< سامۇئىل 2 8 >
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن مەركىزىي شەھەرنىڭ ھوقۇقىنى ئالدى. | 1 |
此后,大卫攻打非利士人,把他们治服,从他们手下夺取了京城的权柄;
ئۇ ھەم موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، تانا بىلەن ئۆلچەپ، ئىككى تانا كەلگەنلەرنى ئۆلتۈردى، بىر تانا كەلگەنلەرنى تىرىك قالدۇردى. موئابىيلار بولسا داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى. | 2 |
又攻打摩押人,使他们躺卧在地上,用绳量一量:量二绳的杀了,量一绳的存留。摩押人就归服大卫,给他进贡。
ئاندىن زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەر ئەفرات دەرياسىغا چىقىپ، شۇ يەردىكى ھاكىمىيەتنى ئۆزىگە قايتىدىن تارتىۋالماقچى بولغاندا، داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى. | 3 |
琐巴王利合的儿子哈大底谢往大河去,要夺回他的国权。大卫就攻打他,
داۋۇت ئۇنىڭ قوشۇنىدىن بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتلىق ئەسكەرنى ۋە يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئەسىر قىلدى؛ داۋۇت ھارۋا ئاتلىرىنىڭ پىيىنى كەستۈردى، لېكىن ئۆزىگە يۈز ھارۋىلىق ئاتنى قالدۇرۇپ قويدى. | 4 |
擒拿了他的马兵一千七百,步兵二万,将拉战车的马砍断蹄筋,但留下一百辆车的马。
دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقتى، لېكىن داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. | 5 |
大马士革的亚兰人来帮助琐巴王哈大底谢,大卫就杀了亚兰人二万二千。
ئاندىن داۋۇت بىرنەچچە بارگاھ ئەسكەرلەرنى دەمەشقتىكى سۇرىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغۇزدى؛ شۇنىڭ بىلەن سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى. | 6 |
于是大卫在大马士革的亚兰地设立防营,亚兰人就归服他,给他进贡。大卫无论往哪里去,耶和华都使他得胜。
داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ غۇلاملىرىغا تەمىنلەنگەن ئالتۇن قالقاننى تارتىۋېلىپ، يېرۇسالېمغا كەلتۈردى | 7 |
他夺了哈大底谢臣仆所拿的金盾牌,带到耶路撒冷。
ۋە ھادادئېزەرنىڭ شەھەرلىرى بولغان بىتاھ بىلەن بىروتاي شەھەرلىرىدىنمۇ ئىنتايىن كۆپ مىسنى قولغا چۈشۈردى. | 8 |
大卫王又从属哈大底谢的比他和比罗他城中夺取了许多的铜。
خاماتنىڭ پادىشاھى توي داۋۇتنىڭ ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، | 9 |
哈马王陀以听见大卫杀败哈大底谢的全军,
ئۆز ئوغلى يورامنى داۋۇتنىڭ ھالىنى سوراشقا ۋە داۋۇتنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغىنىغا ئۇنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى ھادادئېزەر دائىم توي بىلەن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتاتتى. يورام بولسا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە مىس قاچا-بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. | 10 |
就打发他儿子约兰去见大卫王,问他的安,为他祝福,因为他杀败了哈大底谢(原来陀以与哈大底谢常常争战)。约兰带了金银铜的器皿来,
داۋۇت پادىشاھ مۇشۇلارنى ۋە ئۆزى بېقىندۇرغان ھەممە ئەللەردىن، جۈملىدىن سۇرىيلەردىن، موئابىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىدى. بۇلار زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەردىن ئالغان ئولجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. | 11 |
大卫王将这些器皿和他治服各国所得来的金银都分别为圣,献给耶和华,
就是从亚兰、摩押、亚扪、非利士、亚玛力人所得来的,以及从琐巴王利合的儿子哈大底谢所掠之物。
داۋۇت سۇرىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنى ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى «شور ۋادىسى»دا ئۆلتۈرۈپ يانغاندا، ئۇنىڭ نام-داڭقى خېلى چىققانىدى. | 13 |
大卫在盐谷击杀了亚兰一万八千人回来,就得了大名;
ئۇ ئېدومدا ئەسكەر بارگاھلىرىنى تۇرغۇزدى؛ پۈتۈن ئېدومدا بارگاھلارنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئېدومىيلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى. | 14 |
又在以东全地设立防营,以东人就都归服大卫。大卫无论往哪里去,耶和华都使他得胜。
داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پۈتكۈل خەلقىنى سوراپ، ئادىل ھۆكۈملەر چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزەتتى. | 15 |
大卫作以色列众人的王,又向众民秉公行义。
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇننىڭ سەردارى بولدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا بولدى؛ | 16 |
洗鲁雅的儿子约押作元帅;亚希律的儿子约沙法作史官;
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك كاھىن بولدى؛ سېرايا دىۋان بېگى بولدى. | 17 |
亚希突的儿子撒督和亚比亚他的儿子亚希米勒作祭司长;西莱雅作书记;
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى بولدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىمۇ كاھىن بولدى. | 18 |
耶何耶大的儿子比拿雅统辖基利提人和比利提人。大卫的众子都作领袖。