< سامۇئىل 2 7 >
پادىشاھ ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ئارام بەرگەندىن كېيىن، | 1 |
Comme le Roi était établi dans sa maison, et que de toutes parts l'Éternel lui assurait le repos de la part de tous ses ennemis,
پادىشاھ ناتان پەيغەمبەرگە: مانا قارا، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئۆيدە ئولتۇرىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىر چىدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ ــ دېدى. | 2 |
le Roi dit à Nathan, le prophète: Considère donc que j'habite un palais de cèdre et que l'Arche de Dieu loge entre des toiles!
ناتان پادىشاھقا جاۋاپ بېرىپ: كۆڭلۈڭدە نېمە ئويلىغىنىڭ بولسا، شۇنى قىلغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر ــ دېدى. | 3 |
Et Nathan dit au Roi: Tout ce que tu as au cœur, va, exécute-le, car l'Éternel est avec foi.
لېكىن كېچىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ناتانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: | 4 |
Mais, la nuit même, la parole de l'Éternel fut adressée à Nathan en ces termes:
ــ بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا دېگىن: «پەرۋەردىگار: ــ «سەن دەرۋەقە ماڭا تۇرىدىغانغا ئۆي سالماقچىمۇسەن؟» ــ دەيدۇ. | 5 |
Va et dis à mon serviteur, à David: Ainsi parle l'Éternel: Est-ce bien toi qui me bâtiras une Maison pour ma Résidence?
ــ «مەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقارغاندىن تارتىپ، بۇ كۈنگىچە بىر ئۆيدە ئولتۇرمىدىم، بەلكى بىر چېدىرنى ماكان قىلىپ، كېزىپ يۈردۈم. | 6 |
Aussi bien, je n'ai point eu de maison comme demeure depuis le jour où j'ai tiré de l'Egypte les enfants d'Israël, jusqu'au jour actuel, et j'ai voyagé sous la tente et dans le pavillon
مەن ئۆزۈم بارلىق ئىسرائىللار بىلەن يۈرگەن ھەممە يەرلەردە، خەلقىم ئىسرائىلنى پادىچى بولۇپ بېقىشقا ئەمر قىلغانلارغا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەرقانداق قەبىلىسىنىڭ بىر [يېتەكچىسىگە]: نېمىشقا ماڭا كېدىر ياغاچتىن بىر ئۆي ياسىمايسىلەر؟ ــ دەپ باققانمۇ؟ | 7 |
en tous les lieux que j'ai parcourus avec tous les enfants d'Israël. Ai-je dit un mot à l'une des Tribus d'Israël à qui j'avais commis la conduite de mon peuple d'Israël, et demandé: Pourquoi ne m'élevez-vous pas un palais de cèdre?
ئەمدى قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ سېنى خەلقىم ئىسرائىلغا باشلامچى قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن سېنى يايلاقلاردىن، قوي بېقىشتىن ئېلىپ كەلدىم، ــ دەيدۇ، | 8 |
Eh bien donc! tu diras à mon serviteur, à David: Ainsi parle l'Éternel des armées: Je t'ai tiré du pâturage où tu suivais les troupeaux, pour te faire prince de mon peuple, d'Israël;
ــ ۋە مەيلى قەيەرگە بارمىغىن، مەن ھامان سېنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ كەلدىم؛ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغاندەك سېنى ئۇلۇغ نام-شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدىم. | 9 |
et j'ai été avec toi dans toutes tes migrations, et j'ai exterminé tous tes ennemis devant toi, et je t'ai créé un grand nom, égal au nom des Grands qui sont sur la terre,
مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك، شۇنداقلا مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن ھازىر ساڭا ھەممە دۈشمەنلىرىڭدىن ئارام بەردىم. ئەمدى مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى قۇرۇپ بېرىمەن!» ــ دەيدۇ. | 10 |
et j'ai préparé un sol pour mon peuple d'Israël, et je l'ai planté pour qu'il demeure en place et ne soit plus agité, et que désormais les impies ne le tourmentent plus comme dans l'origine
et depuis le temps où j'ordonnai des Juges sur mon peuple d'Israël; et je t'ai assuré le repos de la part de tous tes ennemis; et l'Éternel t'annonce qu'il te créera une dynastie.
«كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن [ئۆلۈمدە] ئۇخلىغىنىڭدا، مەن ئۆز پۇشتىڭدىن بولغان نەسلىڭنى سېنىڭ ئورنۇڭدا تۇرغۇزۇپ، پادىشاھلىقىنى مەزمۇت قىلىمەن. | 12 |
Quand tu auras accompli le nombre de tes jours et seras gisant à côté de tes pères, j'élèverai après toi ton descendant issu de tes entrailles, et j'affermirai sa souveraineté.
مېنىڭ نامىم ئۈچۈن بىر ئۆينى ياسىغۇچى ئۇ بولىدۇ، ۋە مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدگىچە مۇستەھكەم قىلىمەن. | 13 |
C'est lui qui bâtira une maison à Mon Nom, et je consoliderai son trône royal pour l'éternité.
مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قەبىھلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ ساۋاق-دۇمبالاشلىرى بىلەن تەربىيە بېرىمەن. | 14 |
Je serai pour lui un père et il sera pour moi un fils, et, s'il s'égare, je le châtierai d'une verge humaine et de coups tels que sont ceux des fils de l'homme,
ئەمما مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆرۈۋەتكەن سائۇلدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلغىنىمدەك، ئۇنىڭدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلمايمەن. | 15 |
et je ne lui retirerai pas ma grâce, comme je l'ai retirée à Saül que j'ai fait retirer devant toi.
شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ۋە سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئالدىڭدا ھەمىشە مەزمۇت قىلىنىدۇ؛ تەختىڭ ئەبەدگىچە مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ». | 16 |
Et ta maison et ta souveraineté sont affermies pour l'éternité devant toi, ton trône est consolidé pour l'éternité.
ناتان بۇ بارلىق سۆزلەر ۋە بارلىق ۋەھىينى ھېچنېمە قالدۇرماي، داۋۇتقا ئېيتىپ بەردى. | 17 |
Nathan tint à David un langage conforme à toutes ces paroles et à toute cette révélation.
ئاندىن داۋۇت پادىشاھ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى، رەب پەرۋەردىگار، مەن زادى كىم ئىدىم، مېنىڭ ئۆيۈم نېمە ئىدى، سەن مېنى مۇشۇ دەرىجىگە كۆتۇرگۈدەك؟ | 18 |
Puis le Roi David se présenta devant l'Éternel, et il dit: Qui suis-je, Seigneur, Éternel? et qu'est ma maison pour que tu m'aies fait parvenir où je suis?
لېكىن، ئى رەب پەرۋەردىگار، [مېنىڭ بۇ مەرتىۋەم] سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى؛ چۈنكى سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىدىڭ؛ بۇ ھەممىلا ئادەمگە دائىم بولىدىغان ئىشمۇ، ئى، رەب پەرۋەردىگار؟ | 19 |
Et c'était encore trop peu de chose à tes yeux, Seigneur, Éternel; tu as aussi fait à la maison de ton serviteur une promesse à terme lointain! et tu as parlé comme les hommes le font entre eux, Seigneur, Éternel!
ئەمدى داۋۇت ساڭا يەنە نېمە دېسۇن؟ سەن ئۆز قۇلۇڭنى تونۇيسەن، ئى، رەب پەرۋەردىگار! | 20 |
Et qu'est-ce que David pourrait te dire de plus?… déjà tu connais ton serviteur, Seigneur, Éternel.
سەن سۆز-ۋەدەڭ ۋەجىدىن، ئۆز كۆڭلۈڭدىكىگە ئاساسەن بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھەممىسىنى قۇلۇڭ بىلسۇن دەپ بېكىتىپ قىلغانسەن. | 21 |
C'est ensuite de ta parole et de ta dilection que tu as fait toute cette grande promesse que tu as voulu révéler à ton serviteur.
