< سامۇئىل 2 9 >

داۋۇت: سائۇلنىڭ ئۆيىدىن تىرىك قالغان بىرەرسى بارمىكىن، بار بولسا مەن يوناتاننىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتەي؟ ــ دېدى. 1
Dawut: Saulning öyidin tirik qalghan birersi barmikin, bar bolsa men Yonatanning hörmitide uninggha shapaet körsitey? — dédi.
ئەمدى سائۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى زىبا دېگەن بىر خىزمەتكار قالغانىدى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا چاقىردى. كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: سەن زىبامۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: پېقىر مەن شۇ! ــ دېدى. 2
Emdi Saulning ailisidiki Ziba dégen bir xizmetkar qalghanidi. Ular uni Dawutning qéshigha chaqirdi. Kelgende, padishah uningdin: Sen Zibamu? dep soridi. U: Péqir men shu! — dédi.
پادىشاھ: سائۇلنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەرسى تىرىك قالدىمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ شاپائىتىنى كۆرسىتەي دەۋاتىمەن، ــ دېدى. زىبا پادىشاھقا: يوناتاننىڭ بىر ئوغلى تىرىك قالدى؛ ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقسايدۇ ــ دېدى. 3
Padishah: Saulning ailisidin birersi tirik qaldimu? Men uninggha Xudaning shapaitini körsitey dewatimen, — dédi. Ziba padishahqa: Yonatanning bir oghli tirik qaldi; uning ikki puti aqsaydu — dédi.
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئۇ قەيەردە، دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا: ئۇ لو-دىباردا، ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ ــ دېدى. 4
Padishah uningdin: U qeyerde, dep soridi. Ziba padishahqa: U Lo-Dibarda, Ammielning oghli Makirning öyide turidu — dédi.
شۇڭا داۋۇت پادىشاھ كىشى ئەۋەتىپ ئۇنى لو-دىباردىن، ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلدى. 5
Shunga Dawut padishah kishi ewetip uni Lo-Dibardin, Ammielning oghli Makirning öyidin élip keldi.
سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مەفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، يۈزىنى يەرگە يىقىپ، تەزىم قىلدى. داۋۇت: [سەن] مەفىبوشەتمۇ؟ ــ دەپ چاقىرىۋىدى، ئۇ: پېقىر شۇ! ــ دەپ جاۋاپ قايتۇردى. 6
Saulning newrisi, Yonatanning oghli Mefiboshet Dawutning aldigha kelgende, yüzini yerge yiqip, tezim qildi. Dawut: [Sen] Mefiboshetmu? — dep chaqiriwidi, u: Péqir shu! — dep jawap qayturdi.
داۋۇت ئۇنىڭغا: قورقمىغىن، ئاتاڭ يوناتان ئۈچۈن، ساڭا شاپائەت قىلماي قالمايمەن؛ بوۋاڭ سائۇلنىڭ ھەممە يەر-زېمىنلىرىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي، سەن ھەمىشە مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىنىسەن ــ دېدى. 7
Dawut uninggha: Qorqmighin, atang Yonatan üchün, sanga shapaet qilmay qalmaymen; bowang Saulning hemme yer-zéminlirini sanga qayturup bérey, sen hemishe méning dastixinimdin ghizalinisen — dédi.
مەفىبوشەت تەزىم قىلىپ: قۇلۇڭ نېمە ئىدى، مەندەك بىر ئۆلۈك ئىت ئالىيلىرى قەدىرلىگۈدەك نېمە ئىدىم؟ ــ دېدى. 8
Mefiboshet tezim qilip: Qulung néme idi, mendek bir ölük it aliyliri qedirligüdek néme idim? — dédi.
ئاندىن پادىشاھ سائۇلنىڭ خىزمەتكارى زىبانى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سائۇلنىڭ ۋە پۈتكۈل ئائىلىسىنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتىنى مانا مەن غوجاڭنىڭ ئوغلىنىڭ قولىغا بەردىم. 9
Andin padishah Saulning xizmetkari Zibani chaqirip uninggha: Saulning we pütkül ailisining hemme teelluqatini mana men ghojangning oghlining qoligha berdim.
سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلىپ، چىققان مەھسۇلاتلىرىنى غوجاڭنىڭ ئوغلىغا يېيىشكە تاپشۇرۇڭلار. غوجاڭنىڭ ئوغلى مەفىبوشەت مەن بىلەن ھەمىشە ھەمداستىخان بولۇپ غىزالىنىدۇ، ــ دېدى (زىبانىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى). 10
Sen bilen oghulliring we xizmetkarliring uning üchün shu zéminda tériqchiliq qilip, chiqqan mehsulatlirini ghojangning oghligha yéyishke tapshurunglar. Ghojangning oghli Mefiboshet men bilen hemishe hemdastixan bolup ghizalinidu, — dédi (Zibaning on besh oghli we yigirme xizmetkari bar idi).
زىبا پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ قۇللىرىغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە كەمىنىلىرى ئەمەل قىلىدۇ، ــ دېدى. پادىشاھ داۋۇت [يەنە]: مەفىبوشەت بولسا پادىشاھنىڭ بىر ئوغلىدەك داستىخىنىمدىن تائام يېسۇن ــ [دېدى]. 11
Ziba padishahqa: Ghojam padishah qullirigha buyrughanning hemmisige keminiliri emel qilidu, — dédi. Padishah Dawut [yene]: Mefiboshet bolsa padishahning bir oghlidek dastixinimdin taam yésun — [dédi].
مەفىبوشەتنىڭ مىكا دېگەن كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى. 12
Mefiboshetning Mika dégen kichik bir oghli bar idi. Zibaning öyide turuwatqanlarning hemmisi Mefiboshetning xizmetkarliri boldi.
ئەمدى مەفىبوشەت يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ چۈنكى ئۇ ھەمىشە پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تائام يەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقساق ئىدى. 13
Emdi Mefiboshet Yérusalémda turatti; chünki u hemishe padishahning dastixinidin taam yep turatti. Uning ikki puti aqsaq idi.

< سامۇئىل 2 9 >