim, i inim Yonatan! Manga shunche söyümlük iding! Manga bolghan muhebbiting qaltis idi, Hetta qiz-ayallarning muhebbitidin artuq idi.
پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ! جەڭ قوراللىرى شۇنداق دەھشەتلىك ۋەيران قىلىندىغۇ!» | 27 |
Palwanlar shundaq dehshetlik yiqildighu! Jeng qoralliri shundaq dehshetlik weyran qilindighu!»