شۇڭا سەن ئۇلۇغسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ قۇلاقلىرىمىز بارلىق ئاڭلىغىنىدەك، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوق، سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. | 22 |
Aussi, tu es grand, Dieu, Éternel! car tu es sans égal; il n'est pas d'autre Dieu que toi, d'après tout ce que nous avons ouï de nos oreilles.
خەلقىڭ ئىسرائىلدەك يەنە باشقا بىر ئەل بارمۇ، ئۇلار جاھاندا ئالاھىدە تۇرىدۇ؟ ــ چۈنكى [سەن] خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭگە خاس بىر خەلق قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا نام-شۆھرەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ باردىڭ؛ سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مىسىردىن، ئەللەردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان خەلقىڭ ئالدىدا زېمىنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلدىڭ. | 23 |
Et est-il sur la terre une nation, comme ton peuple, comme Israël, que Dieu soit venu racheter pour en faire son peuple et se créer un nom, et opérer pour elle le grand acte et les miracles que tu as accomplis pour ton pays à la face de ton peuple que pour toi tu as revendiqué de l'Egypte, de ses peuples et de ses dieux.
سەن خەلقىڭ ئىسرائىلنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەبەدگىچە بىر خەلق بولۇشقا بېكىتتىڭ؛ سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ. | 24 |
Ainsi, tu t'es assuré ton peuple d'Israël pour qu'il soit ton peuple à jamais, et toi, Éternel, tu es devenu son Dieu.
ئەمدى ھازىر، ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆز قۇلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆيى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەدەڭگە ئەبەدگىچە مەزمۇت ئەمەل قىلغىن؛ سەن دېگەنلىرىڭ بويىچە ئىشنى ئادا قىلغايسەن! | 25 |
Maintenant donc, Éternel, Dieu, donne un effet éternel à la promesse que tu as prononcée à l'égard de ton serviteur et de sa maison, et accomplis ce que tu as annoncé.
سېنىڭ نامىڭ ئەبەدگىچە ئۇلۇغلىنىپ: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان خۇدادۇر، دەپ ئېيتىلسۇن، شۇنداقلا ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-سۇلالىسى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن. | 26 |
Et qu'on magnifie éternellement ton nom en disant: L'Éternel des armées est le Dieu d'Israël, et que la maison de ton serviteur David soit permanente devant toi!
چۈنكى سەن، ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆز قۇلۇڭغا: مەن ساڭا بىر ئۆي-سۇلالە قۇرۇپ بېرىمەن، دەپ ۋەھىي قىلدىڭ؛ شۇڭا قۇلۇڭ بۇ دۇئانى سېنىڭ ئالدىڭدا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. | 27 |
Car toi-même, Éternel des armées, Dieu d'Israël, tu t'es révélé à ton serviteur et as dit: Je t'édifierai une maison! C'est pourquoi ton serviteur a trouvé son cœur prêt à t'adresser cette prière.
ئەمدى سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، بىردىنبىر خۇدادۇرسەن، سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقىقەتتۇر ۋە سەن بۇ بەخت-ئىلتىپاتنى ئۆز قۇلۇڭغا ۋەدە قىلدىڭ؛ | 28 |
Maintenant, Seigneur, Éternel, tu es Dieu, et tes paroles sont vérité, et tu as fait à ton serviteur cette, excellente promesse:
شۇڭا قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتىنى سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشقا نېسىپ قىلىپ بەرىكەتلىگەيسەن؛ چۈنكى سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، بۇنى ۋەدە قىلغانسەن؛ بۇ بەخت-ئىلتىپاتىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتى ئەبەدگىچە بەخت-ئىلتىپاتقا نېسىپ بولىدۇ». | 29 |
Veuille donc! et bénis la maison de ton serviteur, afin qu'elle soit à jamais sous ton regard; car c'est toi, Seigneur, Éternel, qui l'as promis et par l'effet de ta bénédiction la maison de ton serviteur sera bénie éternellement.